باش بەت

نىجات سامساق

143يوللانما
164مەستانە

ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل لېكساسنىڭ قەيېرى ئىستېمالچىلارنى جەلىپ قىلىدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-28 16:36 21 ئىنكاس چۈشتى


1989–يىلى ياۋروپادىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، ياپونىيە تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسى Lexus، يەنى لېكساسنى بازارغا سالدى. Luxury يەنى ھەشەمەت دېگەن بۇ سۆز شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ شەرقتىكى ئاپتوموبىل كارخانىسىدىمۇ نامايەن بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئەڭ ئاددىي ئۇقۇمدىكى راھەتلىك، چىدامچانلىقنى ئۆزىگە بىرگەۋدە قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.

20170828153328758.jpg

نۇرغۇن دوستلار لېكساسنىڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىشى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، زادى نەرى ھەشەمەتلىك؟ نەرى شۇنچىلىك كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ؟

لېكىساس ئاپتوموبىل مەركىزىدە بىر تۈركۈم takumi دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەر بار. ئۇلار ھەربىر ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىن تارتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سانىغىچە ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىدۇ. ئۇلار ھەم لېكساسنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ باھالاشلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن takumi ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ، بۇ خىزمەت ئورنىغا چىقالىغان. بۇ خەتنىڭ مەنىسى دەل ھۈنەرۋەن دېگەن مەنىدە.

20170828153328285.jpg

لېكساسنىڭ ھېكايىسى LS تىپلىق ئاپتوموبىلىدىن باشلانغان بولۇپ، باش مەسئۇلى ئىچىرو سۇزۇكى بارلىق ئىنژېنېرلارغا ئاپتوموبىلنىڭ شامال قارشىلىقىنى 0.30 غا چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ھەرقانداق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ شامال قارشىلىقى بۇنىڭغا چۈشمىگەن بولۇپ، BMW ۋە بېنىزنىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا 0.32 ۋە 0.37دە ئىدى. 0.30لىق شامال قارشىلىقىمۇ بىر ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلغا خاس ئەمەس بولۇپ، ئىنژېنېرلار ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 50 قېتىم شامال تونىلىدا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق شامال قارشىلىقىنى 0.29 قىلىپ چىقارغان ھەم بۇ ئارقىلىق لېكساسنىڭ ماي سەرپىياتىنى %17 چۈشۈرگەن. ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتىمۇ 11.2km/h كۆتۈرۈلگەن. لېكساس LS400نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شامال قارشىلىقى ھەتتا سپورت ئاپتوموبىلى پورسچى 911دىنمۇ تۆۋەن بولغان.

20170828153329512.jpg

لېكساسنىڭ ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ چىدامچانلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىچىرو سۇزۇكى «قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، لېكساس LS400 تىپلىق ئاپتوموبىلغا نۇرغۇن «قېرىشنى كېچىكتۈرۈش» تەدبىرى قوللىنىپ، 80 مىڭ كىلومېتىر ھەيدىگەندىن كېيىنمۇ ئاپتوموبىل گەۋدىسىدە چىرىش، ئېغىر ئۇپراش ۋە ھەيدەش تۇيغۇسى جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولماسلىق ئۈچۈن جەمئىي 96 تۈردە سىناق قىلغان. ئاخىرىدا LS400نى ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ سازلىقىغا ئاپىرىپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ چىرىشقا بولغان چىدامچانلىقىنى سىنىغان. نەتىجىدە ئادەتتىكى ئاپتوموبىل گەۋدىسى ئىككى ئايغىچە ئاساسەن كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن بولۇپ، لېكساس ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ چىققان ماتېرىيالدا ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل گەۋدىسى ئۈچ ئاي ئىچىدىمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. ئاندىن ئاۋسترالىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى قۇملۇققا ئېلىپ بېرىپ، نۇر توسقۇچى ئەينەكنىڭ ئىقتىدارىغا قارىتا مەخسۇس سىناق قىلغان.

20170828153329213.jpg

تويوتا يەنە ئاپتوموبىلنىڭ چىدامچانلىقى، راھەتلىكىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، لېكساسقا مەخسۇس 60 نەپەر لايىھەلىگۈچىنى ئورۇنلاشتۇرغان. جەمئىي 24 قۇرۇلۇش لايىھە ئەترىتى لېكساسنىڭ لايىھەسىگە قاتناشقان بولۇپ، ئىچىدە جەمئىي 1400 نەپەر ئىنژېنېر، 2300 نەپەر مېخانىك ۋە 220 نەپەر ئىشچى مەخسۇس لېكساسنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ھازىرلانغان.

20170828153329619.jpg

بۇنچە كۆپ تېخنىكلارنىڭ لېكساس ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى دۇنيادىكى بارلىق ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا بوئېن شىركىتىنىڭ 90–يىللارنىڭ دەسلىپىدە بوئېن 777 تىپلىق ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىشقا كەتكەن ئومۇمىي ئادەمنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.

20170828153329811.jpg

تويوتا شىركىتى BMW ۋە بېنىزنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى سېتىۋېلىپ، پۈتۈنلەي چۇۋۇپ ئۇلارنىڭ قانداق قۇراشتۇرۇلغانلىقى، قانداق ماتېرىيال ئىشلەتكەنلىكىنى تولۇق تەتقىق قىلغان بولۇپ، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى باھالاپ چىققان. ئاندىن بۇ ئۆلچەمنى ھەربىر زاپچاس تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرگە ئەۋەتىپ، بۇنىڭدىنمۇ چىداملىق، بۇنىڭدىنمۇ ئەرزان زاپچاس ئىشلەپچىقىرىشقا بۇيرۇغان.

خىلمۇخىل تەتقىقات ۋە تەجرىبىلەردىن كېيىن، 1989–يىلى ئاخىرى Lexus LS400 تىپلىق ئاپتوموبىل بارلىققا كەلگەن بولۇپ، لېكساس ئاپتوموبىل شىركىتى بۇنىڭ ئۈچۈن بارچە ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ مەڭگۈ ئېسىدە قالغۇدەك «شامپان مۇنارى» ئېلانىنى تەڭلا تېلېۋىزورلاردا قويغان. ئېلاندا LS400نىڭ ئۈستىگە 15 دانە سۇ قاچىلانغان رومكا ئۈستى–ئۈستىلەپ تىزىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىلنى مەخسۇس ئات كۈچى سىناش ماشىنىسىغا توختىتىپ، سائەتلىك سۈرئىتىنى 232km/h كە كۆتۈرگەن. مۇشۇ سۈرئەتتە رومكىلاردىكى سۇ تۆكۈلۈپ كەتمىگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا ئىشەنمىگەچكە، ئاخىرىدا لېكىساس بارلىق ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنى يىغىپ، نەق مەيداندا قايتىدىن سىناق قىلىپ بەرگەن.

20170828153329366.jpg

لېكساس LS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ 1989–يىلىدىكى بازارغا سېلىنىشى بىراقلا بېنىزنىڭ يېڭى S دەرىجىلىكىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى كېچىكتۈرۈشىگە مەجبۇر قىلغان بولۇپ، قايتىدىن S دەرىجىلىكنىڭ ئىقتىدارى ۋە ھەشەمەتلىك دەرىجىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن 1979–يىلى ئېلان قىلىنغان بېنىز S دەرىجىلىك تاكى 1992–يىلىغىچە يېڭىنىلالمىغان.

20170828153329347.jpg

يۇقىرىقى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن لېكىساس نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرگەن بولۇپ، ئاپتوموبىللىرىنىڭ لاياقەتلىك چىقىشى ئۈچۈن، بازار ئېچىش ۋە ھەقىقىي ھەشەمەتلىك تۇيغۇسىنىڭ نېمىلىكىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تويوتا شىركىتى مەخسۇس خادىملارنى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستېمال سورۇنلىرىغا ئەۋەتىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن چۈشىنىش ھاسىل قىلدۇرغان. ئاندىن تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى توختىماي پۇل بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىغا تەتقىقات ئۈچۈن پۇلدىن غەم قىلماسلىق ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈۋەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تويوتا مەخسۇس لېكساسنىڭ 4S دۇكانلىرى ۋە سېتىش ئورۇنلىرىنى قاتتىق تەربىيەلىگەن، خېرىدارلارغا قەتئىي قالايمىقان گەپ قىلماسلىق، ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكنى، مۇلازىمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە لېكساسنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا نىسبەتەن 4 يىل ياكى 6 يىل ھەم 150 مىڭ كىلومېتىر ئەتراپىدا پۈتۈنلەي ھەقسىز ئاسراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ بەلكىم ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىدىن بولسا كېرەك.

20170828153330464.jpg

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بازارغا سالغان لېكساس LFAمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى سپورت ئاپتوموبىلى كارخانىسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قويغان بولۇپ، لېكساس ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىغا ئائىت ھېكايىلەر ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كەلمەكتە.

20170828153330475.jpg

LFAنىڭ 4.8 لىتىرلىق V10 ماتورىنىڭ ئېغىرلىقى تويوتانىڭ 3.5 لىتىرلىق V6 ماتورىدىنمۇ يېنىك بولۇپ، قۇۋۋىتى يەنە تويوتانىڭكى ماتورىدىن ئىككى ھەسسىسىدىن ئارتۇق.

20170828153329630.jpg

LFAنىڭ كۆرسىتىش تاختىسىنى ئېلېكتىرونلۇق قىلماي ئامال يوق. چۈنكى ماتورنىڭ ئايلىنىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئەنئەنىۋى مېخانىكىلىق كۆرسىتىش تاختىسى بۇ سان–سىپىرلارنى ۋاقتىدا ۋە توغرا كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. يەنى LFAنىڭ ماي تەپكىسىنى كۈچەپلا دەسسىسىڭىز، بىراقلا 6000rpm غا ئۆرلەيدىغان بولۇپ، 0rpmدىن 9000rpmغا چىقىش ئۈچۈن پەقەت 0.6 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ.

20170828153330585.jpg

LFAنى ئىشلەپچىقىرىشقا جەمئىي 10 يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، دەسلەپكى 5 يىلدا ئومۇمىي لايىھە پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كەلگەندە، تويوتا دەۋرنىڭ ئالدىغا مېڭىۋاتقانلىقىنى، LFAگە ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىل گەۋدىسى تېخنىكىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىگىنى تۇتقۇ قىلىپ، LFAنى قايتىدىن لايىھەلەشكە باشلىغان بولۇپ، ئومۇمىي جەريانغا 10 يىل سەرپ قىلغان. كەتكەن مەبلەغمۇ ئىنتايىن كۆپ. دەسلەپكى لايىھەنى ئۆرۈپ تاشلاپ، قايتا لايىھەلەشكە قانچىلىك پۇل كېتىدىغانلىقىنى كۆپچىلىك ئۆزلىرى ئويلاپ باقسا بولىدۇ.

20170828153330204.jpg

دۇنيادىكى تۇنجى سەككىز خوتلۇق ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ئىشلەپچىقارغان كارخانا دەل تويوتا لېكساس بولۇپ، ئەينى يىلى بۇ دەۋر خاراكتېرلىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى لېكساسنىڭ بايراقدار ئاپتوموبىلى LS يۈرۈشلىكىگە سەپلىگەن.

20170828153331477.jpg

لېكساس گەرچە تويوتا قارمىقىدىكى ئاپتوموبىل ماركىسى بولسىمۇ، لېكىن ھەشەمەتلىككە بولغان تەلەپ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، لېكساسنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بىلەن تويوتانىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن. سېتىش نۇقتىلىرىمۇ ھەم شۇنداق.

20170828153331276.jpg

لېكساس تەخمىنەن ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر مىليون دانە لېكساس ئاپتوموبىلنى ساتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى مىليون دانە ئاپتوموبىلنى سېتىش ئۈچۈن پەقەت بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.

20170828153331489.jpg

1989–يىلىدىن باشلاپ، بارلىق لېكساس ئاپتوموبىللىرى ياپونىيەدىلا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، 2013-يىلىدىن باشلاپ ئاندىن ئامېرىكىدا زاۋۇت قۇرۇپ ئىشلەپچىقارغان. لېكىن تاكى ھازىرغىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئىستېمال دۆلىتى بولغان جۇڭگودا لېكساسنىڭ ھېچقانداق زاۋۇتى يوق.

20170828153331123.jpg

نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئىچىدە ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسى ئەڭ پىشىپ يېتىلگەن ئاپتوموبىل كارخانىسى لېكساس بولۇپ، بارلىق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ساتقان ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى لېكساسنىڭ بىر يىل ئىچىدە ساتقان ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىلغا يەتمەيدۇ. تېخنىكا ئارىسىدىكى پەرق ئىنتايىن زور.

20170828153332635.jpg

نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىشىچە، لېكساس ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. لېكىن باشقا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىگىسى خىزمەت قىلىدىكەن.

20170828153332351.jpg

لېكىساسنىڭ بۇنچە ئۇتۇق قازىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا، لېكساسنىڭ ئەستايىدىللىق ۋە ئىنچىكىلىكىدە بولۇپ، ھەربىر كىچىك ھالقىنىمۇ بوش قويىۋەتمىگەنلىكىدىندۇر. ئەڭ ئاددىي مىسالى بولسا ئاپتوموبىلنىڭ كەينى تورمۇز چىرىغىنىڭ نۇرى كەينى مۇداپىئە قاپقىقى بىلەن كەينى ساندۇق ئارىسىدا ئۈزۈلۈپ قالىدىغان بولۇپ، بۇخىل تۇيغۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن، ئاشۇ نۇر ئۈزۈلگەن ئارىلىققىمۇ كىچىك ئۇزۇنچاق LED چىراغ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

20170828153332885.jpg

ھەربىر دانە لېكساس ئاپتوموبىلى چوقۇم 500 خىلدىن ئارتۇق بېكىتىلگەن ئۆلچەمگە يەتكەندە ئاندىن ھەقىقىي ئۆلچەملىك مەھسۇلات قاتارىدا بازاردا سېتىلىشقا يول قويۇلىدۇ ھەم مۇشۇ سەۋەبلىك دۇنيادىكى ئەڭ سۈپەتلىك ئاپتوموبىل دېگەن نامىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ يەردىكى 500 خىل ئۆلچەمنىڭ ئىچىدە سىز ئويلاپ باقمىغان تۈرلەر بولۇشى مۇمكىن. تىپىك مىسالى، رولدىكى خۇرۇمنىڭ تىكىلگەندىكى يىپلارنىڭ گىرادۇسىمۇ مۇئەييەن ھالەتتە بىردەك بولۇشى كېرەك. بولمىسا لاياقەتسىز مەھسۇلات قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

20170828153334646.jpg

يۇقىرىقىلار لېكساسنىڭ ئامېرىكا «ئىستېمالچىلار دوكلاتى»دا ئىزچىل يۇقىرى نومۇر بىلەن ئەڭ سۈپەتلىك ئاپتوموبىل قاتارىدا تۇرۇشىنىڭ ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشنىڭ سەۋەبىدۇر.

20170828153334433.jpg

باش سۈرەت تاللاش x
  • كۆلەڭگە.2 ئاي ئىلگىرى

    رەھمەت نىجات ئەپەندى،،،،پاسسات توغۇرلۇق تەپسىلى بىر مەزمۇن يوللىغان بولسىڭىز !

  • مۇختەر2 ئاي ئىلگىرى

    لوقمان نۇرداش ،يول يولۋىسى ئامىرىكىنىڭ ئەمەس ،ئەنگلىيە نىڭ ،ھازىر ھىندىستان تاتا گۇرۇھىغا تەۋە ،،،،بىلمەي تۇرۇپ سۆزلىگىچە نىمكەش ماشىنا بازىرىغا بېرپ 2000-يىللارنىڭ شىيالى ماشىنسى بولسا ئېلىڭە ،،بىلىمسىزلىكىڭىزگە پوچىلىقىڭىز قۇشۇلسا يول يولۋىسى 路虎
    سىزگە ياراشماسمىكى ،

  • BIG-FLAY-BOY。2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن پىچەت ماشىنىكەن بۇ ھەم بەكلا سىلىغ ماڭىدىكەن.

  • يامغۇر2 ئاي ئىلگىرى

    مەنچە بۇ ماشىنلارنىڭ ماي سەرپىياتى سەل يۇقىرىغۇ دەيمەن (بىلىمەن ماشىنا تىپلىرىغا قارىتا ماي سەرپىياتى ئوخشاش ئەمەس ،لىكىن باشقا ئوخشاش تۈردىكى ماشىنلارغا قارىغاندا دېمەكچى ).

  • لوقمان2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئەسلې ئامرېكېنڭ يول يولۋېسې ماشېنسنې ئالاي دەپ قېلۋاتقان بولدې مەن لېكساس ئالاي

  • بەختىيار2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنى نىجاتكام يازغانمۇ؟ ، بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئاپتوموبىلنى ھەقىقەتەن تولۇق چۈشەندۈرۈپسىز ، ئەگەر نىجاتكام بولىسىڭىز تۇربو سالونىنى ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى

  • ئابدۇسالام2 ئاي ئىلگىرى

    گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى چۈشەنسەك بولاتتى ئەمدى؟

  • مىھمان2 ئاي ئىلگىرى

    ماشىنا ئالاي دىگەن لىكساسنى ئالسام بۇلامدۇ نىمە

  • رىقابەت2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ھەقىقەتەن بۇرۇنمۇ داڭقى با ماشىنتى ،ئادەتتە لىكساسنىڭ ماتۇرى ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە ماتۇرى بەك چىدەمچان كىلدۇ كاشلىسمۇ شۇنداق ئاز مىڭىشمۇ ئاتتەك چاپىدىغان ماشىنا ئىچىكى بىزەكلىرمۇ شۇنداق يارىشملىق تىز ئۇپراپ كەتمايدۇ ھەم نۇردىن سىردىن قالمايدۇ بۇ ماشىنىغا مەنمۇ ئامراق

  • نىجاتكا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزگە نۇر تورى ئايرىم سەھىپە ئېچىپ ب2 ئاي ئىلگىرى

    نىجاتكا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزگە نۇر تورى ئايرىم سەھىپە ئېچىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号