باش بەت

ئادىلجان

5986يوللانما
34مەستانە

تىم كۇكنىڭ يانچۇقىدىكى يانفون iPhone 8 مۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-25 20:17 39 ئىنكاس چۈشتى

technode تورىنىڭ 25-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما iPhone 8نى ئېلان قىلىش ئالدىدىكى بىر پەيتتە، ئۇزۇندىن بۇيان ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن تىم كۇك ئامما ئارىسىدا پەيدا بولدى. بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچ كۇك سىنسىننات ئىشتاتىدىكى CTS زاۋۇتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە توردا بىر پارچە سۈرەتنى يوللىدى. ئەمما قىزغىن ۋە ئۆتكۈر كۆزلۈك تورداشلار كۇكنىڭ زاۋۇتنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىنىغا ئانچە قىزىقمىغاندەك قىلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتى كۇكنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ قالدى. 

سۈرەتكە ئىنچىكە قاراپ بېقىڭ، كۇكنىڭ يانچۇقىدا بىر نەرسە بارلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ، ئادەتتىكىدەك پەرەز قىلغاندا ئۇنىڭ بىر iPhone بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. ئەمما بۇ iPhone قارىماققا ناھايىتى ئۇزۇندەك قىلىدۇ، ھەم سەل تارراق، ھەتتا بەزىلەر سۈەت ئارقىلىق ئۇنىڭ رازمېرىنى 156mm x 74mm دەپ مۆلچەرلەپ چىقتى، بۇ رازمېر  iPhone 7 Plusتىن قىسقا ھەم تارراق. ئۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ رازمېر iPhone 8 نىڭ چوڭلۇقىغا يېقىنلىشىدۇ. 

بۇرۇنقى خەۋەرلەردە iPhone 8 گە پۈتۈن ئېكران سەپلىنىدىغانلىقى، رازمېرى 5.8 ديۇم بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان، بۇنىڭدىن قارىغاندا كۇكنىڭ يانچۇقىدىكى يانفوننىڭ iPhone 8 بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. 

iPhone 8 ھەققىدىكى يېقىنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، iPhone 8 سىمسىز توك قاچىلاشنى قوللايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ-كىچىكلىكنى ئاپتوماتىك تەڭشىيەلەيدىغان بىر home كۇنۇپكىسى بار، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە «قىزىل» رەڭلىك تىپىمۇ چىقىرىلىدۇ. 

ئاخىرقى بىر سوئال، ئەگەر ئاممىۋى سورۇندا تېلېفون كەلسە كۇك ئالارمۇ؟ 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىليون1 ئاي ئىلگىرى

    نىمە دېگەن چۈپەيلىك بۇ ھەي ئاغزىمغا بىر گەپ كەپتىكەن،خەخ نىم تىلفۇن ئىشلىتىدۇ دەپمۇ يانجۇقىغا قالامدۇ دەيمەن

  • anwar1 ئاي ئىلگىرى

    ئۇ چوقۇم تىمنىڭ باشقا بىرنىمىسى

  • چىمەن1 ئاي ئىلگىرى

    داگېدادەك قىلامدۇ نېمە ……………………

  • سەنسىز1 ئاي ئىلگىرى

    ئىنقلا سامسۇڭ نوتى 8 كەنغۇ ،
    ھازىرقى بايراقدار يانفۇنلارنىڭ ئەڭ ئىسىلى سامسۇڭ نوتى 8 ،
    بۇنىڭ ئالدىغان ئۆتىدىغان يانفۇن يوق ، ئالما 8 ئەمەس ئالما 12 چىققاندا ئاران يىتىشەمىكى سامسۇڭ نوتى 8 گە ،
    ئەلۋەتتە ئۇ چاغدا نوتى 12 بازارغا چىقىپ ئالمىنى يەنە نەچچە يىل تاشلايدۇ ئارقىغا ،
    دۇنيانىڭ يانفۇن باشلامچىسى شۇنداقلا يانفۇنلارنىڭ ئەڭ قاتىلى سامسۇڭ ئىمپىرىيەسى ،

  • ئارىفە1 ئاي ئىلگىرى

    بەلكىم تىم كوكنىڭ يانچۇقىدىكى شاكىلات بولۇشى مۇمكىن ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تىزگىنىكى بولۇشى مۇمكىن. ۋە ياكى كۆزەينىكىنىڭ قاپچۇقى بولۇشى مۇمكىن.يەنە ۋە ياكى قول سۈرتىدىغان ھۆل قەغەز بولۇشى مۇمكىن.يەنە ۋە ياكى. ياكى،ياكى،……

  • سۈرخان71 ئاي ئىلگىرى

    ئېنىقلا سامسۇڭ s8 تۇرمامدۇ ،ئۆزى ئالما شىركىتىدە ئىشلىگەن بىلەن ،ئالمىنىڭ قانداقلىقى ئۆزىگە ئايان،شۇڭا نىمە ياخشى سامسۇڭ ياخشى دىپ شۇ سامسۇڭمى ئىشلەتكەن گەپ ،سامسۇڭ تېلفۇن بەك ياخشى

  • بىلەرمەن1 ئاي ئىلگىرى

    ئاشۇنىمۇ بىلمىدىڭلارما ئۇ دىگەن ئامېرىكا دوللىرى

  • مىلان1 ئاي ئىلگىرى

    يانچۇقىدىكى نەنجىڭ تاماكىسى

  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    باللا ئاۋۇ تىلفۇن ئەمەسكەن

  • سىتۋ جوبىس1 ئاي ئىلگىرى

    قالتىس كۆپەيتىش ماشنلىرى تۈركۇملەپ مەيدانغا كەلمەكتە .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号