باش بەت

ئىدىقۇت887

7112يوللانما
14مەستانە

سامسۇڭ شىركىتى شىئەندىكى ئۆزەك زاۋۇتىغا يەنە يەتتە مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-28 22:36 5 ئىنكاس چۈشتى


سامسۇڭ شىركىتى كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئېلىمىزنىڭ شىئەن شەھىرىگە جايلاشقان NAND ئۆزەك زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرماقچى. سامسۇڭدىن ئىبارەت كورېيەدىكى ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا ماگناتى بۇ ئۇچۇرنى 28-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان. سامسۇڭ شىركىتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا تاپشۇرغان بىر پارچە ھۆججىتىدە سامسۇڭنىڭ 28-ئاۋغۇست يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سوممىسىدىكى قىياسەن مەبلەغنىڭ ئىككى مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ سوممىسىنى ئاللىقاچان تەستىقلىغانلىقىنى ئېيتقان.

سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتى بۇ يىل 7-ئاينىڭ باشلىرىدا كورېيەدە 18 مىليون 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو شىئەندىكى NAND زاۋۇتىدا بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. لېكىن شىركەت تەرەپ ئەينى چاغدا بۇ زاۋۇتقا سېلىنىدىغان كونكىرېت مەبلەغ سوممىسىنى ئاشكارىلىمىغانىدى.

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ئاللىقاچان تەستىقلانغان ياكى پىلاندىكى مەبلەغ سوممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زادى قانچىلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىغا قارىتا باھا بېرىشنى رەت قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • يىگانە4 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخان بۇ تىمنى تەھرىرلەر سىز ئۈچۈن چىقرىپتۇ جۇمۇ،سىزنى مۇشۇنداق تىملار ئارقىلىق چوقۇم ساقايتىۋالغىلى بولغۇدەك

  • سۈرخان4 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ ئەڭ قالتىس گۈللەپ كەت سامسۇڭ ، سامسۇڭ يانفونى ئىشلىتىدىغانلا ئاۋازىڭلا بامۇ ھېي

  • سۈرخان4 ئاي ئىلگىرى

    مانا سامسۇڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغان بولدى، سامسۇڭ ياخشى

  • مىسسى4 ئاي ئىلگىرى

    ھەي كاللىدىن تۇلۇق كەتكەن سۈرخان دىگەن ساراڭ مانا بۇ يەرگە يازە ئىنكاسىىڭنى

  • كۇلكەم4 ئاي ئىلگىرى

    سۇرخان سامسۇڭ دەيدىغان ئىنكاسىڭىزنى مانا بۇ يەرگە يازسىڭىز بولىدۇ ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号