باش بەت

ئادىلجان

5921يوللانما
34مەستانە

بۇ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشىكىنى قانداق ئېچىشنى بىلەمسىز؟

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 17:47 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پەن-تېخنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ھاۋا دىنامىكىلىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ماشىنىلارنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى ئۆزگىچە قىلىپ لايىھەلىنىدىغان بولدى، ئەنئەنىۋى ئىشىك تۇتقۇچى تەدرىجىي ھالدا يېڭى ۋە غەلىتە ئىشىك تۇتقۇچىلارغا ئورۇن بوشاتتى، بۇنىڭ بىلەن ماشىنىلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلىش شەكلىمۇ خىلمۇ خىل شەكىلگە كىردى. 

لەمبورگىنى Huracan: بۇ ماشىنا نۆۋەتتە لەمبورگىنىنىڭ سېتىش چېمپيونى ھېسابلىنىدۇ، ھاۋا دىنامىكىلىسىغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ماشىنىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى يوشۇرۇۋېتىلگەن، ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتا ئىشىك تۇتقۇچىنىڭ ئالدى ئۇچىنى بېسىپ ئارقا ئۇچىنى تارتىپ چىقىرغاندا ئىشىك ئاندىن ئېچىلىدۇ. 

نىسسان GTR: نىسسادن GTRنىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلىش شەكلى Huracanنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، GTRدا ئىشىك تۇتقۇچىنىڭ ئارقا ئۇچى بېسىلىدۇ، بۇ Huracanغا قارىغاندا سەل قولايسىز تۇيۇلىدۇ. 

فارارى 488: فارارىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى خېلى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بىۋاستە تارتىپلا ئاچقىلى بولىدۇ، ھېچقاندا قىيىن ئەمەس. 

تېسلا: تېسلانىڭ ئىشىك تۇتقۇچىمۇ ئىشىكنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇۋېتىلگەن، ماشىنا ئاچقۇچى يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئۆزى ئاپتوماتىك چىقىدۇ، پەن-تېخنىكا تۈسى ئىنتايىن كۈچلۈك. 

بېنز SLS AMG: بۇ ماشىنىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى سەل تۆۋەندىرەك، تىزگىنەكلىك ئاچقۇچ ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئاپتوماتىك چىقىدۇ. ئەمما ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى ئادەتتىكى تۇتقۇچ بولۇپ تارتسىلا ئېچىلىدۇ. 

ماكلارىن MP4-12C: كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ ماشىنىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچىنى تاپالمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ماكلارىندا ئەنئەنىۋى ئىشىك تۇتقۇچى يوق، ئىشىكنى ئېچىشتا بەل سىزىقىنى ئالدىدىن ئارقىغا قارىتا سىيرىسىلا قۇلۇپ ئىندۇكسىيەلىك ئېچىلىپ ئىشىك ئېچىلىدۇ، ئىنتايىن قالتىس. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • Tesla3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەشۇ كىچچىككىنە ئىشىك تۇتقۇچمۇ ھاۋادىنامىكىسىغا پەق قىلداى چېغىۋا

  • مىھمان3 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەممىدىن تىسلانىڭ بىرخىل ئىسىل ،،،،،،

  • ئىسىل4 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاۋۇ لەمبورگىنى كۆزەمدىن ئوت كەينىمدىن دۇت چىقىرۋەتتا، بەك ئۇز ئىسىل كۆرەندى كۆزەمگە ، خەپ مۇشۇنداق ماشىنا ئىلىش ئۈچۈن تىرىشمىسام ، گوۇ گوۇ غەيرەت قىل .

  • بەربىر4 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەييييي ھاڭۋاقتى سىزنىڭ كاللىڭىز راستىنىلا بەك بەك بەك بەك ئىشلەيدىكەن سىزگە قول قويدۇم

  • .............4 ھەپتە ئىلگىرى

    قىززىق گەپ قىلسىزدە ھاڭۋاقتى

  • ھاڭۋاقتى4 ھەپتە ئىلگىرى

    خىڭ... سانتانارىمنىڭ ئىشىكى قۇلۇپلىنىپ قالغاندا ئەينەكنىڭ ئارىسىدىن سىم تىقىپ قۇلۇپنى ئاچقانمەن، ئىشىنىمەنكى ئۇ كاتتا ماشىنلارنىڭ خوجايىنلىرى مەن قىلغاننى قىلاممايدۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号