باش بەت

مەستان

186يوللانما
7مەستانە

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى: iPhone 8نىڭ باھاسى 999 دوللاردىن باشلىنىدۇ

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-25 15:47 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ شىركىتى Galaxy Note 8نى يېڭىلا ئېلان قىلدى، گەرچە يانفون سەپلىمىلىرى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن باھاسى 929 دوللارغا بېكىتىلىپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا كۆپ ئاشتى. 9-ئايدا ئالمىنىڭ iPhone 8دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن بولغان يېڭى ئەۋلاد iPhoneى ئېلان قىلىنىدۇ، باھاسى ئەلۋەتتە Galaxy Note 8دىنمۇ قىممەت بولىدۇ، ھازىرقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئالمىنىڭ ئون يىللىق خاتىرە ئەھمىيىتىگە ئىگە بۇ يېڭى iPhoneنىڭ باھاسى 999 دوللارغا بېكىتىلىدىكەن.

ئامېرىكا تاراتقۇسى «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، بەزى سانلىق مەلۇماتلار iPhone 8نىڭ باھاسىنىڭ 999 دوللار (6658 يۈەن، بۇ ئامېرىكىدىكى باھاسىنى كۆرسىتىدۇ، ئېلىمىزدە كىرگەندىن كېيىن قايتىدىن باھا بېكىتىلىدۇ) بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇندىن بۇرۇنلا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇچۇرىدا يېڭى iPhone 8نىڭ سېتىلىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1200 دوللارغا يېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئەمەلىيەتتە Fast Company خېلى بۇرۇنلا iPhone 8نىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ 1000 ياۋروغا بېكىتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

نۆۋەتتىكى تارقىلىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەرگە قارىغاندا، يېڭى iPhone 8غا 5.8 دىيۇملۇق پۈتۈن ئىكران سەپلەنگەن بولۇپ، بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارى چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا ئالماشتۇرۇلغان، ئارقىسىغا قوش كامېرا سېستىمىسى تىكسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىچىگە يېڭى ئەۋلاد A11 Fusion بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. بەلكىم مۇشۇلار يېڭى iPhone 8نىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە «پادىشاھ نۇسخىسى» دەپ ئاتالغان 256GBلىق iPhone 7 Plusنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش باھاسى 969 دوللار، دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى بولسا 7988 يۈەن، يېڭى ئېلان قىلىنىش ئالدىدىكى iPhone 7s Plus بەلكىم ھازىرقى 7 Plus باھاسىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن، ئەگەر شۇنداقلا بولسا يېڭى iPhone 8نىڭ باھاسى بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى تۇرغانلا گەپ. مۆلچەردە iPhone 8نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 8688 ئەتراپىدا بولىدۇ.

iPhone 8نىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بۇ يىل ئىچىدە سېتىۋېلىش تەس. چۈنكى خەۋەرلەردە iPhone 8نىڭ يېڭىلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شۇ سەۋەپلىك ئىشلەپچىقىرىش سانىغا چەك قويۇلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. شۇڭا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سېتىۋېلىشنى ئويلىسىڭىز سىزدە چوقۇم يېتەرلىك پۇل ۋە تەلەي بولىشى كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号