باش بەت

بوغدا دوختۇرخانىسى

269يوللانما
2مەستانە

تۇرمۇشتا «ۋۇجۇدىڭىز»بىلەن كىرىشكەندە، مەسىلە ئۆزلىگىدىن ھەل بولىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 21:04 0 ئىنكاس چۈشتى

تۇرمۇشتا«ۋۇجۇدىڭىز»بىلەن كىرىشكەندە، مەسىلە ئۆزلىگىدىن ھەل بولىدۇ

20170324183344472.jpg

  جىنسىي تۇرمۇش-ئىنسانلارنىڭ قايناق ھېسسىياتقا ئەڭ باي پائالىيىتى شۇنداقلا ئەڭ ئاجىز قايناق ھېسسىياتلىق پائالىيىتى. كىشىلەر ھەر خىل بۇزغۇنچى ئامىللار (مەسىلەن جىدەللىشىش قاتارلىقلار)نىڭمۇ ئۇنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، بەزى  گۈزەل، ئالىيجاناپ نىشانلارنىمۇ جىنسىي تۇرمۇشقا زورمۇزور تاڭغاندا، ئوخشاشلا ئۇنى كاردىن چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. ھازىر شەھەرلەردىكى ياش ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى جىنسىيەتتىكى نىشاننى پەقەت پەرزەنتلىك بولۇش بىلەنلا چەكلەپ قويسا، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ لەززەتسىز بولىدىغانلىقى ھەتتا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئەمما پەقەت مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ياكى نىكاھىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈنلا بولغاندىمۇ جىنسىي  تۇرمۇشقا تەسىر يېتىدۇ، دېيىلسە، نۇرغۇن كىشى چۈشىنەلمەي قالىدۇ. ئۇلار بۇ جىنسىيەتنىڭ تامامەن ھەققانىي مەسئۇلىيىتى، ئۇنداق بولمىسا، ئەر-خوتۇن نېمىدەپ جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزىدۇ؟، دەپ قارايدۇ.

جىنسىي تۇرمۇش ئەر-ئايال ئىككىيلەندىن جەزمەن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ يەردىكى «ۋۇجۇد» ئېنىق ئىدىيە، كۆزقاراش ياكى نىيەتنىلا ئۆزئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، ئىككىيلەننىڭ ئۆزىمۇ سېزەلمەيدىغان ئاڭسىزلىقنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئىختىيارسىز ھالدا جىنسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھەببەت ۋە نىكاھقا تۈرتكە بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان، ئەمما تۇرمۇشنىڭ باشقا جەھەتلىرىدە ماسلىشىشى يېتەرلىك بولمىغان بولسا، دىققەت جىنسىي تۇرمۇشنىڭ جەريانىغا ئەمەس نەتىجىسىگە مەركەزلىشىپ قېلىپ، نەتىجىدە ئەكسىچە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىش ئىشقا ئاشمايدۇ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

ھەل قىلىش چارىسى بىرىنچىدىن ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ، ئىككىنچىدىن بىۋاسىتە توغرىدىن-توغرا ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ 2 زۆرۈر شەرت ئىچىدىكى 1- شەرت ئىككىيلەننىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇش. ئەمما ئىنتايىن كۆپ ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-خوتۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىككىيلەننىڭ پەرقى ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغاچقا، ئادەتتە دورىغىلا تايىنىپ ھەل قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا پىسخىك تەڭشەشتىن پايدىلىنىپ ئىككىيلەننىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنى ماسلاشتۇرۇش بىلەن بىر چاغدا، 2- شەرت جەھەتتە بەكرەك كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بالىلىرى سەل چوڭ بوپ قالغان بەزى ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى كېڭەيتىش ۋە بېيىتىپ، بۇ ئارقىلىق تۇرمۇشتىن پەيدا بولغان پسىخىك ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ قىزىقىشى ۋە قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا تېخىمۇ كۆپ شارائىتى ۋە پۇرسىتى بولىدۇ.

بەزى مەلۇماتلىق ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تويدىن كېيىن رومانتىك مۇھەببىتىنى ئەمەلىي جىنسىي مۇھەببەتكە ئۆزگەرتىش، ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئىلگىرىكى رومانتىك ھېسسىياتى ۋە تۈسىنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. تۇرمۇش يۈكى ئېغىر ئەر-خوتۇنلار ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن، لەززەت كۆرۈش ئۈچۈن پۇل خەجلەشتىن ئايانماي، بۇ ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى دىلخەستىلىكنىڭ كاشىلىسىنى تۈگىتىشى كېرەك. ھەرىكەتنى تۈزىتىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرىمۇ بار، ئادەتتىكى پرىنسىپ شۇكى، ئۆزى قىزىقىدىغان ھەرقانداق بىر خىل پائالىيەتتە ئۇنىڭدىن لەززەتلىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى قوزغاش ۋە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمما ياخشىسى كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. گېزىت-ژۇرناللاردىكى ماقالىلەر سىزگە ئەڭ ئاساسىي قائىدىلەرنىلا ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. جىنسىيەت غايەت زور فونكسىيىسىنى جارى قىلدۇرالىسىمۇ، تۇرمۇشنىڭ باشقا تەرەپلىرىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۇنچىۋالا كۆپ نورمىدىن ئارتۇق يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. كىشىلەر جىنسىيەت مەسىلىلىرىگە بارغانسېرى ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، سىزنىڭمۇ مەسىلىنىڭ بۇ تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات مەركىزى ماتېرىيالغا تەمىنلىگەن.

20170324182952174.jpg 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号