باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8771يوللانما
423مەستانە

ھەرىكەتنىڭ كەمچىللىكى خامۇشلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 21:05 0 ئىنكاس چۈشتى

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە، تېلېۋىزور كۆرگەن ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولسا، خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

خامۇشلۇق كېسىلى كىشلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەل بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ %10 ئادەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، رىقابەت كۈچلۈك، خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن، ئالاقە دائىرىسى تار، ھەرىكىتى ئاز، ئۆيدە ئولتۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن بولۇشتەك ئامىللار تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىكەن. خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا ئۇزاق مەزگىلگىچە كەيپىيات تۆۋەن بولۇش، تەپەككۇرى ھەمدە ئىنكاسى ئاستىلاش، ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. ئېغىر بولغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئىستىكى پەيدا بولۇشى مۇمكىنكەن. 

بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى، پىسخىك ھالىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش، دائىم ئۆيدە ئولتۇرۇۋالماستىن باشقىلار بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىشى، مۇزىكا ئاڭلاپ بېرىشى كېرەك.


مەنبە: يارپ تورى

http://uy.xjaids.com/e/action/ShowInfo.php?classid=38&id=2369


 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号