باش بەت

مەستان

233يوللانما
1مەستانە

ئېلىمىز ئوق پويىزى ئېلون ماسكنىڭ Hyperloop دەرىجىدىن تاشقىرى پويىزىدىنمۇ تېز

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-26 22:00 1 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

26-ئاۋغۇست خەۋىرى، چەتئەل ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ «فۇشىڭ» ناملىق يېڭى تېز سۈرئەتلىك ئوق پويىزى 21-سېنتەبىردىن باشلاپ بېيجىڭ بىلەن شاڭخەي ئارىلىقىدا قاتناشنى باشلايدىكەن، ئۇنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. چەتئەل ۋاستىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك پىلانلاۋاتقان Hyeperloop دەرىجىدىن تاشقىرى پويىزىدىنمۇ تېز بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ تېز پويىز ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، يېڭى پاراۋوز سائىتىگە 400 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يول يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، بۇ سۈرئەتكە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئاممىۋى قاتناشقا ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەمەلىيەتتە 2011-يىلىلا جۇڭگو پويىزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 350 كىلومېتىرغا يېتەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيەدە ھازىر ماگنىتلىق لەيلىمە تېخنىكىسى ئارقىلىق سائىتىگە 500 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدىغان پويىز سىناق قىلىنىۋېتىپتۇ، 2027-يىلى ئاندىن يولغا قويۇلىدىكەن.

مىليادىر كارخانىچى ئېلون ماسك ئوتتۇرىغا قويغان «Hyeperloop» بولسا، ئاخىرقى نىشاندا سائىتىگە 1220 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يۈرەلەيدىغان پويىز قاتنايدىغان كاپسۇللۇق تونېل سىستېمىسى بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدىكى سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە Hyperloopنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 308 كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ، گەرچە ئۇنىڭ نىشانى 1220 كىلومېتىر بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ نىشانغا تولىمۇ يىراقتا. ماسك پەقەت مۇشۇ ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، تەپسىلىي ئىجرا قىلغۇچى ياكى ئىشلەپچىقارغۇچى ئەمەس، بۇ پىروگرامما نۇرغۇن يەككە كارخانىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نىجات4 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىلىمىز پويىز ياساشيتا چوڭ ئىلگىرلەشلەنى قولغا كەلتۈردى ھەتتاكى شىنجاڭدىكى بارلىق پويىز سۈرتى 10 سائەتتىن بەش سائەتتكە قىسقارتىلدى ھازىر پويىز يولى ياساشتا دۇنيادا ئالدىن قاتاردا تۇردىغان گىرمانىيەدىن ئىشىپ كەتكىلى تۇردى دولتىمىزنىڭ تەرەقىيات تىزلىكى دۇنيانى ھەيران قالدۇرغۇسى ھەتتاكى شىنجاڭنى تەرەقىياتى ئوتتۇر ئاسىيادىكى بەزى دولەتلەدەنمۇ تەرەقىياتى زور بولماقتا ياشسۇن ئانا ۋەتەن جوڭگو

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号