باش بەت

ئىدىقۇت887

6850يوللانما
11مەستانە

ئېلون ماسك تېسلا Model S ئاپتوموبىلىنى ئۆزى كولاۋاتقان يەر ئاستى تونېلدا سىناق قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-28 22:28 3 ئىنكاس چۈشتى


تېخى يېقىندىلا «2-نۆۋەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول مۇسابىقىسى»نى تاماملاپ بولغان ئېلون ماسك (Elon Musk) ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدە تېسلا Model S ئاپتوموبىلىنىڭ ئۇ قۇرغان يەنە بىر شىركەت Boring Company كولاۋاتقان لوس ئانجىلىس يەر ئاستى تونېلىغا ئەكىرىپ قويۇلغان رەسىمىنى چىقىرىش ئارقىلىق ماشىنىلارنىڭمۇ بۇ يەر ئاستى تونېلدا يۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. لېكىن ماسكنىڭ خىيالىدا بۇ ماشىنىنى ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىز ھەيدىمەيدىكەنسىز، ئەكسىچە ماسكنىڭ ئويىچە بولغاندا بۇ ماشىنا يەر يۈزىدىن يەر ئاستى تونېلىغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن «ئېلىكتىرىك تېيىلىش تاختىسى» ئارقىلىق سۆرىلىپ سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىرغا يېتىدىغان ماگىنتلىق رېلىستا ئۇچقاندەك ماڭىدىكەن.


بۇ سىناق لىنىيەسى ئۇقۇم تەجرىبىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن لوس ئانجىلىس شەھىرى ئەتراپىدىكى SpaceXنىڭ باش شىتاب يەر ئاستىغا جايلاشقانىدى.

ماسك چوقۇم مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن يەر ئاستىغا ئۇزۇنلۇقى ئىككى ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان سىناق تونېلىمۇ ياساپ چىقتىم، ئۇنداقتا سىلەر مېنىڭ تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسى بەرپا قىلىشىمغا نېمىشقا تېزرەك ئىجازەت بەرمەيسىلەر؟»

باش سۈرەت تاللاش x
  • خانلىق مادرىد تەلۋە مەستانىسى2 ئاي ئىلگىرى

    پاھ بەك ئاجايىپ ئادەمكەن بۇ مۇشتاق ئىنتىلىشچان ئادەملە بىر كۆرىشىش سۆھبەتلىشىش نىسىپ بولسا ھە كاللىسى ئېچىلىپ باشقىچە ئادەم بوپ قالاتتى ئادەم

  • شىرخان2 ئاي ئىلگىرى

    ئىلون ماسىكتەك كىشىلەر دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ يېڭى ئېنىرگىيە يېڭى دۇنيا مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى

  • قاقتى2 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ كشىگە بەكمۇ ھەيران ئشقىلىپ يىڭلق بولسا
    بۇ كىشدىن ئاڭلايمىز ھەقىقەتەن تالانىت ئىگسى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号