باش بەت

ئادىلجان

5986يوللانما
34مەستانە

999 دوللارلىق iPhone 8نى سېتىۋېلىشقا ئەرزىمدۇ

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-27 19:22 26 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 27-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر iPhone 8 سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھەميانىڭىزنى توملىغاچ تۇرۇڭ. سامسۇڭ ئەمدىلا ئېلان قىلغان Galaxy Note 8 بۇ يىللىق بىردىنبىر زىيادە قىممەت بايراقدار يانفون ئەمەس، iPhone 8 يانفونى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ يانفوننىڭ نۇرغۇن تەپسىلاتى تېخى ئاشكارىلانمىدى. يەنى ئەگەر بۇ يىل راستىنلا ئۈچ خىل iPhone ئېلان قىلىنسا،  ئەگەر ئىستېمالچىلار بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممىتىنى تاللىسا، ئۇ ھالدا بۇ يانفون شۇ ئىستېمالچىغا قانچىلىك نەپ بېرەلەيدۇ؟ 

ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا iPhone 8نىڭ باشلىنىش باھاسى 1000غا يېقىنلىشىغانلىقى كۆرسىتىلدى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ قاراش ھەم «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتتى. ئالما شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسىم پىلانىنى بىلىدىغان بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالما بۇ يىل باھاسى 999 دوللارلىق ئالىي سەپلىمىلىك مەھسۇلات چىقىرىدىكەن. 

بۇ ئەڭ يېڭى لايىھەدىكى iPhone لايىھە ۋە قاتتىق دېتال سەپلىمىسى جەھەتتە iPhone 7 ۋە iPhone 7 Plusقا تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، iPhone 8گە ئېكران نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان پۈتۈن ئېكران سەپلىنىدىكەن، ئېكرانى يوغان بولۇپلا قالماي، يەنە رامكىسى تېخىمۇ كىچىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە iPhone 8 چىراي پەرقلەندۈرۈش ۋە سىمسىز ئىندۇكسىيەلىك توك قاچىلاشنى قوللايدۇ. 

سىرتقى ساھە 1000 دوللارلىق iPhone 8نى پەرەز قىلىشۋاتقان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل قاراشنى ئېھتىماللىقىدىن گۇمان قىلىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە كېيىنكى بىرقانچە ھەپتىدە تېخىمۇ توغرا ئۇچۇرلارنى بىلەلەيمىز. بۇنىڭ ئىچىدە iPhone 7s بىلەن iPhone 7s Plusتىن ئىبارەت ئىككى خىل iPhone نىڭ ئىسمى ئاساسەن جەزىملەشتۈرۈلۈپ بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈچىنچى نۇسخىدىكى iPhoneنى ۋاقتىنچە iPhone 8 دەپ ئاتاپ تۇردۇق، ئۇ ھەم بىر ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ئىشلىتىلگەن بايراقدار مەھسۇلات. 

ئالمىنىڭ بۇ خىل تاكتىكىسى ئۈچىنچى خىل ئەندىزىدە تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سامسۇڭ ئەمدىلا ئېلان قىلغان Galaxy Note 8مۇ يۇقىرى باھالىق ئەقلىيفونلارنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. Galaxy Note 8نىڭ باشلىنىش باھاسى 950 دوللار (تەخمىنەن 6311 يۈەن)، سامسۇڭ ئالدىن زاكاز قىلغان خېرىدارلارنىمۇ زور جەلب قىلىش كۈچى بىلەن تەمىنلىدى. iPhone 8 يېرىم يىلدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ، باھاسىمۇ سامسۇڭنىڭ يېڭى يانفونىدىن تۆۋەن ئەمەس. 

ئەلۋەتتە iPhone 8 مەھسۇلاتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنى ئۆرلەتسە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالمىنىڭ مالىيە دوكلاتى ۋە كەسىپ نەتىجىسىنىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ زاۋۇتلارنىڭ ئىجادچانلىق كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر خىل تاكتىكىسى. نۆۋەتتە سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ قارىشىچە iPhone 8 يېڭى بازارغا سېلىنغان مەزگىلدە ئۇششاق زاپچاسنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش چەكلىمىسى iPhone 8نىڭ سېتىش مىقدارىدا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇڭا بۇ ئەھۋال بىر قىسىم سېتىش مىقدارىنى يوق قىلىۋېتىدىكەن. ئالما بولسا مەھسۇلاتنىڭ يەككە باھاسىنى ئۆرلىتىش ئارقىلىق، دەسلەپكى تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۆتىۋەر1 كۈن ئىلگىرى

    ھەئە خېلى بولۇپ قالىدۇ شياۋمى

  • تاھىر داگې2 ھەپتە ئىلگىرى

    شىياۋمى غا ئۇيغۇرچە تىل قېتىلدىما

  • سەزگۇم3 ھەپتە ئىلگىرى

    قارىسىغا گەپ قىلمايلى ئالسا ئالسۇن ئۆزىنىڭ پۇلى ئالمىسا قويسۇن ئۆزىنىڭ كۆڭلى باشقىلارنى ئاندا مۇندا دىمەيلى شۇ ئادەمنىڭ ئويلىغىنى بار

  • مېخانىك3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما ئاتقا ئەمەس ئەخلەتكە ئوخشايدۇ

  • مىرزات4 ھەپتە ئىلگىرى

    دۆلىتىمىزنىڭ تىلفۇنلىرىمۇ شۇنداق ياخشى ، ئىشقىلىپ مەن باشقا دۆلەتنىڭ ماللىرىنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيمەن

  • ئالما4 ھەپتە ئىلگىرى

    نازاكەت دېگەن تورداش ئالامەت ھە بىر بېلەت كەتتى سىزگە

  • ئالما4 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە ئەرزىدۇ

  • جاسارەت4 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىلىشقا ئەلۋەتتە ئەزىيدۇ ،قالغانننى چىققاندا قانداقلىقىنى كۆرىمىزغۇ تىخى

  • رۇستەم4 ھەپتە ئىلگىرى

    خۇتۇن بى ئالاي ئاندىن ئالما 8 نى ئويلىشامەنا

  • ئۈنسىز يىغا4 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر تەرىپىنى يەۋالغان ئالمىنى نىم قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىلى ئۇنىڭ ھىلى بۇنىڭ بىلەن چىقىشالماي ئۇ توڭ پىشمىغان ئالما

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号