باش بەت

جۇشقۇنجان

3181يوللانما
2مەستانە

سامسۇڭ Note 8 يانفونىنىڭ باتارېيەسىنىڭ كىچىك بولۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈردى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-26 11:24 4 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

23-ئاۋغۇست كۈنى سامسۇڭ شىركىتى ئامېرىكىدا Galaxy Note8 يانفونىنى رەسمى ئېلان قىلدى، OIS قوش كامىرا ۋە 6GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىقىدۇر. ئەمما تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق Note 8نىڭ بەزى سەپلىمىلىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز، بۇلارنىڭ بىرى باتارېيە سىغىمى، يەنە بىرى بولسا ئېكراننىڭ قاپلاش نىسبىتىدۇر. بولۇپمۇ باتارېيە توكىنىڭ پايلاش ۋاقتى S8+غا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك قىسقارغان، ئەمما باتارېيەنىڭ قېلىنلىقى ۋە ئۈچ تەرەپ ئۆلچىمى بىردەك چوڭايغان.

 

سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ باتارېيەنىڭ سىغىمىغا بولغان ئەندىشىسىگە قارىتا، سامسۇڭ شىركىتى يانفون كەسپىنىڭ مەسئۇلى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا مۇنداق چۈشەنچە بەردى: «ئالدى بىلەن Note 8 يانفونى 10nm تېخنىكا ئۆلچىمىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش ئىقتىدارى %30 ئاشۇرۇلغان. ئىككىنچىدىن ئابونتلار مۇۋاپىق بولغان باتارېيە ئىشلىتىش شەكلىنى ئۆزى تاللىيالايدۇ، ئۈچىنچىدىن Note 8 يانفونىنىڭ باتارېيەسى مۇتلەق بىخەتەر، Note 8 يانفونىنى ئىككى يىل ئىشلەتكەندىن كېيىنمۇ باتارېيەسى %95لىك توك ساقلاش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالالايدۇ».

سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە، سامسۇڭ شىركىتى تەرەپ Note 8 يانفونىنىڭ 11 مىليون دانە سېتىلىپ، Note 5 يانفونىدىنمۇ ياخشى سېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بۇ خىل چۈشەندۈرۈشىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يېتەرلىك ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى S8+ يانفونىمۇ 10nm تېخنىكا ئۆلچىمىدە ئىشلەنگەن. شۇڭا ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، Note 8 يانفونىنىڭ باتارېيە سىغىمىنىڭ كىچىكلىتىلىشى يەنىلا بىخەتەرلىك ئامىلىنى نەزەردە تۇتقانلىقتۇر. چۈنكى سامسۇڭ شىركىتى يېڭى چىقىرىلغان يانفونلىرىدا يەنە مەسىلە كۆرۈلۈشىنى زادىلا خالىمايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • new3 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنىڭ باتارىيەسىنى كىچىك دىگىلى بولمايدۇ مىنىڭ سامسۇڭ on5 تىلفۇنۇمنىڭ باتارىيەسى 2600 تۇرۇپ نورمال ئىشلەتسەم ئىككى كۈن بېسىپ ئوينىسام بىر كۈن راۋرۇس يىتىدۇ

  • تەمكىن3 ھەپتە ئىلگىرى

    باتارىيەدىن سەت قورقۇپ كىتىپتۇ

  • سۈرخان3 ھەپتە ئىلگىرى

    باتارىيەنى كىچىك چىقررىشمىزدىكى سەۋەب پارتلاپ كەتسە پارتلاش كۈچى كىچىك بولىدۇ ،ئېستىمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ چىقارغان قارا بۇ

  • لاتا قاس قاس3 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر كۈن راۋرۇس پايلاپ بەسە مەيلىغۇ پاراتلاپ كەتسە ئش چاتاق لىكىنزە ئېكرانىغا كۈيىمە بۇ كاساپەتنىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号