باش بەت

ئادىلجان

5986يوللانما
34مەستانە

Uberنىڭ كالانىكتىن كېيىنكى يېڭى CEOسى رەسمىي بېكىتىلدى: خوسروۋشاھ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-28 18:39 0 ئىنكاس چۈشتى

خېشۈن تورىنىڭ 28-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پەن-تېخنىكا بىلوگى Recodeنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تور ساياھەت شىركىتى Expediaنىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىرانلىق دارا خوسروۋشاھ (Dara Khosrowshahi) يېقىندا Uber مۇدىرىيىتى تەرىپىدىن تاللىنىپ، Uberنىڭ يېڭى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، Uberنىڭ مۇدىرىيىتى شىركەتنىڭ CEO نامزاتىنى ئۈچكە قىسقارتقان بولۇپ، ئوخشىمىغان گۇرۇھتىكىلەر ئوخشىمىغان نامزاتنى قوللىغان، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھەممىباب ئېلېكترىك شىركىتىنىڭ سابىق CEOسى ئىممېلت، HP شىركىتىنىڭ ھوقۇقدارى خىتمان ۋە دارا خوسروۋشاھتىن ئىبارەت. 

ئىلگىرى ھەممىباب ئېلېكترىك شىركىتىنىڭ سابىق CEOسى ئىممېلت مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ نامزات ئىدى، ئەمما يەكشەنبە كۈنى ئۇ ئاشكارا ھالدا Uberنىڭ CEOلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىزىقارلىق يېرى HP شىركىتىنىڭ ھوقۇقدارى خىتمان ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا Uberنىڭ مۇدىرىيىتى بىلەن كۆرۈشتى، ئەمما ئۇ ئالدىنقى ئايدا بۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈردى. 

رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Uberنىڭ مۇدىرىيىتى يەكشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ CEOسىنى بېكىتىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما شىركەت خىزمەتچىلىرى ئالدىدا ئىسمىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان.

ئەمما Recodeنىڭ ماقالە تەييارلىغۇچىسى Kara Swisher بۇ ئۇچۇرنى ئالدى بىلەن ئېلان قىلغان بولۇپ، Expediaنىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دارا خوسروۋشاھ Uberنىڭ يېڭى CEOسى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号