باش بەت

نۇسرەتگۈل

7704يوللانما
110مەستانە

ھىندىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈللەنگەن جاي--بومباي

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 19:51 8 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 23-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستان ھەمىشە ئۆزىنى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتتىكىلەر جۇڭگودىن مەيلى قايسى تەرەپتە يۇقىرى ئورۇندا تۇرسۇن، ھەتتا نوپۇسى كۆپ بولسىمۇ ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ. كۆپ قىسىم ھىندىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە بومباي دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈللەنگەن جايلارنىڭ بىرى. ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەر تارتقان بۇ سۈرەتلەردە بومباينىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

بۇ قۇرۇلۇشلاردا ئەنگلىيە ئۇسلۇبى تولۇق گەۋدىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ پويىز ئىستانسىسىنى 1878-يىلى بىر ئەنگلىيەلىك ئارخېتىكتور ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە تەختكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن لاھىيەلىگەن.

خۇشپۇراق ماتېرىياللار سېتىلىدىغان بۇ دۇكاننىڭ جازىلىرىغا ئەينەك قۇتىلارغا قاچىلاپ قويۇل رەڭگارەڭ تاۋارلار تىزىۋېتىلگەن. ئامېرىكىلىق فوتوگرافلار بۇنىڭغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىدى.

كېيىن ئۇلار بىلىپ-بىلمەيلا ھىندىستان دەرۋازىسىغا كېلىپ قالدى. بۇ جايدا ئادەم ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. ھىندىستان دەرۋازىسى 1911-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى جورج 5 ۋە خانىش مارىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ياسالغان.

بۇ بىر ئاددىي قۇرۇلۇش مەيدانى. بىراق، بۇ جايدىكى ئىشچىلار ئىش قىلغاندا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيمەيدۇ.

بومباينىڭ ھەممىلا يېرى گۈللەنگەن ئەمەس، بۇ جايدىمۇ ئوخشاشلا كۆلىمى ناھايىتى چوڭ نامراتلار مەھەللىسى بار. 

ھىندىستاندا كالىلارغا مۇقەددەس ھايۋانات سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ھىندىستاندا كالا ئۆلتۈرگەنلەر تۈرمىدە ياتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كوچىلاردا كالا ئۇچراپ قېلىشى تولىمۇ نورمال ئىش.

بومباي شۈبھىسىزكى خەلقئارالاشقان مەركىزىي شەھەر. بىراق، ئۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈللەنگەن جاي دېيىش ھەقىقەتەن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك. ھىندىستانغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ شەھەرنىڭ قالايمىقانچىلىق ۋە مەينەتچىلىككە تولغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بومباينىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكى ناھايىتى گەۋدىلىك بولغاچقا بەزىلەر ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرسە، بەزىلەر قاتتىق بىزار بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سۈيگۈم ئۈچۈن2 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستاندا كالا گۈشى يىمەيدۇ ،ئەگەر ئۇ يەردە كالا گۈشى ئۈگرىخانىسى ئاچسا ھىندىستانلىقلا ھەرگىز بوش قۇيۋەتمەيدۇ لىكىن نىمىشقا ھەممە يەر كالا پۇقى مەينەتچىلىك دىگەندە بەلكىم تازلاشقىمۇ كۈڭلى ئۇنىمىسا كىرەك

  • ئەلى2 ئاي ئىلگىرى

    نىمىلا دىگەن بىلەن بىزنىڭ ۈرۈمچىگە يەتمەيدۇ

  • بورا بورا2 ئاي ئىلگىرى

    ئا يولىدا ئاجەي دۇۋاڭگار كىتىپ بارامىدۇ نىمە ،

  • بىگىم2 ئاي ئىلگىرى

    ما خەخلە بېيجىڭ شاڭخەيلەنى كۆسە نىم بوپكىتە

  • مۇيەسسەر2 ئاي ئىلگىرى

    شەھەرنڭ ھەممە يېردە كالا پوقى تۇرسا نمدىگەن مەينەتچلك

  • يۈتەك2 ئاي ئىلگىرى

    قايسى بىر شەھەردە يوق ۇنداق ياخشى يەر بولسۇن يامان يەر بولسۇن

  • Rahul2 ئاي ئىلگىرى

    كالا ئۇلتىرەۋىردكەنغۇ بۇمبايدۇ ئاسساسلقى ھىندىلار ئۇلتەمەيدۇ قاكغان ھىندى ئەمەسلەر ھەر يىلى قۇربان ھىييتا كالا قۇي قۇرباننلق قىلىدغۇ

  • بۇلاق2 ئاي ئىلگىرى

    قارىغاندا ھىندىستاندا كالا گۆشى يىمەيدىغان ئوخشايدۇ ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号