باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8896يوللانما
441مەستانە

ھىندىستاندىكى 3 ياشلىق قىز سان تونىمىغاچقا ئانىسىدىن شاپىلاق يېدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-28 18:30 9 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 25-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ھىندىستاندىكى بىر سىن كۆرۈنۈشى كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان. بۇنىڭدا بىر ئانا قىزىغا سان تونۇشنى ئۆگەتكەنىدى. گەرچە 1دىن 5كىچە بولغان سانلارنى تونۇش قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، بىراق بۇ 3 ياشلىق قىزچاققا نىسبەتەن سەل ئازاب بىلىنىپ، ھەتتا تېخى يىغلاپمۇ كەتكەنىدى. قارىماققا، قىزچاق ئانىسىدىن بۇنچىلىك قاتتىق قول بولماسلىقىنى، ئۆزىنى «قويۇۋېتىشى»نى، كۆپرەك مېھىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلغاندەكمۇ قىلاتتى. قىزچاق بىر تەرەپتىن ئېسەدەپ يىغلىغىنىچە يەنە بىر تەرەپتىن بىر قانچە ساننى تەكرار-تەكرار ئوقۇدى. سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئاخىرىدا قىزچاقنىڭ ئىپادىسى ئانىنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىغاچقا، كاچىتىغا بىر شاپىلاق يېدى.

نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بۇنچىلىك قاتتىق قول بولسا «بالىلارنى خورلاش» دەپ قارىلىپ ھەتتا ھامىيلىق ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قىلىشى مۇمكىن. بالىلارنى ھاقارەتلەش ۋە تەن جازاسى بېرىش دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان جايلاردا جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاشلا، تەن جازاسىمۇ ھىندىستان مەكتەپلىرىدە چەكلەنگەن.

ھىندسىتاندىكى نۇرغۇنلىغان ئائىلە مائارىپنى تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشلاشنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ھەمىشە بالىلىرىغا ناھايىتى زور بېسىم قىلىدۇ. بىراق شۇ جايدىكى نۇرغۇنلىغان ھىندسىتانلىق تورداشلار بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن، غەزىپىنى باسالمىدى.

ھىندىستان دۆلەتلىك پالاق توپ كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى ۋىرات كوخىل بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن: «كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئائىلە باشلىقى بالىسىنىڭ ئازابى ۋە غەزەپ-نەپرىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى. ئائىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بالىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىدى. بۇنداق ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنى قوبۇل قىلىش تولىمۇ تەس. ئەگەر بالا ئىزچىل مەجبۇرلانغان شارائىتتا ئۆگەنسە، ئۇنداقتا مەڭگۈ بىر نەرسە ئۆگىنەلمەيدۇ، بۇ ئۇلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك» دېدى.

سۈرەتتە، ۋىرات كوخىل.

23-ئاۋغۇست، بۇ 3 ياشلىق قىزنىڭ بوللىۋود ئىجادىيەت ناخشىچىسى توشى سابىرنىڭ جىيەن قىزى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاندى. سابىر بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئائىلە توپىدا ھەمبەھىرلەنگەنلىكىنى، بالىغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھېچقانچە ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تورداشلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «بىز تورداشلارغا قارىغاندا، ئۆيىمىزدىكى بالىلارنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىمىز. ئۇنىڭ ماھىيىتى بىزنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىدى، ئۇ ئالدىنقى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان بولسا، كېيىنكى بىر مىنۇتتىلا ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىدۇ، ئەگەر بىز ئۇنى ئۆگىنىشكە زورلىمىساق، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش قىلمايدۇ»، دېدى.

سۈرەتتە: توشى سابىر.

سابىرنىڭ دېيىشىچە، بۇ سىن كۆرۈنۈشنى بالىنىڭ ئاپىسى تارتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە بالىسىنىڭ تېخىمۇ جاھىل بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچىكەن. ئۇ يەنە تولۇقلاپ: «بىراق ئۇ بىزگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ»، دېدى. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، مۇتەخەسىسسلەر بۇنى يەنىلا بىر خىل «بالىلارنى خورلاش قىلمىشى» دەپ قارىدى. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە بۇ قىلمىش «بالىلارنى خورلاش جىنايىتى» بولىدۇ.

روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ئاچال باخاگاتنىڭ دېيشىىچە، بالىنى كۆرمەي تۇرۇپ سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق پىكىر قاتناشتۇرۇش تەسكە چۈشىدىكەن. بىراق ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن «مەڭگۈلۈك جاراھەت» پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىنلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بالىلار بەلكىم ئاستا-ئاستا باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئەسلىدىنلا ئۇنى سۆيۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر، ئۇنىڭغا ئازاب ئېلىپ كەلدى. بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ھېسسيات مۇناسىۋىتىدە، بەلكىم ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان ياكى تېرىككەك بولۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن». ئۇ يەنە داۋاملىق بالىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا ياردەم قىلماسلىقنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوقلۇقىنى تولۇقلاپ: «بۇنداق قىلىش بالىغا چوڭقۇر ئازاب ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، بالا يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم قىلغاندا، ئۇ دەرھال ياردەمگە ئېرىشىشى كېرەك، بۇ دەل ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى»، دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • dilrusa3 ھەپتە ئىلگىرى

    كىچىك بالىنى.ئۇنداق تەربىيىلىسە.بارغانسېرى دۆت بولۇپ قالىدۇ.ئۇنى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق.ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش كېرەك.بىراق ، ھەرگىزمۇ مەجبۇرلاپ.ئۇرماسلىق كېرەك.

  • مەن3 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇنداق گەپلەرنىمۇ خەۋەرگە چىقىرامدۇ بىمەنىلىك

  • مەن كىم.3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئانىنى ھاقارەتلىمەڭلار ، دوستلار.

  • يالغۇزئەركەك3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئادەتتە جەميتمىزە چوڭ بۇلۋېپ ئاتا-ئانىسنى تۇنمايدىغان ھۇقۇق تۇتسسا تۇنمايدىغان ھاراق سورۇندا مۇڭدۇشۇپ ئەتسگە تۇنمايدىغان باي بۇلۋالسا تۇنمايدىغانلار باغۇ بىزمۇئۇرۇش ئەمەس تﻻپمۇ كەتمەيمىز ھەجەپ كۇزى كىچىك ئانىكىنا

  • شەھلا5153 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋىييەي ئا ئاننىڭ قىلقىنى،،بالسى شۇنداق ئۇماقكەن ،،كىچىك تۇرسا باللىلىقدىن ھۇزۇرلانغىلى قويماي

  • دېدىمغۇDA4 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ ئوغلۇم بەش يېرىم ياش، يەسلىنىڭ چوڭ سىنىپىغا چىقتى، ئۇرۇپ كەتمەيمەن ئويناپ يۈرۈپ ئۆگىنىدىكەنغۇ

  • ئىسمىمL4 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇرە ئۇرۇشە كىچىك بالىنى ئۇرساڭ سېنى يەر ئۇرىدۇ،راس،،،

  • ئىسىم لازىممىتى4 ھەپتە ئىلگىرى

    ما ئايال دانگالنى بەك كۈرىۋىتىپتۇ، ئامىرخان روھى

  • مەستانە4 ھەپتە ئىلگىرى

    كىچىك بالنىمۇ شۇنداق ئۇرامدۇ ، توۋا ... كىچىك قىز بېشىنى تۇتۇپ ئۇرماسلىقنى ئۆتۈنگەندەك قىلسىمۇ ئۇرۋاتىدۇ ، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ قانچىلىك ئۇردى تېخى .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号