باش بەت

ئادىلجان

5972يوللانما
34مەستانە

سامسۇڭ Note 8 دۇنيا مىقياسىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئالدىن سېتىلىشقا باشلىدى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-25 18:00 26 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 25-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ ئېلېكترونىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى Galaxy Note8 ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتتە ئالدىن سېتىلىشقا باشلىغان، Galaxy Note8نىڭ 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 929 دوللار ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا، باجدىن كېيىن باھاسى 1000 دوللار  (تەخمىنەن 6682 يۈەن)غا يېقىنلىشىشى مۇمكىن.

ئىگىلىنىشچە، سامسۇڭ  Note يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىغا ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي سەپلىمىلىرى بولغان قوش كامېرا، ئەگمە ئېكران، سىناپدراگون 835 بىر تەرەپ قىلغۇچ، Live Message قاتارلىقلار سەپلەنگەن، Note 8 كورېيەدە 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالدىن سېتىلىشقا باشلايدۇ، جۇڭگودا بولسا تورغا كىرىپ بولدى، ئەمما باھاسى تېخى بېكىتىلمىدى. كەسىپ ئەھلىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، Note 8نىڭ كورېيەدىكى باھاسى ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردىكى باھاسىدىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 

ھالبۇكى چۈشتىن بۇرۇنقى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئۇچۇر خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، iPhone 8نىڭ باشلىنىش باھاسى تەخمىنەن 999 دوللار (نۆۋەتتىكى پېرىۋوت نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن 6659 يۈەن بولىدۇ) بولىدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا Note 8 بىلەن iPhone 8نىڭ باھاسى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسە كېرەك، بىرى iOS سىستېما، يەنە بىرى ئاندىرويىد سىستېما، سىز قايسىسىنى سېتىۋالىسىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابدۇرۇپ ،09032 ھەپتە ئىلگىرى

    三星 دىگەننى داملاپ يۈرمىسەكمۇ خەقنىڭ پۇچۇق ئالمىسىدن مىڭ سەسسە ياخشى ،
    ھەممە ئادەم بىلىدۇ پۇچۇق نەسىنىڭ قانداقلىقىنى ،

  • جېك4 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما دىگەن يەنە ئالما

  • 3.144 ھەپتە ئىلگىرى

    سېستىما ئەخلەق ئەمەس،ئۆزەڭلار ئەخلەت،كۆزئەينەك توپا بولسا جاھانغا قارىسا توپا كۆرۈنىدۇ،كۆزئەينىكنى سۈرتىۋېتىپ قارىسا ياكى ئىلىۋەتسە باشقىچە كۆرۈنىدۇ،ئىشلىتىشنى ئۇخمىسىلا ئەخلەت دىگەن،تورداشلارنىڭ دىگىنى تۇغرا،بىز تېلفۇننى باشقۇرىمىز،تېلفۇن بىزنى ئەمەس،ئەركىن بولغانغا ھىچنىمە يەتمەيدۇ.ئالمىنى چاۋشەنگە ئوخشاتساق، ئاندروئىدنى ئامرىكا ئوخشىتىمىز.تۈرمىدىن قاچۇرغان ئالما شۇ ئامرىكىغا بېرۋالغان چاۋشەنلىككە ئوخشايدۇ.

  • abc4 ھەپتە ئىلگىرى

    نەدە s8نىڭ ئىختىدارى ئالمىدىن ئارتۇقكەن؟سۈرئەت سىنىقىدا ئالما 6sنىڭمۇ s8نى قوشاپ ھەرقانداق ئاندىرويىد تىلفۇننى مەغلۇپ قىلىدىغىننى بىلەشمەملا؟ئالما 6sنى مەغلۇپ قىلالىغۇدەك ئاندىرويىد تىلفۇنى كىلەر يىلى چىقىدۇ.سىستېمىسى شۇ تېخى ئەخلەت سىستىما

  • سەنسىز4 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە سامسۇڭ نوتى 8ئى تاللايمەندە ، چۇنكى ئالما بۇرۇنمۇ ھەم بۇندىن كىيىنمۇ سامسۇڭغا يىتەلمەيدۇ ، ئاددىسى ئىكراننىڭ سۇزۇكلىكى ،ئاپراتنىڭ سۇزۇكلىكى ئىشلىتىشنىڭ قولايلىقى دىگەندەك ھەر جەھەتتىن ئالما سامسۇڭغا يىتەلمىدى ،
    سامسۇڭنى قىتىۋالىدۇ دىگەنلەر ئىككى ئۇچ يۇز كويلۇق ئاندىروھىدنى ئىشلىتىۋاتقانلار ، نوتى تۇردىكى ئەس تۇردىكى سامسۇڭلارنى ئەمەس 2 مىڭ كويلۇق سامسۇڭنى بىر ئىشلىتىپ بىقىپ ئاندىن قاتىدىغان توغۇرسىدا ۋالاقشىڭلار ،
    ئالمىنىڭ يا تور سۇرئىتى ئىشتىك ئەمەس ، سىمسىز تورنىڭ تارتىشىمۇ ياخشى ئەمەس ،ئىكران تىخىچە مىڭ كويلۇق ئاندىروھىتلار نىڭكىدەك 1080p ئىكران ، ئالما تىخىچە amolid ئىكران ئىشلىتەلمەتىدۇ ، سامسۇڭدەك ئىشلىتىش قولاي ئەمەس ، ئەسلى تىلفۇن ئىشلەتكۇچىنى ئەمەس ئىشلەتكۇچى تىلفۇننى باشقۇرۇش كىرەك ، توكى يىرىم كۇن يەتسە ئىشتانغا توك قاچىلىغۇچ ئىسىپ نەگە بارسا توكقا چىتىپ يۇرگەن ئالمىچىلار ، سامسۇڭدەك قورقىماي ئىككى كۇن ئىشلىتەلمەيدۇ ، ئالمىغا aidi بولمىسا تور بولمىسا تورغا ئۇلاغلىق كومپىيوتىر بولمىسا ۋەي ۋەيدىن بۆلەك ھىچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ ، سامسۇڭدەك ئەركىن باشقۇرۇپ ئوينىغىلى بولمايدۇ ، ئالمىنىڭ ئىكراننىڭ بىكار يەرلىرى بەكلا جىق سامسۇڭدەك تار گىرۋەك تەك ئىشلەشكە ئاز دىسە 5 يىل كىتىدۇ ئالما ئۇچۇن ، دەپ كەلسەك ئالمىدىن سامسۇڭنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بۇ يەردە سۆزلەپ تۇگەتكىلى بولمايدۇ ، پەقەت ئۇنىماي جاھىللىق قىلىپ ئالما ئالما دەپ كەتلەنلەر پۇلغا چىدەپ سامسۇڭ نوتى 8 نى s7 s8 a9 pro دىگەنلەرنى ئىشلىتىپ باقساڭلار ئالما كۆتىرەپ يۇرگەنگە ئىسىت دەپ نۇمۇس قىپ قالىسىلەر ،
    ئىسىل دە سامسۇڭنىڭ يانفۇنلىرى ئىسىل ،
    200 يۇز كويلۇق سامسۇڭمۇ ئالما 8 دىن ئىسىل ،
    يانفۇنلارنىڭ بايراقدار غوجىسى سامسۇڭ

  • سۈرخان71 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ تېلفۇن بەك ياخشى ،سامسۇڭ بولمىسا ئالمىنىڭ زاپچاسلىرى نەدىكە،ئالمىسىز سامسۇڭ ھىچنىمە بولمايدۇ ،سامسۇڭسىز ئالما ئۆلىدۇ،سامسۇڭنىڭ كونا پاتنىت تېخنىكىلىرىغا ئازىراق ھۈنەر قۇشۇپلا يېڭىلىق دەپ نۇمۇس قىلماي بازارغا سالىدىكەن،تىم كۇك چېغىدا سامسۇڭ ئىشلىتۋاتسا بىز ئالما ئىشلىتەمدۇق

  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    يەنە شۇ سۇپىتى ناچار ئەخلەت تىلفۇن يەنە شۇ ئەخلەت سىتىما . بۇ يەردە ئاندىرۇيىتنى ئاممىۋى ئوبۇرنى دىمەكچىدە ،

  • پۇرچاق1 ئاي ئىلگىرى

    abaسىز بىلمەيدىغان ئوخشايسىز ،s8نىڭ ئىقتىدارى ئالمىنىڭكىدىن خىلىلا يۇقىرى،بۇنداق تۇرغان يەردە not8 نىڭ ئىقتىدارى قانداق بۇلۇپ كىتەر ،چىراي تۇنۇش ئىقتىدارىمۇ absبارتىخى ،ئالمىنىڭ بارمۇ ھە ؟

  • abc1 ئاي ئىلگىرى

    بۇنىمۇ دىيىش كىتەمدۇ ،ئەلۋەتتا ئالمىدە،note8دىگەنمۇ بەرىبىر ئاندىرويىد تۇرسا،سەپلىمىسىمۇ كونا ،ھىچقانداق يىڭىلىق يوق.سۈرئىتى ئايفۇن 6sتىنمۇ ئاستا ،galaxy s8دىن ھىچنىمىسى پەرىقلەنمەيدۇ،قەلەمدىمۇ بىر كونا سەنەم،ئاندىرويىد يانفۇنىنىڭ ئىسىم ئۆزگەرتىپ بازارغا سالغىنى دىگەن شەرىتكە تولۇق چۈشىدۇ.پۇلۇڭلارنى بۇزماي بەك قىىزىقىپ كەتكەنلەر galaxy s8ياكى s7ئىشلىتىڭلار .كاللاڭلار ئىشلىسە

  • سەنسىز1 ئاي ئىلگىرى

    ھەي نۇرداشلار بىزنىڭ سۈرخان يوقيا ماۋۇ ئىنكاستا ، ھەي بىچارە سامسۇڭنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىماي چىداپ ئولتۇرالىغانمىدۇ ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号