باش بەت

AbdullahDev

78يوللانما
2مەستانە

Uber ئايال پىروگراممېرلار جەمئىيىتىگە 1.2 مىليون دوللار ئىئانە قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-26 12:58 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تېخنىكا تورىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ماشىنا ھەمبەھىرلەش مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى گىگانىت شىركەت Uber يېقىندا پايدا ئالمايدىغان ئايال پىروگراممېرلار جەمئىيىتى «كودچى قىزچاقلار» (Girls Who Code) بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تېخنىكا ساھەسىدىكى جىنىس پەرقىنى كىچىكلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

20170826121910106.jpg

Uber شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېنژىنېرى كومال (Komal Mangtani) بىر پارچە ماقالىسىدە، ئۈچ يىللىق توختام كېلىشىمىگە ئاساسلانغاندا Uber شىركىتى بىر مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ چىقىرىپ «كودچى قىزچاقلار» ئۇيۇشمىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى نەچچە يۈز خىل دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىش تۈرىنى ياخشىلاشقا ياردەم قىلىدۇ.

Uber شىركىتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، باش ئ‍ىجرائىيە ئەمەلدارى تىراۋىس (Travis Kalanick) يېقىندا سوتقا تارتىلغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى Benchmark كاپىتالى تەرىپىدىن ئەرز قىلىنغان، بۇ ئەرز-شىكايەتنىڭ سەۋەبى بولسا تىراۋىس شىركەتتىكى چوڭ ھوقوق ۋە مۇدىرىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرخىل ئىش-ھەرىكەتلەرنى يوشۇرغان.

بۇ يىل 6-ئايدا Uber شىركىتى بىر قېتىملىق كۆڭۈلسىزلىككە چېتىلىپ قېلىش سەۋەبلىك، تىراۋىس باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپسىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ يىل 3-ئايدا، مەزكۇر شىركەتنىڭ يۇمشاق دىتال ئېنژىنېرى سۇسان (Susan Flower) مىكرو بىلوگىدا ئەينى يىلى تىراۋىس مەزكۇر شىركەتتە خىزمەت قىلۋاتقاندا جىنسىي كەمسىتىش ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ئىش Uberغا خېلى بەكلا بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىشلار ئەۋجىگە چىققاندىن كېيىن Uber تەرەپ شىركەتتە بۇنىڭغا قارىتا مەخسۇس ئىچكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

20170826121910722.jpg

شۇ قېتىملىق ئىشتىن كېيىن، تېخنىكا ساھەسى ۋە كاپىتال ساھەسىدە بۇ خىل ھادىسىگە قارىتا جامائەت پىكرى قوزغالغان. بۇ ئاي بېشىدا گۇگول شىركەتتىكى كۆپ جىنىسلىق سىياسىتىگە نارازى بولغان بىر خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشاتقان بولۇپ، بۇ ئىشمۇ كىشلەرنىڭ كۆپ جىنىسلىق ۋە ئەركىن پىكىر قىلىشقا دائىر تېمىدا كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

Uber شىركىتى يېڭى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى تاللاش جەريانىدا، مەزكۇر شىركەتتە يېقىندا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بېسىقىپ قېلىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان.

كومال: «بۇ قېتىمقى مەبلەغ ئامېرىكىدىكى 60 مىڭ نەپەر ئوخشىمايدىغان رايوندىكى قىزلارنىڭ پىروگرامما ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.» دېدى.

ھەمكارلىق كېلىشمىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Uber شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزلىكىدىن ھەرخىل پىروگرامما تۈزۈش دەرسلىكى ۋە تەكرار قىلىش دەرسلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىزلارنىڭ ھەرخىل كومپىيۇتېر تېخنىكىلرىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلغان. Uber شىركىتىنىڭ باش رەئىسى، ماركا ئەمەلدارى جون (Bozoma Saint John) يەنە تېخى پات ئارىدا «كودچى قىزچاقلار» ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرىيەت يىغىنىغا چەتتىن قاتنىشىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号