باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10405يوللانما
784مەستانە

شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدىكى يېڭى ئۆلچەملەر ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-28 10:36 13 ئىنكاس چۈشتى

مۇخبىرىمىز گۈلرۇخ يالقۇن خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى ئۆلچەمدىكى «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق ئوقۇتۇشى ۋە ئىمتىھانى پىروگراممىسى» 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلىدۇ. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن تورلاردا «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تەس شوپۇرلۇق ئوقۇتۇش يېڭى قائىدىسى» يولغا قويۇلىدىكەن، دېگەندەك پاڭلار تارقىلىپ، يېڭىدىن پىراۋا ئېلىشقا تىزىملاتماقچى بولغانلارغا روھىي بېسىم ئەكەلگەن.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى شوپۇرلارنى باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىدىكى مەسئۇل خادىمدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم يولغا قويۇلىدىغان يېڭى پىروگراممىدا ئىمتىھان تۈرىدە تەڭشىلىش بولمىغان، ئەمما قىسمەن تۈر ئىمتىھانلىرىغا باھا بېرىش ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. بۇ تۈزىتىشمۇ ئىمتىھان ۋاقتىدىكى ئەمەلىي يول ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاپتوموبىلدا بىخەتەر مەشغۇلات قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بەزى تۈرلەردە نومۇرنى بۇرۇنقىدىن ئاز تارتىش، بەزى تۈرلەرنىڭ ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش ئاساس قىلىنغان، بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەرگىزمۇ ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش بولماستىن، ئىمتىھان مەزمۇنىنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ تەتبىقلاش ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ ئەندىشە قىلىشى ھاجەتسىز ئىكەن. ئۇنداقتا يېڭى ئۆلچەمدىكى «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق ئوقۇتۇشى ۋە ئىمتىھانى پىروگراممىسى»دا قانداق يېڭى مەزمۇنلار بار؟

ئىگىلىنىشىچە، يېڭى شوپۇرلۇق ئىمتىھانى پىروگراممىسىدا نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان، 1-ۋە 4-تۈر نەزەرىيە ئىمتىھانىغا كۆرۈنۈشلۈك سوئاللار قوشۇلۇپ، كۇرسانتلار يېزىق، رەسىم، سىن كۆرۈنۈشى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمەلىي يول قاتناش ئەھۋالىغا چۈشەنچە بېرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەيداندا ئېلىنىدىغان ئىمتىھان تۈرى ئەمەلىي قاتناش مۇھىتىغا تەتبىقلىنىدىكەن، 2-تۈر ئىمتىھانىنىڭ ئاپتوموبىلنى كەينى ئورۇنغا ئەكىرىش قاتارلىق بىرقانچە مەزمۇنلىرىدا ئىلگىرىكى كۆرسەتمە بەلگە، تاختىلار بىكار قىلىنىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن ئەمەلىي قاتناش مۇھىتىغا تەتبىقلانغان شارائىتتا مەشغۇلات قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. 3-تۈر ئىمتىھانى، يول ئىمتىھانىدىمۇ ئەمەلىي مەشغۇلات كۈچەيتىلىدىكەن. ئاپتوموبىلنى قوزغىتىش، يول ئۆزگەرتىش، ئاپتوموبىلنى چەتكە تارتىپ توختىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىگە كەينىنى كۆزىتىش ھەرىكىتى قوشۇلغان، يول ئېغىزىدىن ئۇدۇل ئۆتۈش، ئوڭ، سولغا بۇرۇلۇش مەشغۇلاتلىرىدا ناۋادا ئالدىدىكى ئاپتوموبىللارغا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ۋە پىيادىلەرگە يول بېرىلمىسە، ئىمتىھان نەتىجىسى بىۋاسىتە لاياقەتسىز قىلىنغان. كەينىگە بۇرۇلۇش مەشغۇلاتىدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، ئاپتوموبىلنى توختىتىش، بەلگە چىرىغى بېرىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان، يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش مەشغۇلاتىدا يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن بەلگە چىرىغى بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار، شۇنداقلا نومۇر تارتىش تەلەپلىرى كۈچەيتىلگەن.

2-ئۆزگىرىش: كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ پىراۋىسىنى ئېلىشتا ئەسلىي ئىمتىھان بەرگۈچىدىن %10ى تاللىنىپ كېچىلىك ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى كېچىلىك چىراغ مەشغۇلاتى تەقلىدىي ئىمتىھانى بېرىدىكەن، كېچىلىك ئىمتىھاننى ساقلاش ئاۋارىچىلىكى بولمايدىكەن. چوڭ تىپلىق ئاپتوموبىل ئىمتىھانى بەرگەندە، ئىمتىھان بەرگۈچى كېچىلىك ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە، نەق مەيداندا قايتا ئىمتىھان بېرىدىكەن، كۈندۈزدە بەرگەن ئىمتىھان نەتىجىسى ئۆز پېتى ساقلىنىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ۋاقتى تېجىلىپ ئىمتىھان ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

3-ئۆزگىرىش: بۇنىڭدىن كېيىن 2-تۈر ئىمتىھانىنىڭ ئاپتوموبىلىنى كەينى ئورۇنغا ئەكىرىش، يان ئورۇنغا ئەكىرىش مەشغۇلاتلىرىغا ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇلىدىكەن، يەنى كەينى ئورۇنغا ئەكىرىش مەشغۇلاتىغا 210 سېكۇنت، يان ئورۇنغا ئەكىرىش مەشغۇلاتىغا 90 سېكۇنت بېرىلىدىكەن، ناۋادا مەشغۇلات بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تاماملانمىسا، ئىمتىھان نەتىجىسى بىۋاسىتە لاياقەتسىز قىلىنىدىكەن. بۇ ۋاقىت ئىلگىرىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ مۇشۇ ئىككى مەشغۇلاتنى تاماملاپ بولغاندىكى ئوتتۇرىچە ۋاقتىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرىكى مۇشۇ ئىككى مەشغۇلات جەريانىدا ئارىلىقتا توختاپ قېلىشنى بىراقلا لاياقەتسىز قىلىشنىڭ ئورنىغا پەقەتلا بەش نومۇر تارتىش تەدبىرى قوللىنىلىدىكەن. بۇنداق بولغاندا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بېسىمى يېنىكلەيدۇ.

4- ئۆزگىرىش: يېڭى قائىدىدە دۆڭدە قوزغىلىش مەشغۇلاتىدا ئاپتوموبىل توختاتقان ئورۇن بىلەن بەلگىلەنگەن نۇقتىنىڭ ئارىلىقى 50-30 سانتېمىتىر ئارىلىقىدا بولسا ئون نومۇر تارتىلىدىكەن، ناۋادا بۇ ئارىلىق 50 سانتېمىتىردىن ئېشىپ كەتسە، ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز قىلىنىدىكەن، بۇ ھەم ئەمەلىي مەشغۇلاتقا زىچ تەتبىقلانغان، چۈنكى يول ياقىسىدا ئاپتوموبىل توختاتقاندا، ئاپتوموبىل يول ياقىسىدىن يىراق توختىتىلسا، باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈشىگە تەسىر قىلىپ، قاتناش توسۇلۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مەسئۇل كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇستقا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 4 مىليون 240 مىڭ، شوپۇرلارنىڭ سانى 5 مىليون 660 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، شوپۇرلارنىڭ سانى يىلىغا %10-%15 سۈرئەتتە ئېشىۋېتىپتۇ.   

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى



باش سۈرەت تاللاش x
  • قەشقەچى2 ئاي ئىلگىرى

    يىڭى ئوقۇۋاتقانلا ياخغى مەشىق قىساڭلالا ئۆتمەك تەس ئەمەس ھەم شۇ چاغدا ئۈگەنگەنلىرمىزنىڭ كىيىن ماشىنا ھەيدەشكە بەك پايدىسى با مەن 2 تۈردە ئۈگەنگەن ئارقا يان ئامبارغا توختۇتۇشنى ئەمىليەتتە بەك ياخشى ئىشلىتىۋاتىمەن ھەر قىتىم شۇندا يەلەدە ماشىننى بىر قىتىمدىلا ئۆلچەملىك توختۇتۇپ چۈشۈپ قايلاپ ئۆزەمدىن پەخىرلىنىپ كىتىمە

  • بايقاش2 ئاي ئىلگىرى

    تەس دىگۇدەك نەرى با بۇ ئىنتاھانىڭ 15مىنۇتىلا تۇگەي دىغۇ شۇ مەن مۇ ئنتاھان بىر ۋاتىمە ھازىر 2.نى بىرپولدۇم ئۇنچىلىك ئىنتاھاندىن ئوتەمىسەك كىيىن قاندامۇ ماشىنا ھەيدەيمىز يولدا مەنچە بەك ئاسان كەن

  • بايقاش2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ئولچەملىك قايىدىلىك مەشىق قىساق ئوزمىز ۋە باشقىلانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئولۇم يىتىم ئاز بۇلاشقا ياخشىتى قىيىن بوسا ياخشى بەلەن مەشىق قىلىمىز

  • ۋاي بېشىم2 ئاي ئىلگىرى

    بارغانچە تەسلىشىپ كەتسە ئ‍ۇففف…، ماڭا ئ‍وخشاش ئ‍ەمدى پىراۋا ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئ‍ىشى تەسكەنغۇ ؟!!!،بۇپتىلا نىمە بولسا بولمامدۇ …،ئ‍ىلگىرى ئ‍اتا بوۋاملارمۇ پىراۋا ئ‍المايمۇ ياشاپ ئ‍الەمدىن ئ‍ۆتىپتىكەن ،تۆت كۈنلۈك جاھاندا ئ‍ارتۇق غەم ئ‍ىشەككە يۈك…

  • مەن ئىنكاسچى2 ئاي ئىلگىرى

    قوقماڭلا مەنمۇ كىنىشكە ئاغلى 5كۇن بولاي دىدى قوقىدەك يىرى يوق بۇ ئىشنىڭ مۇھىمى كۇڭۇل ئازادىلىكى شۇ.☺☺☺

  • ئالىم2 ئاي ئىلگىرى

    بەلەن بۇپتۇ تىخمۇ قىيىن بۇلسۇن

  • مەستانە.2 ئاي ئىلگىرى

    شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئۆگەنگىنىڭلار. پەقەت 30%
    40% قالغىنىنى.ئەمەلىيەتتە ماشىنا ھەيدەش ئارقىلق ئۆگىنىدۇ

  • ئاقساراي ئۇغلى2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئۈلۈشكۈن 3-تۈر ئىمتاھاندىن ئۆتتۈم،ئالدىرسام بولغىدەك

  • تورداش2 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭچە ئىككىنچى، ئۈچىنچى تۈرنىڭ ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ ماشىنا ھەيدەش مۇمكىن ئەمەس، رولغا پىشقاندىن كېيىن ئىمتىھان مەزمۇنلىرىنىڭ شوپۇرلۇقتىكى ئەقەللى تەلەپلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
    بىراق ئىككىنچى تۈردىكى يانغا توختىتىش بىلەن ئارقىغا ئەكىرىشتە، بىخەتەر رايون تەۋەلىكىدە ماشىننىنى توختىتىش ۋە تەكرار توغۇرلاشقا يول قويۇلسا تېخىمۇ ئەمەلىيەتكە يېقىنلىشاتتى. ئادەتتە ماشىنا ھەيدىگەندىمۇ بىر قېتىمدىلا ئەكىرمەيمىزغۇ.

  • باقى2 ئاي ئىلگىرى

    مەن4تۈرگە كەلدىم ماڭا تەسىرى بۇلامۇ بۇنىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号