باش بەت

زەپەر-7

112يوللانما
2مەستانە

150 كىلوگرام كېلىدىغان ئايال ئورۇقلىغاندىن كېيىن باشقىلار ئۇنى تېخىمۇ مەسخىرە قىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-26 17:05 9 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 24-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئىشتاتىلىق 24 ياشلىق جېسسىكا ۋېيبېر توققۇز يېشىدىن باشلاپ سەمىرىشكە باشلىغان، 23 ياشقا كىرگەن يىلى، بەدەن ئېغىرلىقى 381 قاداققا يەتكەن (تەخمىنەن 173 كىلوگرام). سېمىزلىك بارغانسېرى جېسسىكانى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان قىلىپ قويغان، ئۇنىڭ ئەڭ سېمىز ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقى 392 قاداق (تەخمىنەن 148 كىلوگرام)قا يەتكەن. ئانىسى دائىم ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ، زىيادە سېمىزلىك قىزىنىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كېتىشىدىن قورققان. 

ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقۇپ ئەزەلدىن مەكتەپ ماشىنىسىغا ئولتۇرمىغان. ئۇ يولدا ماڭغاندىمۇ كىشىلەرنىڭ دىقىتىنى تارتاتتى. ھەتتا دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭ دېئابىت كېسىلى ۋە ئۇخلىغاندا نەپىسى ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالمىغىنىغا ھەيران قالغان. تۈرلۈك ئىشلارغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئورۇقلاشقا بەل باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل يانۋاردا ئۇ تىك يەڭسىمان ئاشقازاننى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان.
ئوپېراتسىيە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ساغلام ئوزۇقلىنىش ۋە چېنىقىشنى باشلىغان. ئۇنىڭ ئاشقازىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشتىن كېيىن پەقەت بىر تال باناننىڭ چوڭلىقىدا قالغان، ئۇ ھەر ۋاخلىق تاماقتا پەقەت تۆت ئۇنسىيە (تەخمىنەن 117 مىللىلىتىر) يېمەكلىك يېيەلەيدىغان بولۇپ قالغان، بوشاشماي چېنىقىش ئارقىلىق، ئۇ ھازىر 210 قاداق (تەخمىنەن
190 جىڭ) ئورۇقلىغان. 

قايتىدىن ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسىنى تاپقان جېسسىكا توردا ئۆزىنىڭ ئورۇقلىغان رەسىمىنى چىقىرىشقا باشلىغان. لېكىن ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ بەدىنىدە قېلىپ قالغان ئارتۇقچە تېرىلەر تورداشلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان. بۇ قېتىم ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىق مەسخىرىگە ئۇچرىغان. ھەتتا بەزىلەر: ئەگەر مېنىڭ قورسىقىمدا مۇشۇنداق كۆپ ئارتۇقچە تېرە بولسا، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولاتتىم دېگەن. 

نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئارتۇقچە تېرىسى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەك ئىلەشتۈرىدىكەن  دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلغان، لېكىن بۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىگەن، ئۇ ھازىر ھەر كۈنى پەقەت كۆكتات ۋە مېۋە يەيدۇ. ئۇ ئىزچىل ئورۇقلاپ 160 قاداق (تەخمىنەن 72.2 كىلوگرام)غا چۈشۈشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان. 

ئۇ ھازىر يەنىلا داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئورۇقلاش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ ھەمدە  قورسىقىدىكى ئارتۇقچە تېرىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. توردىكى ئۇنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئۇ پىسەنت قىلىپ قويمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:«توردىكىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشى مېنىڭ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ، ئەمما پەقەت كۆڭلى قاراڭغۇ ئادەملەرلا ھەممىلا يەردە باشقىلارنى كەمسىتىپ يۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھېچنىمىنى خاتا قىلمىدىم.»
جېسسىكا ئۆزىنىڭ ھازىر بىر تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولغان ھەم ئاقكۆڭۈل ئادەمگە ئايلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئورۇقلاش ھېكايىسى ئارقىلىق باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ۋاقىتنى ئەرزىمەيدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىپ قىلىشنىڭ ئورنىغا چېنىقىش ئۆيىگە بېرىپ چېنىقىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە  ئۆزىنىڭ ئورۇقلاش نىشانىغا تېزراق يېتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • جامالىم3 ھەپتە ئىلگىرى

    چەتئەللىكلەرمۇ ھەجەپكەن دەيمەن باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا بەكلا جىق ئارلىشىۋالامدۇ قانداق

  • راۋان3 ھەپتە ئىلگىرى

    سۈرخان نىمانداق بىشىڭنى يىمەيسەن ئازراق ۋىجدان بامۇ سەندە تىتىقسىز نەگە قارسا شۇ ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىن قىچىپ چىكىپتۇ بۇ

  • شاھناز3 ھەپتە ئىلگىرى

    بىز ئىنسانلار ئاجايىپ ھە ئۇنداق قىلسىمۇ بومماپتۇ بۇنداق قىلسىمۇ بومماپتۇ دەپ ئۈزىمىز قانچىلىك دىمەي ھەي

  • ئىزچى3 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ تىمىنى تولۇق ئوقۇپ ئىنكاس يازساڭلار! ماۋزۇنى ئوقۇپلا ئىنكاس يازىدىكەنسىلە خۇددى بىرسى سىلەرگە ۋەزىپە قىلىپ قويغاندەك، ئاۋۇ قىز ئورۇقلىغاندىن كىيىن ئورۇقلاش سۈرىتىگە تىرىنىڭ ئەسلىگە كىلىش سۈرىتى يىتىشىپ بولامماي تىرە ئىغىر دەرجىدە ساڭگىلاپ كەتكەن . ئىلمى ئورۇقلىمىغاندا مۇشۇندەك ئاۋارچىلىقلاردىن خالى بولماق تەس!

  • مېھمان3 ھەپتە ئىلگىرى

    سۈرخان دىگىنى مازلىشىپ بەكلا تاينىڭ قالمىدى، غورور دەيدىغان نەرسىدىن ئەسەرمۇ يوقكەن سەندە

  • راھىلە.3 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياخشى بوپتۇ قانداق ئورۇقلىغاندۇ غەيرەت قىلىڭ

  • سۇلتان3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاجايىپ ئادەملەكەن بۇ سېمىز بولسا تېخى مەسخىرە قىلغان ئەمدى ئورۇقلىسىمۇ مەسخىرە قىلغان ئۇلاچە بوۋاق بوپ كەتسە سۆيۈپ كەتسە تالىشىپ ياخشىى بولامتىكى ئەمدى

  • يىگانە3 ھەپتە ئىلگىرى

    سېمىز بولسا تېخى ،،،ئورۇقلىسا تېخى ،،دۇنيادا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەسكەن جۇمۇ

  • سۈرخان3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇ سامسوڭ ئىشلىتەمدۇ نىمە سامسوڭ بەك ياخشى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号