باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

iPhone ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ %70ى باشقا يانفونلارنى ئېلىشنى ئويلاشمايدىكەن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-26 11:37 24 ئىنكاس چۈشتى

بىر تۈرلۈك يېڭى بازار تەكشۈرۈشتە ئايان بولۇشىچە، ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ماركىغا بولغان ساداقىتىدە تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندەك ئەمەس ئىكەن. بۇ ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا Fluent سېتىش سۇپىسى 2117 نەپەر ئەقلىيفۇن ئابۇنتىنى تەكشۈرگەن. %80 ئەتراپىدىكى iPhone ئابۇنتى يېڭى تىپتىكى iPhoneنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %47 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئاز دېگەندە تۆت دانە iPhoneنى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، %70 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى يانفون ئالماشتۇرغاندا يەنە باشقا بىر خىل iPhoneنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمەلىيەتتە، %67 ئابۇنتنىڭ قارىشىچە iPhone ئەڭ ياخشى ئەقلىيفون ئىكەن. %41 ساداقەتمەن ئابۇنت يەنە بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلار iOS سىستېمىسىغا كۆنۈپ قالغان بولۇپ، ئالماشتۇرغىسى يوق ئىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، iPhone 8s بىلەن iPhone 8s Plusقا iPhone 7 بىلەن ئوخشاش لايىھە قوللىنىلىدىغان بولۇپ، سىمسىز زەرەتلەش قاتارلىق ئىقتىدارلار كۆپەيتىلىدىكەن، كامېرانىڭ پۇلتىيىپ چىقىش ئەھۋالىمۇ ياخشىلىنىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا iPhone 8گە OLED ئېكرانى سەپلىنىدىكەن ھەمدە بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ چوڭ ئېكران بوشلۇقىغا ئىگە بولىدىكەن.

يېڭى iPhoneنى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى %40تى iPhone 8نى سېتىۋېلىشنى پىلانلاپتۇ، iPhone 7s Plus ۋە iPhone 7sنى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا %19 ۋە %17 ئىكەن. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم تەھلىلچىلەر iPhone 8نىڭ باشلىنىش باھاسىنىڭ 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قەشقەچى3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ شۇنىڭ بىرسى ئالما 4 تىن تاتىپ 6s كىچە ئىشلەتتىم باشقا ماركىدىكىدىكى ئاندىرويىت سىستىمىلىق تىلفۇنلانى پەقەت ئىشلەتكۈم كەممەيدۇ ھەم كۆنەممەيدىكەنمە

  • جەينەك3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئاندىرويىد ئىشلىتىمەن ھەم بەك كۆنگەن، IOS جۈملىدىن ئالمىغا پەقەت كۈنەلمەيمەن، ھەم تۇتمايمەن، لېكىن ئالمىغا قىزىقىمەن، لېكىن پەقەت كۈنەلمەي جىلە بولىمەن، WP يانفونىنى تۇتۇپ بېقىشنىمۇ ئويلىشىۋاتىمەن. ئىشقىپ كۆنگەن ئەڭ يامان، مەيلى IOS, Android, WP, ياكى باشقا سېستىمىلار بولسۇن، ھەممىسى ئئزى خالاپ تۇتىۋاتىدۇ. ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تۇتىۋاتىدۇ. ئۇ ياخشى بۇ ئەخلەت دىيىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەيلى ئاندرويىد، ئالما، ۋىندوۋسفون، كىلاسسىك نوكىيا سېستىمىسى ياكى باشقا سېستىمىلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار…

  • تەنھا بۆرە3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئيىنشتىن ،،،مەن ئالما 3sتىن ئالما 7گىچە ئىشلەتتىم ئەمما ئالما 7 نى سىتىۋىتىپ oppoR11ئىشلەتكىلى 3ئاي بولدى ،
    ئەمسە خەجەپ كۆنەلمىدىم يا

  • ~XD___3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ مۇشۇ ئالمىنىڭ سېستىمىسىغا بەكلا كۈنۈپ قالدىم ، باشقا تېلفۇنلارغا پەقەتلا كۆنەلمىدىم ،، ھازىر قولۇمدا بىر MEIZU تېلفۇن بار ، ئىشقىپ قانداقلا قارىسام بىر يەلىرى ، بۈدۈجۈر ،، يەنىلا ئالما تېلفۇن ياخشى مىنىڭچە ،، شەخسى قاراش ھە ،، تىللاپ كەتمەڭلا يەنە ،، ئاندىرويىد مەستانىلىرى ،، قاتتىق كۈلگەن چىراي ئىپادىسى ،

  • ئېينىشتىن3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن بۇرۇنلام ئېتقان ئۇنىڭدا ئاك تاماكىخا ئوخشاش ئادەمنىڭ مىڭىسىنى خىدىقلاپ خۇمار قىلدىخان بىرخىل ۋىروسبا ئۇۋىروس كەشتە ئۇخلىخاندا تەسىر قىلىشنى باشلايدۇ ئىشەن مىسەڭلا كەشتە ياتقاندا بىرھەپتە ئۆزەڭلادىن يىراق قۇيۇپ يىتىپ سىناپ بېقىڭلا

  • مېھمان3 ھەپتە ئىلگىرى

    ماڭىمۇ ئالتە يىل بولدى باشقا تېلفۇن ئىشلىتىشنى ئويلاپ باقمىدىم

  • لەقۋا3 ھەپتە ئىلگىرى

    مانا مەنمۇ ئالما بىرىنجى ئەۋلاد چىققاندىن باشلاپ تالىشىپ سېتىۋالدىم، مانا ھازىر ئىككى يىل ئالما سەككىز پالاس ئىشلىتىۋاتىمەن ئالامەت ياخشى چىقتى بۇ كاساپەت ، ئەمدى ئالما 10 چىقىدۇ دەيدۇ، ئون يىل خاتىرە يىلىغا ئاتاپ تىم كۇك ئۆز قولى بىلەن يازغان شېئىركەن بۇ ، ئالما ئون سېتىۋېلىش ئۈچۈن خوتۇننى تالاغا قويۇۋېتىپ ، قانچىلىك چىقىم كەتسە كالفورنىيەگە بېرىپ بىرنى تالىشىپ سېتىۋالايمىكىن دەيمەن ، تىم كۇك قىزىنى بەرسە ئەجەپ ئەمەس.

  • ھەي3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئايفون ھەقىقەتەن ئىسىل پاكىز رەتلىك راھەت تۇيغۇلارنى بېغىشلىيالايدۇ . سامسۇڭ ئوپپو دىگەنلەرنىمۇ ئىشلىتىپ بېقىپ چۆرىۋەتتىم5يىلدىن بېرى ئايفون ئىشلىتىپتىمەن يەنىلا شۇ ئايفونۇم ياخشىكەن

  • ئابدۇرېھىم3 ھەپتە ئىلگىرى

    مىسران دىگەن تورداش ، پلوس ئىشلىتىڭ پلوسنىڭ تۇكى ۋەششى يىتىدۇ

  • سۈرخان3 ھەپتە ئىلگىرى

    سامسۇڭ ئىشلەتمىسىڭىز دۇنيادا ياشىغانىنىڭ نىمە پايدىسى ، ھەممەڭ بىر توپ نادانلار ، ئالمىنىمۇ تېلىفۇن دەمدۇ ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号