باش بەت

نۇسرەتگۈل

7790يوللانما
112مەستانە

چاڭچۈنلۈك سودىگەرنىڭ ئامباردا تۇرۇپ كۆكىرىپ قالغان 160 مىڭ يۈەنى ئالماشتۇرۇپ بېرىلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 21:14 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەزەلدىن پۇل ساقلايدىغان ئادىتى بار. يېقىندا چاڭچۈنلۈك بىر سودىگەر ئامباردا ساقلىغان 160 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك كۆكىرىپ قالدى. ئۇ پۇللىرىنىڭ مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن بانكىدىن ياردەم سوراشتىن باشقا ئامالى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

بۇ سودىگەر بىر نەچچە بانكىغا بارغان بولسىمۇ، ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغان ئادەم تاپالمىدى. ئۇ ئاخىرىدا جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ چاڭچۈن خەلق مەيدانىدىكى تارماق بانكىسىغا بېرىپ كۈتۈلمىگەن خۇشاللىققا ئېرىشتى.

بانكا خادىملىرى بۇ پۇللارنى پاكىزە سوغۇق سۇ بىلەن بىر قېتىم، قايناق سۇ بىلەن ئىككى قېتىم يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن كۆكىرىپ قالغان داغلارنى ئاستا قىرىپ چىقاردى.

بۇ بانكىنىڭ مەسئۇلى سودىگەر ساقلىغان پۇللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆزى قاتنىشىپ، يۇيۇلۇپ بولغان پۇللارنى بىردىن-بىردىن تىزدى.

160 مىڭ يۈەن سانىلىپ خالتىلارغا قاچىلانغاندى، بانكىدىكىلەر ئۇ سودىگەرگە يېڭى پۇل ئالماشتۇرۇپ بەردى، سودىگەر بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندى. چۈنكى بانكا خادىملىرى بۇ پۇللارنى ساناپ بولۇش ئۈچۈن تولۇق بىر كۈن ۋاقتىنى سەرپ قىلغانىدى.

ساناپ رەتلىنىپ بولغان پۇللار ئەمدى كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنى ئەمدى ئوبوروتتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تىز پۈكمەس3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇف بىكارغا بەگەندەكلا ئىشلەنغۇ بۇ ئەمەليەتتە بىزمۇ بانكىغا ئاماشتۇرغىلى ئەكىرگەن پۇلنى تېخى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ دىسەم ھەممىسىنى شۇنداق كۆيدۈرۋەتسە زىيان بولمامدىغاندۇ

  • ئا .3 ئاي ئىلگىرى

    توۋا ھازىرقى شارائىتتا بانكىدا قويماي ئامباردا قويىدىغان تاغالاپ مال بولمىسا يە ئۇ بانكىلانىڭ مۇلازىمىتى شۇنداق ياخشى تۇرسا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号