باش بەت

del103

3766يوللانما
9مەستانە

يېڭى ئەۋلاد iPhoneغا Apple Pencil سەپلىنىشى مۇمكىن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 22:33 10 ئىنكاس چۈشتى


cnbeta تورى 24-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر يىل بۇرۇن ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك بىر باھالاش دوكلاتىدا ئۆزىنىڭ iPhoneدا Apple Pencil (ئالما ئېكران قەلىمى)نى ئىشلىتىپ باققانلىقىنى ئورتاقلاشقان، ئۇنىڭ دېيىشىچە، Apple Pencil ئارقىلىق iPad ياكى iPhoneدا ئىجادىيەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن. چەتئەل تاراتقۇسى Patently Apple ئىلگىرى Apple Pencilگە ئائىت بىر قاتار پاتېنت تۈرىنى تونۇشتۇرۇپ خەۋەر ئېلان قىلغان، بۇ تور بېكەت بۈگۈن Apple Pencilگە ئائىت ئەڭ يېڭى پاتېنت ئىلتىماسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىدى، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتى بۇ قېتىم Apple Pencilنى iPhone غا ئىشلىتىدىكەن.

بۇ پاتېنت ماتېرىيالىدا ئالما شىركىتى «ئەقلىيفون ياكى تاختا كومپيۇتېرنىڭ سېزىمچان ئېكرانى» دېگەن سۆزلەرنى تىلغا ئالغان، ماتېرىيالنىڭ ئاخىرىغا ئەقلىيفون بىلەن تاختا كومپيۇتېرنىڭ iPhone ۋە iPadنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق شەرھىلەنگەن. ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يېڭى پاتېنتى Apple Pencilنىڭ ئورۇننى تېخىمۇ توغرا بەلگىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، Apple Pencilنىڭ سېزىمچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرالايدىكەن.

ئالما شىركىتى پاتېنت ماتېرىيالىدا:

«يېڭى بىر ئەۋلاد iPad Pro ئېكرانىنىڭ يېڭىلىنىشى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، Apple Pencilنىڭ سەزگۈرلۈكى تېخىمۇ ئاشىدۇ، تېخىمۇ تەبىئىي ۋە راۋان ئىشلەيدۇ. iPhoneغا ئوخشاش مۇشۇنداق ئۈسكۈنىلەرگە نىسبەتەن، بۈگۈن ئېلان قىلىنغان پاتېنت تېخنىكىسى دەل Apple Pencilنىڭ iPhoneدىكى سەزگۈرلۈكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ» دېگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ پاتېنت تېخنىكىسىنىڭ نىشانى ھەرگىزمۇ رەسىم سىزىش ئەمەس، بەلكى خاتىرە قالدۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ئىكەن.

سامسۇڭ شىركىتى 23-ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى Galaxy Note 8نى ئېلان قىلدى. تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە، ئالما شىركىتى كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا كىچىكلىتىلگەن Apple Pencilنى قوللايدىغان يېڭى نۇسخىدىكى iPhone ئېلان قىلىپ، سامسۇڭ بىلەن تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتكە چۈشىدىكەن. كونكرېت ئېيتقاندا، ئېكران قەلىمى سەپلەنگەن iPhone كەلگۈسىدە سامسۇڭنىڭ Galaxy Note 8 يانفونى بىلەن رىقابەتلىشىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قادى قوناق1 ئاي ئىلگىرى

    ما قەلەمنى ئالما باشتا چىقارغانغۇ،مشۇ سامسۇڭ كۆچۈرۈۋىلىپ قىلىنلىق قىلىشلىرى بادە بىيەدە

  • كۈنلەرنىڭ بىرىدە1 ئاي ئىلگىرى

    ئەكرەم بىلەن مېھمان خو باشقىلارنىڭ سۇ تېگىدىكى پاقا ئاغزىغا كەلگىننى جۆيلىيدۇ ئالما شىركىتى ھېچقانداق 1 شىركەتنى دورىمايدۇ.ئالما شىركىتى قىلغان ھېچقانداق 1 شىركەت قىلالمايدۇ سونىي شىركىتىدىن باشقا كۆتە سېسىق ، سامساڭن مېنىڭ نەزىرىمدە ئالما بىلەن سونى ئەڭ قالتىس

  • ئومەر1 ئاي ئىلگىرى

    ئالمنڭ موستەقل سېستېميسي با ئندۇري دەك ئېجارە ئەپ ئشلەتمەيدۇ

  • تىمتاس1 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇنى كۆرۈپ ئالما راستىنلا تۈگىشىپتۇ دىدىم.چوبىس بۇرۇن يانفون لاھىيەسىدە ئەڭ ئۆچ ئۈچ لاھىيەدنى ئىيتىپ ئىزچىل باشقىلارنى مازاق قىلىپ كەلگەن.يەنى 1.تاق قولدا تۇتقىلى بولمايدىغان چوڭ ئىكران2.ئاق قارىدىن باشقا زىيادە كۆپ رەڭلىك نۇسقىسى چىقىرى خىرىدارلاغا تاللاش قىيىن بولۇش3.يانفونغىمۇ چەكمە قەلەم ئىشلىتىش.مانا ھازىرقى ئالمىنىڭ تەرەققىياتى دەل مۇشۇنداق بولىۋاتىدۇ

  • ھۈسەنجان1 ئاي ئىلگىرى

    شۇ ئەمەسمۇ تېخنىكىدا ئالما سەنشىڭنىڭ ئارقىسدىن ماڭىدۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىلغار تېخنىكا سەنشىىڭدا مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ بۇنى ھەر قانداق بىر تېلىفۇن خۇمارلار بىلىدۇ

  • توغۇر1 ئاي ئىلگىرى

    مانا دوراپ ياساشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ، سامسۇڭنىڭ قەلىمىنى دورا دېسە شۇنداقمۇ دورامدۇ.

  • 1 ئاي ئىلگىرى

    دوراشنىمۇ تۈزۈك قىلالماي بىرە يىلدا دوراپ ئاران ياسايدۇ بۇ تىخنىكىنى ، سامسۇڭ يىڭلىق ياتىپ تۇردۇ ئالما دوراشنىمۇ قالماشتۇرالماي

  • ئەكرەم1 ئاي ئىلگىرى

    ئەنسىرمەڭلار ئالما ھەرگىزمۇ قەلەم سەپلىمەيدۇ، چۈنكى ئالما ئۇنداق دۆت ئەمەس، قەلەم سەپلەپ بىر ئوبدان تېلىفۇننىڭ سۈپىتىنى بۇزۇدىغان، ئالما دىگەن يا زاپار تېلىفۇن بولمىسا

  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە قەلەم ساقلىمىغىنى ياخشى، كىچىك بالىدەك قەلەم كۈتۈرۈپ يۈرىدىغان چاغ نەدە قالدى ھازىر، ھەم قەلىمى بار تېلىفۇن بىرخىل زاپار چىراي تۇرىدىكەن، چۈنكى بۇرۇن ئىكرىنى ياخشى سەزمەيدىغان تېلىفۇنلاردا باتتى ئۇنداق قەلەم

  • 1 ئاي ئىلگىرى

    يارىماس ئالما سامسۇڭ نىمىنى قىلسا شۇنى ئارزاق ئۆزگەرتىپلا كۆچەگەن بۇ ئىكران قەلمىنى iphone 9 غا ئىشلىتىدۇ يىڭلىق دەپ ھە قاچان ،
    ۋاي نۇمۇس ، ئالمىچىلا يەنە ماختاپ ئىشلىتىدۇ ، ھەممىسى سامسۇڭنىڭ تىخنىكىسى ، ناۋادا سامسۇڭ بولمىسا ئالما بىر كىسىەكنىڭ ئۆزى بولغىدەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号