باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

لى جائېيوڭنىڭ ئادۋوكاتى: سوت ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلمايمىز، نارازىلىق ئەرزى سۇنىمىز

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-25 20:00 5 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«رېيتېر ئاگېنتلىقى»نىڭ 25-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالتە ئايلىق سوتلاشتىن كېيىن سامسۇڭ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدېرى، شىركەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى لى جائېيوڭغا 1-سوتتا بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. بىراق ئۇنىڭ ئادۋوكاتى سوت ھۆكۈمىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «1-سوتنىڭ ھۆكۈمىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بىز نارازىلىق ئەرزى قىلىمىز».

سېئول مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسى بۈگۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، لى جائېيوڭنى كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاك گۆنھيېگە پارا بېرىپ نەپكە ئېرىشمەكچى بولغان دېگەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، لى جائېيوڭ يەنە ئومۇمنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە چەتئەلدىكى مەبلىغىنى يوشۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرى باركەن.

49 ياشقا كىرگەن لى جائېيوڭ كورېيە سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئىزباسارى ئىدى، 2-ئايدىن بېرى ئىزچىل قاماقتا تۇرغان. تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى سابىق زۇڭتۇڭ پاك گۆنھيېگە پارا بېرىپ، ئۆزىنىڭ سامسۇڭ گۇرۇھىدىكى ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولغان دەپ ئەيىپلىگەن. سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە ئۆزەك ياساش شىركىتى سامسۇڭ ئېلېكترونى بار، ئۇلارنىڭ كەسپى دورىگەرلىك، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، سۇغۇرتا ۋە مېھمانخانا قاتارلىقلارنى قاپلىغان.

بىراق، لى جائېيوڭ ھېچقانداق جىنايەتنى بوينىغا ئالمىغان.

ئۇنىڭ ئادۋوكاتى سوڭ ۋۇچول مۇنداق دېگەن: «بىز 1-سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنىمىز. 1-سوتتىكى بارلىق ھۆكۈملەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. سوت مەھكىمسى ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ پاكلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ».

كورېيە قانۇنىغا ئاساسەن ئۈچ يىلدىن يۇقىرى جازانى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىكەن. بەش يىللىق جازا كورېيە سودا ساھەسىدىكى رەھبەرگە بېرىلگەن ئەڭ ئۇزۇن جازاكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • سۈرخان5 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي مۇرەببىم ،ياش تۇروپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن مۇرەببىم ،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويغان مۇرەببىم

  • ؟؟؟5 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقىي سۈرخان يوق ، ھازىر.سامسۇڭ ھەققىدە ئىنكاس يېزىۋاتقانلار سۈرخاننىڭ نەۋرە چەۋرىلىرىدۇر

  • ئايپەد پرو5 ئاي ئىلگىرى

    ساراڭ نىمىكەن بۇ سۈرخان ئىسىملىك بەكلا .

  • بېشىم ئاغرىيدۇ5 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭنىڭ ئەڭ ئەڭ جىنى چاپلاشقان ئوخشىمامدۇ بۇ سۈرخان دىگەنگە…
    قاچان قارىسا سامسۇڭلا دىگەن…!پىر ئوينىتامسە يە ئۇكا

  • سۈرخان5 ئاي ئىلگىرى

    لى جىيا ئېيۇڭ ئالما ئىشلەتكەنگە توي، سامسۇڭ ئەڭ قالتىس سىلەرمۇ مۇشۇ كۈنگە قالماي دىسەڭلا سامسۇڭ ئىشلىتىڭلا ئەڭ قالتىس ئاۋازىڭلا بامۇ ھېي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号