باش بەت

ئادىلجان

5919يوللانما
34مەستانە

سامسۇڭ Note 8 يانفونى ئېلىمىزدە 29-سېنتەبىر بازارغا كىرىدۇ: 6088 يۈەن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-26 17:23 34 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا سامسۇڭنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار يانفونى Galaxy Note 8نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسى (SN-9500 ،SM-N9508) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تورغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشىپ، قوش كارتا ۋە بارلىق تورنى قوللايدىغان قىلىندى، بۇ بەلكىم ئاشكارە نۇسخىسى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسى بولۇشى مۇمكىن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنسىتىرلىقى تور بېكىتىدىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا، دۆلەت ئىچى نۇسخىدىكى Note 8نىڭ قارا، كۆك، سېرىق رەڭلىك نۇسخىلىرى بار ئىكەن، يانفون رازمېرى 162.5×74.8×8.6 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 194 گىرام، ئېكرانىنىڭ رازمېرى 6.3 ديۇملۇق AMOLED ئېكران، ئېنىقلىق دەرىجىسى 2960×1440، ئىچىگە 3300mAHلىك باتارىيە ئورنىتىلغان. 

سەپلىمە جەھەتتە بۇ يانفونغا سىناپدراگون 835 بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64GB ،128GB ،256GBلىق ساقلىغۇچ سەپلەنگەن. 

سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى بۇ يانفوننىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەت ئەۋزەللىكى بولۇشى مۇمكىن، ئارقىسىغا 12 مىليون پىكسىللىق كەڭ بۇلۇڭلۇق ۋە 12 مىليون پىكسىللىق ئۇزۇن فوكۇسلۇق قوش كامېرا ئورنىتىلغان، كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرانىڭ نۇر گەردىشى f/1.7، ئۇزۇن فوكۇسلۇقنىڭ f/2.4، بىردەك ئالتە لىنزا ئورنىتىلغان. 

ئىككى دانە كامېرانىڭ ئىككىلىسى OIS سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، بۇ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تېخى تۇنجى قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئىككى ھەسسە ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش ۋە 10 ھەسسە رەقەملىك فوكۇس ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. 

مىكروبىلوگدىكى تورداش ئاشكارىلىغان ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ Note 8نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسى نۆۋەتتە ئالدىن زاكاس قوبۇل قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇنجى قېتىم مال چىقىرىشقا باشلايدىكەن. سېتىۋالغۇچىلار سوۋغاتقا ئېرىشەلەيدىكەن، باھاسى 6088 يۈەندىن باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. 

ئىلگىرى Note 8 ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتتە ئالدىن سېتىلىشقا باشلىغان، 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 929 دوللار (تەخمىنەن 6174 يۈەن) باجنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ، شۇڭا دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى بۇنىڭدىن ئەرزانراق بولۇشى مۇمكىن. 

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، iPhone 8مۇ 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ، 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن، ئىككىسى بازاردا بىۋاستە رىقابەتلىشىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالما3 ھەپتە ئىلگىرى

    سېسىق سامسا ئوتقا يېقىن

  • ساراڭ3 ھەپتە ئىلگىرى

    بەش يىل بولدى سامسۇڭ ئشلىتىۋاتىمەن ھېچ ئۇندا ئىش يۈز بەمىدىيا ،

  • ئەركىن3 ھەپتە ئىلگىرى

    پۇلغا چىداپ دەپ كەتكىنىنى ھەقەچان قىممەت بولسىمۇ تۈمەندىن ئاشماس، پۇل مەسىلىسى يوق بۇ يەردە، ئارقا يانچۇقۇڭغا سالغان تېلىفۇن پارتلاپ ئاساسىڭدىن گۈل ئېچىلىپ كەتمىسۇن دەۋاتىمىز

  • ساراڭ3 ھەپتە ئىلگىرى

    پۇلغا چىداپ ئاغان ئادەم تىلفۇننى قەيەگە ساغىسى كەسە شۈيەگە سالىدۇ ،ئەنسىرەپ كىتىشڭلانىڭ ھاجىتى يوق ،

  • ئەركىن3 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ تېلىفوننى بولسا قېشىڭلارغا سالماي ئارغامچىدا باغلاپ سۆرەپ يۈرۈڭلار ،پارتلاپ كەتسە زەخمىلەنمەيسىلەر ،كاسسا مەيدە يانچۇققا سېلىپ گۈل چىقىرىۋەتمەڭلار

  • پاساھەت3 ھەپتە ئىلگىرى

    بەزىلە لەغمەنگە ئامراق پولوغا ئوچ ،بۇھەرگىزمۇ پولو ياخشى ئەمەس دىگەنلىك ئەمەس

  • قارلۇق3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىسىل چىقىپتو سۈپەت ئىختىدار جەھەتتە سو يوقتەك تۇرىدۇ تىخنىكا دىگەن باشقا گەپدە

  • راست ىكەن.3 ھەپتە ئىلگىرى

    ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا تىم كودنى ھەمجىنىس دەپ ئوقۇغانتىم ، مۇشۇ نۇر تورىدىن. شۇنىڭغا ئوخشايدىغانلار ئىشلىتىڭلار سامسۇڭنى

  • ئالماس3 ھەپتە ئىلگىرى

    زۇنۇنجان سىلە سامسۇڭ بىلەن ئې مېيزۇ سېلۇشتۇرۋاتاملا ،گىرمانىيەنىڭ چىلان تۇرۇق ئېتى بلەن يوپوغىنىڭ ئشىكىنى تەڭ قىغىلى بومماس جۇما

  • ھۈسەنجان3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما ئالما دەيدىكەنسىلە بىلەمسىلە شۇ ئالمىغا قايسى شىركەتنىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلىتىدۇ ئەلۋەتتە سەنشىڭنىڭكىنىد

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号