باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2736يوللانما
3مەستانە

ئەنگلىيەلىك بايۋەتچە ئۆي خىزمەتچىسى ياللىماقچى: يىللىق مائاشى 850 مىڭ يۈەن

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 18:00 4 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر سىز كىچىك بالىلارغا ئامراق بولسىڭىز، خىزمەت تېپىشىڭىز ۋە خېلى يۇقىرى كىرىم قىلالىشىڭىز ھازىرقى جەمئىيەتتە ئانچە تەس ئەمەس، مەيلى سىز ئەر ياكى ئايال بولۇڭ ئوخشاش، بۇ خىزمەت دەل ئۆي خىزمەتچىسى ياكى بالا باققۇچىلىق خىزمىتىدۇر.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسسى سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات قانىلى (CNBC) نىڭ 21-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، لوندوندىكى بىر بايۋەتچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۆيىگە تەجىربىلىك بىر ئۆي خىزمەتچىسى ئىزدەش توغرىسىدا ئېلان چىقارغان بولۇپ، بۇ ئۆي خىزمەتچىسىنىڭ تەمىناتىدا دۇنيانى ئايلىنىش، مىچېلىن تائاملىرى (Michelin food) بىلەن غىزالىنىش، يىلدا 100 مىڭ فوندستېرلىڭ (يەنى تەخمىنەن 850 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) مائاش بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر بايۋەتچە بالا تەربىيلەش مۇلازىمىتى تور بېكىتىگە ئېلان بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «بىز ھازىر تولىمۇ كەسىپچان بىر ئۆي خىزمەتچىسىگە ئىھتىياجلىق، ئۆي خىزمەتچىسىدە بالىلار پىسخىكىشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئۇنۋان بولۇشى، ئۆزىنىڭ بالىسى بولماسلىقى، ئاز دېگەندە 15 يىللىق بالا بېقىش، ئۆي خىزمەتچىلىكى قىلىش تەجىربىسى بولۇشى كېرەك.»

مەزكۇر بايۋەتچىنىڭ تەلەپلىرىدىن يەنە مۇنۇلار بار، كۆڭۈلدىكىدەك ئۆي خىزمەتچىسىدە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك، ئەگەر گۇمپا مەشىق قىلىپ باقمىغان بولسا، بىز قوبۇل قىلىنغان ئۆي خىزمەتچىسىگە گۇمپا مەشىق قىلىش كۇرسى ئۈچۈن پۇل تۆلەپ تەربىيلەيمىز. پۇلنى بىز چىقىرىمىز، بىراق ئۆي خىزمەتچىسى چوقۇم مەشىق قىلىشى كېرەك، بۇ چوقۇم ئورۇنلاشقا تېگىشلىك شەرت. ھېچ قانداق مەسلىھەتلەشكىدەك ئورۇن يوق.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ بايۋەتچىنىڭ ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرى، باربادوس (Barbados) شەھىرى (شەرقى كارب دېڭىزى كىچىك ئانتىللېس تاقىم ئاراللىرى (Lesser Antilles) نىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلاشقان) دە، كاپې توۋن شەھىرى (جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئاساسى قانۇن پايتەختى، غەربىي كاپې ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى، جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتى ۋە كۆپ قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق شەھەر) دە ۋە ئاتلانتا (ئامېرىكىنىڭ شەرقىدىكى شەھەر) دە ئۆيى بار، ئۇلارنىڭ تۆت بالىسى بار، بالىلارنىڭ يېشى 2 ياشتىن 15 ياشقىچە. ئۇلار ھازىر ئۆيدە يېتىپ قوپۇپ ئىشلەيدىغان بىر ئۆي خىزمەتچىسىگە موھتاج، ئۆي خىزمەتچىسى ئۇلار بىلەن بىللە دۇنيانى ساياھەت قىلسا بولىدۇ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش پۇرسىتى بار.

ئەلۋەتتە، بۇنداق ياخشى خىزمەتكە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ خېلى قاتتىق بولىدۇ.

قوبۇل قىلىنغان ئۆي خىزمەتچىسى ھەر ھەپتىدە ئالتە كۈن، ھەر كۈنى سەھەر سائەت 7 دىن كەچ سائەت 8 گىچە، كۈنىگە 13 سائەت خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئۆي خىزمەتچىسى يەنە چوقۇم بالىلار بىلەن بىرلىكتە دەرس ئوقۇشى لازىم.

ئۆي خىزمەتچىسى يەنە بالىلارنى مەكتەپتە ئېلىپ بېرىش ۋە ئېلىپ كېلىش، بالىلارنى لاگېر پائالىيىتى، دالا پائالىيىتىگە ئېلىپ چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، بۇ جەرياندا ئۆيدىكى ماشىنىلاردىن بىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، ئۆيدە بار ماشىنىلاردىن پورسچى (Porsche)، لەندىروۋېر (Land Rover Range Rover) ۋە ماسىراتى (Maserati) قاتارلىقلار بار.

قوبۇل قىلىنغان ئۆي خىزمەتچىسى يەنە ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. بايۋەتچە مۇنداق دېدى: «بىز ئۆي خىزمەتچىسىنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا نېمە ئىش قىلىشىغا ئارىلىشىۋالمايمىز. بىراق ھاراق ئىچىش ياكى زەھەر چېكىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، ئەگەر شۇنداق ئىشلار بايقالسا دەرھال خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ.»

ئۆي خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا بۇ بايۋەتچىنىڭ سالاھىيتى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق بالىلارنىڭ ئانىسى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسسى سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات قانىلىغا ئۆزلىرى چىقارغان ئېلاننىڭ ھەقىقەتەن راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

بۇ ئانا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسسى سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات قانىلىغا مۇنداق دېگەن: «ھازىرغا قەدەر بىز جەمئىي 300 دىن ئارتۇق ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالدۇق، بىراق كۆپ قىسىم ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىزنىڭ تەلىپىمىزگە ئانچە بەك ماس كەلمەيدىكەن. يەنە ئاز بىر قىسىم ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىزنىڭ كېيىنكى تاللاش نىشانىمىز قىلىپ بېكىتىلدى.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قوبۇل قىلىنغان ئۆي خىزمەتچىسى چوقۇم مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك ئىكەن. بالىلارنى تەربىيلەش مۇلازىمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئېلان تۇنجى قېتىم 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تورغا يوللانغان. تور بېكەت خىزمەتچىسى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسسى سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات قانىلىغا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى، ئېلان چىقارغان بايۋەتچە ۋە ئايالىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ۋە ئېلان مەزمۇنى ھەقىقەتەن راست.

تور بېكەت ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسسى سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات قانىلىغا مۇنداق دەپ ئۇچۇر يوللىدى: «بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە، بۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى گەرچە بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ئېلانلارغا ئوخشىمىسىمۇ، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيتى سەل ئالاھىدە بولسىمۇ، بىراق بۇ ئېلان راستتۇر.»

تور بېكەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە، جەمئىي 874 نەپەر بالا باققۇچى سودىگىرى بۇ ئېلاننى ئېچىپ كۆرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • UMD1 ئاي ئىلگىرى

    بالا باققۇچى سودىگىرى دىگەن قانداق سودىگەر ئەمدى

  • تەدبىركار1 ئاي ئىلگىرى

    يەنىلا ئۆز ئانىسى باققانغا يەتمەيدۇدە…

  • مەن شۇ1 ئاي ئىلگىرى

    مەن باسام بوغىدەك شەرىتلىرىگە چۈشىدىكەنمە

  • xaytan1 ئاي ئىلگىرى

    ئوۋ تەمىناتى بەكلا ياخشىكەن ئەپسۇس دۆلىتىمىزدە ماس كەلگىدەك
    ئادەم يوقدە بار دىگەندىمۇ 2چى دەرىجىلىك پىخسىكا كىنىشكىسنى كۆترىپ لىكسىيە سۆزلەپ پوچى يۈرگەندۇ ئايدا ئون يىگىرمە مىڭ پۇل تاپمەن دەپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号