باش بەت

مەستان

245يوللانما
6مەستانە

ئېلون ماسك نىيۇيورك شەھىرىدە يەر ئاستى تونېل قېزىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-25 14:30 1 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

«فوربېس»نىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 25-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېلون ماسك (Elon Musk)نىڭ تونېل قېزىش شىركىتى چوڭ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن: بۇ شىركەتنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى ئىككى كوچا ۋە كىچىك تىپتىكى ئايرودورومنىڭ ئاستىدا تونېل قېزىش ئىلتىماسى شەھەر مەمۇرىيىتىدىكى بېلەت تاشلاشتا تۆت قوللاش بېلىتىگە، بىر قارشى تۇرۇش بېلىتىگە ئېرىشىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن.

SpaceXنىڭ باش ئىشتابى لوس ئانجىلىستىكى خورسانغا جايلاشقان. SpaceXنىڭ تىجارەت يۇقىرى دەرىجىلىك باش تەپتىشى، Boring Co كوللىكتىپىنىڭ ئەزاسى بىرېت خورتون (Brett Horton) تونېل قېزىش خىزمىتىنىڭ يەر يۈزىدىكى قاتناش ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقى، تونېل قېزىشتىن كېلىپ چىققان توپا تاشلارنى ئۆز ۋاقتىدا يۆتكەپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا خورسان ھۆكۈمىتىگە ۋەدە بەردى. خورتون شۇ جاي ۋاقتى 22-ئاۋغۇستتىكى يىغىندا سۆز قىلىپ: «بارلىق خىزمەت يەر ئاستىدا ئورۇندىلىدۇ، بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز ۋە ئۈسكۈنىلىرىمىز كوچىدا ئورۇن ئىگىلەپ تۇرمايدۇ» دېدى.

ماسك بۇ يىل يىل بېشىدا Boring Coنى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خورتون خورسانغا Boring Coنىڭ پەقەت ئالتە نەپەر تولۇق ۋەزىپىلىك خىزمەتچى بارلىقىنى، باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ Boring Coغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. Boring Coنىڭ قوزغىتىش مەبلەغ سانى سورالغاندا خورتون ئۇخمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Boring Coنىڭ باياناتچىسى خورسان ئەمەلدارلىرىنىڭ بېلەت سانىغا قارىتا باھا بەرمىدى، شىركەتنىڭ پىلانىنىمۇ مۇلاھىزە قىلمىدى.

قۇرۇلۇش قىلىش لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى ئىنگىلىز مىلى (تەخمىنەن 3.2 كىلومېتىر) كېلىدىغان تونېل يەر ئاستىدا 22 ئىنگىلىز چىسىدىن 44 ئىنگىلىز چىسىغىچە (6.7 مېتىردىن 13.4 مېتىرغىچە) كېلىدۇ، تاشقى دىئامېتىرى 13.5 ئىنگىلىز چىسى (4.1 مېتىر)، ئىچكى دىئامېتىرى 12 ئىنگىلىز چىسى (3.65 مېتىر) كېلىدۇ، ئادەتتە دائىم ئۇچرايدىغان تونېللاردىن كۆپ كىچىك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېزدەن3 ئاي ئىلگىرى

    نۇر توردىكلە ئىلون ماسىكنىڭ تەرجىمھالىنى تولۇق يوللاپ بەرگەن بولساڭلا ……………

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号