باش بەت

نۇسرەتگۈل

7095يوللانما
89مەستانە

ئاۋسترىيەدە 20 مىڭ لېتىر پىۋىدىن پىۋا مۇنچىسى ياساپ چىقىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-25 12:35 5 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 25-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاۋسترىيەنىڭ Starkenberger شەھىرىدە بىرەيلەننىڭ بىر ھاراق زاۋۇتى بار بولۇپ، بۇ زاۋۇتتا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر پىۋا كۆلچىكى بار. 15 يىل ئىلگىرى بۇ زاۋۇتنىڭ غوجايىنىنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز پىۋا كۆلچىكى ياساش خىيالى پەيدا بولدى.

بۇ كۆلچەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 24 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ھەرخىل پىۋىلاردىن 20 مىڭ لېتىر قۇيۇلىدۇ. خېرىدارلار بۇ پىۋا مۇنچىسىنىڭ ھورداققا ئوخشايدىغانلىقىنى، پەقەت شۇ بەزىدە ئۆزىنى قاينامغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىۋا مۇنچىسى كالا تەمرەتكىسىگە پايدا قىلىدىغان بولۇپ، تېرىگە ناھايىتى پايدىلىق ئىكەن، چۆمۈلۈپ چىققانلار تېرىسىنى باشقىچە يۇمشاپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مۇنچىغا كىرىپ چىققانلار دەرھاللا يۇيۇنۇۋەتمەيدىكەن.

بۇ خىل يېڭى شەكىلدىكى پىۋا مۇنچىسىدىن دۇنيادا پەقەت بىرىلا بار، بۇ مۇنچىدا يۇيۇنۇش ئادەمگە ئۆزگىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. خېرىدارلار ئورۇننى زاكاز قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرى پىۋا قۇيۇپ ئىچكەچ پىۋىغا چىلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بەختىيار.1 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلار پىۋىغاچىلانغاچ ئۆزلىرى چىلانغان پىۋىنى ئىچىپ ئولتۇرىدىكەندە ،

  • ئادىلجان1 ئاي ئىلگىرى

    ئىككسىى ئىككى جايدىكى ئىككى دۆلەت ،،.

  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    ئىككىسى ئىككى دۇلەت بىرى ئۇكيانىيە قىتەسىدىكى چوڭ دولەت ئاۋىستىرالىيە . ئاۋىستىرىيە دىگەن ياۋرۇپادا

  • ئ‍ەپچىلەم11 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ئاۋىستىرالىيە ۋە ئاۋىستىرىيە ئىككىسى بىر دۆلەتمۇ ياكى ئايرىم ئايرىم دۆلەتمۇ ؟

  • ئۆزۈم1 ئاي ئىلگىرى

    ئادەملەرنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇپ بەرسە چۈمۈلىدىغانلارنىمۇ چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ ...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号