باش بەت

جاھانكەزدى

14323يوللانما
5مەستانە

ئاپتوموبىل ئەينەك سۈيىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى بىلەمسىز؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 21:30 3 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىلى بار دوستلارنىڭ ھەممىسى ئەينەك سۈيىنى بىلسىمۇ، بىراق كۆپ قىسىم ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئەينەك سۈيىنى ئادەتتىكى سۇدىن پەرقى يوقتەك ھېس قىلىدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىلىغا سوپۇن پاراشوكى قوشۇلغان سۇ ھەتتا ئادەتتىكى سۇنى بىۋاسىتە قاچىلاپ ئىشلىتىدۇ. 

سوپۇن پاراشوكى قاتارلىق خمىيەلىك يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندە رېزىنكە تۇرۇبىلارنى ئاسانلا چىرىتىپ، سۇ پۈركۈش ئېغىزى توسۇلۇپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا گېنېراتورنى بۇزۇۋېتىدۇ ياكى يامغۇر سۈرتكۈچنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، ئەينەكنى سىزىۋېتىدۇ.

ياز كۈنلىرى، ئاپتوموبىلنى دەرەخ ئاستىغا توختاتقاندا ئاسانلا دەرەخ يىلىمى چاپلىشىپ قالىدۇ. دەرەخ يىلىمىنىڭ چاپلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، تازىلاشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئەينەك سۈيى بىلەن يۇيۇشتۇر.

بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ئەينەك سۈيىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى يازلىق ئەينەك سۈيى، قىشلىق توڭلىماس ئەينەك سۈيى ۋە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك توڭلىماس ئەينەك سۈيى دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە يازلىق ئەينەك سۈيى ئاساسلىقى ئەينەك يۈزىگە چاپلىشىپ قالغان ھاشاراتلار ۋە ئەينەك يىلىمىنى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. قىشلىق توڭلىماس ئەينەك سۈيى بولسا قىش پەسلىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغاندىمۇ توڭلاپ قالمايدۇ. ئالاھىدە ئۈنۈملۈك توڭلىماس ئەينەك سۈيى بولسا شىمالدىكى ئالاھىدە سوغۇق رايونلاردا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇس بولغاندىمۇ توڭلاپ قالمايدۇ. 

ئۇنداقتا ئەينەك سۈيىنىڭ زادى قانداق رولى ۋە ئىقتىدارلىرى بار؟

 

1. يۇيۇش ئىقتىدارى

ئاپتوموبىلغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئەينەك سۈيى كۆپ خىل سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىلار ۋە خۇرۇچلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىلار نەملەش، سىڭىش، ئېرىشچانلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بىلەن ئەينەكنى يۇيۇپ تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

2. توڭلاشتىن ساقلاش ئىقتىدارى

ئەينەك سۈيىدە يەنە ئىسپىرت، ئېتىلېن گلىكول بولۇپ، سۇيۇقلۇقنىڭ توڭلاش نۇقتىسىنى روشەن ھالدا تۆۋەنلىتىپ، توڭلاشتىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە مۇز ۋە قىراۋلانى تېز سۈرئەتتە ئېرىتەلەيدۇ.

3. بۇلغىنىشتىن ساقلاش ئىقتىدارى

ئەينەك سۈيى ئەينەك يۈزىدە بىر قەۋەت يەككە مولىكولىلىق قوغداش قەۋىتى پەيدا قىلىدۇ. بۇ قەۋەت قوغداش پەردىسى تۇمان دانىچىلىرى ھاسىل بولۇشتىن ساقلاپ، ئالدى ئەينەكنىڭ سۈزۈك، كۆرۈش دائىرىسىنىڭ ئېنىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

4. سىتاتىك ئېلېكتىرغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى

ئەينەكنى ئەينەك سۈيى بىلەن يۇغاندىن كېيىن، ئەينەك يۈزىدىكى ئېلېكتىر زەرەتلىرىنى يوقىتىپ، سىتاتىك ئېلېكتىرغا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

 

5. سىلىقلاش ئىقتىدارى

ئاپتوموبىل ئەينىكىدا ئېتىلېن گلىكول بولۇپ، چاپلاشقاقلىقى نىسبەتەن يۇقىرى. ئەينەك سۈيى سىلىقلاش رولىنى ئويناپ، ئەينەك سۈرتكۈچ بىلەن ئەينەك ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى تۆۋەنلىتىپ، ئەينەكنىڭ سىزىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ئەينەك سۈرتكۈچنىڭ ئاۋازىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

ئادەتتە ئاپتوموبىللارنىڭ كۆرسەتكۈچ سائەت يۈزىدە ئەينەك سۈيىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدىغان چىراغ بار بولۇپ، ئەگەر ئەينەك سۈيى تۈگەپ قالاي دېگەن بولسا، بۇ چىراغ يېنىپ، سۇ تولۇقلاشنى ئەسكەرتىدۇ. كۆپ قىسىم ئاپتوموبىللارنىڭ ئەينەك سۈيى قاچىلاش ئورنى ماتور بۆلمىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولۇپ، تۆت لىتىر ئەتراپىدا ئەينەك سۈيى قاچىلىغىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • wx.otmuxxaytan3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن تىخى ماشىن سىتۋالمىدىم

  • Tesla3 ھەپتە ئىلگىرى

    ناھايتى ياخشى مەزمۇنكەن بۇرۇن ئادەتتىكى سۇنى قاچلاپلا ئشلىتەتتىم بۇندا ئىقتىدارلىرنىڭ بارلىقىنى ئۇقماپتىمەن ئاپتورغا رەخمەت

  • سەۋىر3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئەزەلدىن ئادەتتىكى سۇ قاچىلاپ ئىشلىتىمەن ،قىشتىلا توڭلىماس سۇ ئىشلىتىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号