باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10264يوللانما
1599مەستانە

لى شياۋلوڭنىڭ ھايات ۋاقىتىدىكى 9 شاگىرتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-27 16:34 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. لى شياۋلوڭنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە تەبئىي تالانتلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار ھەتتا لى شياۋلوڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، ئىزچىل «ئەجدىھا» روھى ۋە مەدەنىيەتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەينى يىللىرى ئۆگەتكەن جامبازلىق ماھارىتى ۋە پەلسەپىۋى بىلىملىرىنى تارقىتىپ كەلمەكتە.

سۈرەتتە، جېشې گىلوۋېر (Jesse Glover). لى شياۋلوڭ 1959-يىلى ئامېرىكىغا يېڭىدىن كەلگەندە، ئىككەيلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. جېشې جامبازلىقنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە، لى شياۋلوڭنى ئۇستاز تۇتقان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ لى شياۋلوڭنىڭ ئامېرىكىدا قوبۇل قىلغان تۇنجى شاگىرتىغا ئايلانغان.

2. دەننىي لىنوسئانتو (Danny Inosanto)؛

بۈگۈنكى دۇنيا كەسمە مۇشتۋازلىقنىڭ ئاتامانى شۇنداقلا لى شياۋلوڭنىڭ ئۆگەتكەن بىلىملىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرگەن شاگىرتلىرىنىڭ بىرى. بىراق ئۇمۇ ئۆزى ئەڭ ماھىر قوش كالتەك بىلەن قىسقا كالتەك ماھارىتىنى لى شياۋلوڭغا ئۆگىتىپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەسلەپكى مەزگىلدىكى كەسمە مۇشتۋازلىق قائىدىسىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، 4 قېتىم «قارا بەلۋاغ توپى پالۋىنى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لى شياۋلوڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئۈچ خىل چېلىشىش سەنئىتىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ۋەكىلگە ئايلانغان.

3. خۇاڭ جىنمىڭ

لى شياۋلوڭنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى شاگىرتى بولۇپ، ئۇ لى شياۋلوڭ قازا قىلىشتىن 7 يىل بۇرۇن سىستېمىلىق ھالدا ئۇنىڭدىن كەسمە مۇشتۋازلىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر لى شياۋلوڭ ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويۇپ تارقاتقان كەسمە مۇشتۋازلىق دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ھەمدە كۆپ قېتىم «قارا بەلۋاغ» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ بۈيۈك چامباشچى شەرىپىگە ئېرىشكەن.

4. يەن جىڭخەي

جامبازلىق ساھەسىدىكى ئۇستا بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى بەدەن چېنىقتۇرۇش ساھەسىدىكى مۇتەخەسىس، ئىككەيلەن ھەم ئۇستاز ھەم دوست شۇنداقلا شاگىرت مۇناسىۋىتىدە. لى شياۋلوڭ يەن جىڭخەيگە يوڭچۇن مۇشتۋازلىقى بىلەن جېڭپەن گۇمپىسىنى ئۆگەتكەن. ئۇمۇ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۇسۇلىنى بەدەن چېنىقتۇرۇش مەشىق ئۇسۇلىغا ئۆزلەشتۈرۈپ، لى شياۋلوڭغا ئۆگىتىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يىغقان پۇلىنى لى شياۋلوڭ فوندىسىغا ئىشلەتكەن. ھەمدە ھېچ ئىككلەنمەستىن ئۇنىڭ تويلۇق ئۈزۈكى ۋە تۇرالغۇسىنى ئېلىپ بەرگەن. لى شياۋلوڭمۇ يەن جىڭخەينى قېرىندىشى ئورنىدا كۆرىدۇ.

5. جوئې لېۋىس (Joe Lewis)

لى شياۋلوڭ بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇنلا، ئۇ ئامېرىكا جامبازلىق ساھەسىنىڭ داڭلىق قۇرۇق قول مۇشتلىشىش ماھىرى ئىدى. ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم قۇرۇق قول مۇشتلىشىش تۈرىدە چېپمىيونلۇققا ئېرىشكەن. كېيىن لي شياۋلوڭنى ئۇستاز تۇتقان ئۇ سىستېمىلىق ھالدا ئەركىن چېلىشىش ماھارىتى ھەمدە نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ، كېيىنكى مۇسابىقىلىرىدە ئىشلەتتى. جوئې لېۋىس لى شياۋلوڭنىڭ تەسىرىدە، 1970-يىلى پۈتۈن ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش شەكلىدىكى قۇرۇق قول مۇشتلىشىش كەسپىي مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، 10 قېتىم چېمپىيونلۇق تاجىغا ئېرىشتى.

6. جاببار (Jabbar)

ئامېرىكا سابىق كەسپىي ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى. ئۇ لى شياۋلوڭ باش رول ئالغان «青蜂侠» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، جۇڭگو گۇمپىسىغا  قىزىقىپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇستاز تۇتقان ھەمدە «ھالاكەت ئويۇنى»دا لى شياۋلوڭ بىلەن مۇشتلىشىش كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئالغان.

7. چۇك نوررىس (Chuck Norris)

ئامېرىكىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان قۇرۇق قول مۇشتلىشىش ساھەسىدىكى ماھىرلارنىڭ بىرى. لى شياۋلوڭنىڭ نوررسىنى ھەقىقىي تونىغاندىكى ۋاقتى دەل 1967-يىلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا قۇرۇق قول مۇشتلىشىش مۇسابىقىسى»دە بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆگىنىپ، ئۇزۇن يىل مەشىق قىلغان. نوررس لى شياۋلوڭدىن كەسمە مۇشتنى ئۆگىنىپ، ئۆزى ئەڭ ماھىر پۇت ئۇسۇلنى لى شياۋلوڭ گۇمپىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەسمە مۇشتنىڭ پۇت ئۇسۇلى سىستېمىسىنى مۇكەممەلەشتۈرگەن. 1972-يىلى «猛龙过江» ناملىق كىنودىكى قەدىمكى رىم ماھارەت مەيدانىدا لى شياۋلوڭ بىلەن دوئېلغا چۈشكەندىكى كۆرۈنۈشى دۇنيا گۇمپا كىنوسىدىكى ئۆلمەس كىلاسسىك كۆرۈنۈش دەپ تەرىپلەنگەن.

8. لى كەي

1967-يىلى لى شياۋلوڭ لوس ئانژېلېستا جېڭپەن دۆلەتلىك جامبازلىق سارىيىنى قۇرغاندا، لى كەي مول جامبازلىق بىلىمى ھەمدە چېلىشش تەجرىبسى بىلەن لى شياۋلوڭنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ، جامبازلىق سارىيىنىڭ تۇنجى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىسىغا ئايلانغان ھەمدە مەڭگۈلۈك ئەزا نومۇرى 001گە ئېرىشكەن. 1974-يىلى لى كەي ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا كەسپىي كەسمە مۇشت ئەترىتىنى قۇرۇپ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل كەسمە مۇشتۋازلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

9. تاكىي كىمۇرا (Taky Kimura)

ئۇ 35 يېشىدا لى شياۋلوڭ بىلەن تونۇشقاندا، لى شياۋلوڭ ئارانلا 19 ياش ئىدى. تاكىي كىمۇرا بىلەن لى شياۋلوڭنى ئۇستاز-شاگىرت دېگەندىن كۆرە، دوست دېسەك تېخىمۇ يېقىنراق بولىدۇ. 1990-يىلى «قارا بەلۋاغ توپى پالۋىنى»نىڭ «جامباز يېتەكچىسى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. لى شياۋلوڭ قازا قىلغاندىن كېيىن، تاكىي ئىزچىل كەمتەرلىك بىلەن ياشاپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان لى شياۋلوڭغا مۇناسىۋەتلىك قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشى بولسا، ھەر ھەپتىدە ئۇنىڭ قەبرىسىنى سۈپۈرۈشى ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号