باش بەت

del103

3764يوللانما
9مەستانە

ئېلون ماسكنىڭ نېرۋا تورى شىركىتى 27 مىليون دوللار مەبلەغ توپلاپ بولدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-26 12:17 0 ئىنكاس چۈشتى

سۇمرۇغ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىلياردېر ئېلون ماسك (Elon Musk) بىرلىشىپ قۇرغان ئىگىلىك تىكلەش كارخانىسى Neuralink يىقىندا تەدبىر قوللىنىپ، 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى پايچېكىنى سېتىپ نېرۋا تورى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىشنى پىلانلىغان.

Neuralink شىركىتى ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى (SEC) گە تاپشۇرغان ماتىرىيالغا ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەت ھازىرغىچە 27 مىليون دوللار مەبلەغ توپلىغان. ماسك جۈمە كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا Neuralink شىركىتىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشىنى ئىنكار قىلىپ، «بۇ شىركەت سىرتتىن مەبلەغ سالغۇچى ئىزدىمەيدۇ» دېدى. Neuralinkنىڭ باياناتچىسى مەبلەغنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا تېخى جاۋاب بەرمىدى.

تېسلا شىركىتى بىلەن ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش تېخنىكا شىركىتى (SpaceX)نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن ماسكنىڭ قولىدا يەنە بىر قانچە مۇھىم تۈرلەر بار، بۇلار قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان يەر ئاستى تونىل قېزىش، تۇرۇبا يەتكۈزۈش سىستېمىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك پويىز ۋە سۈنئىي ئىدراك ئېچىش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ماسك بۇ يىل 6-ئايدىكى تېسلا پايچىكلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى تېسلا بىلەن SpaceX شىركىتىگە قارىتىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن قالسا Neuralinkكە قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «Boring شىركىتى بەلكىم مىنىڭ %2 ۋاقتىمنى ئىگىلىشى مۇمكىن؛ Neuralink مېنىڭ %3~%5كىچە ۋاقتىمنى ئىگىلەيدۇ؛ OpenAIمۇ بىر نەچچە پىرسەنت ۋاقتىنى ئىگىلەيدۇ؛ %90دىن ئارتۇق ۋاقتىمنى تېسلا بىلەن SpaceXگە سەرپ قىلىمەن.»

Neuralink شىركىتىنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز ئىنتايىن چەكلىك، بۇلارنىڭ تور بېكىتىدىمۇ تۈزۈك مەزمۇن يوق. Neuralink شىركىتى نۆۋەتتە ئىنژېنېر ۋە ئالىملارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تور بېكىتىگە مۇنۇلار يېزىلغان: 

«شىركىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ بەلباغلىق مېڭە ئۇلىنىش تورى ئېغىزىنى تەتقىق قىلىپ، ئادەم مېڭىسى بىلەن كومپيۇتېرنى بىر-بىرىگە ئۇلىماقچى.»

«چوقۇم نېرۋا سىستېمىسى پەنلىرىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسى بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، تالانت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھەممىدىن مۇھىم.» 

«پەرىزىمىزدە شىركىتىمىزگە كېلىدىغان تەتىقاتچىلارنىڭ كۆپ قىسمى باشقا ساھە ۋە كەسپلەردىن كېلىشى مۇمكىن.»

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号