باش بەت

AbdullahDev

52يوللانما
1مەستانە

سامسۇڭ Note 8 يېڭى iPhoneنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-29 16:46 13 ئىنكاس چۈشتى

20170803201710799.jpg

ئالما: مەن يەنىلا ھەر قېتىمقىدەك ئازراق ئەنسىرىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ تۇراي، بەلكىم تەسىر كۆرسىتىپمۇ قالار.

20170829142416866.jpg

ئۆتكەن يېلى سامسۇڭ «يانفون پارتلاش ۋەقەسى» سەۋەبلىك ئىستېمالچىلارغا تولىمۇ ناچار تەسىر بەردى، ئەمما ئالمىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بازاردا ئىنتايىن كۈچلۈك ئورنى بار رەقىبىدىن بىرسى ۋاقتىنچە ئازلىدى. بىراق بۇ يىل سامسۇڭ يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى، ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان Galaxy Note 8 دەل سامسۇڭنى قايتىدىن جۇلالاندۇرىدىغان مەھسۇلات. ئۇنداقتا سامسۇڭنىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان ئالمىنىڭ 10 يىللىق كوزېر مەھسۇلاتى iPhone 8گە «ئاۋارىچىلىق» تېپىپ بېرەمدۇ يوق؟

20170829142416741.jpg

Barclays بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى، مەشھۇر بازار ئانالىزچىسى مارك موسكوۋىتز (Mark Moskowtiz): «سامسۇڭنىڭ Galaxy Note 8 يانفونى ئالمىنىڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقىشنى قىيناپ قويىدۇ، ئالمىنىڭ بۇ قېتىملىق كوزېر مەھسۇلاتى iPhone 8نىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت،  iPhone 8نىڭ بۇنداق ئاسمانپەلەك باھاسى كۆپلىگەن ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئىستىكىنى سۇسلاشتۇرۋېتىشى مۇمكىن.» دەپ قارايدىكەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» iPhone 8نىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسى بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 64GBلىق، 256GBلىق ۋە 512GBلىق بولۇپ، باھاسى 999 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلىنىدىكەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 6700 يۈەن بولىدۇ. ئەمما يانفونلار جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن يەنە بىر مۇنچە باھا قوشۇلىدۇ، شۇنداق بولغاندا يېڭى iPhoneنىڭ باھاسى 9000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ باھاغا ئاساسەن يۈزلىنىپ قارايدىغان بولساق، 256GBلىق ۋە 512GBلىق نىڭ باھاسى بەلكىم 1100 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى ئېنىق. يەنە كېلىپ iPhone 7s ۋە iPhone 7s Plusنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى iPhone 7 بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.

20170829142417135.jpg

ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئانالىزچىسى بىرايىن (Brain White)نىڭ ئەكسىچە پىكىرى بار، ئۇ: «گەرچە Galaxy Note 8 كىشلەرنى ناھايىتى جەلپ قىلسىمۇ، بىراق ئىستېمالچىلار ئىنتايىن تاقەتسىزلىك بىلەن 5.5 دىيۇملۇق iPhone 8نى كۈتىۋاتىدۇ، بەلكىم يېڭى يانفون ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، ئىستېمالچىلار ئانچە كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا سېتىۋېلىشى مۇمكىن.» دەپ قارايدىكەن.

ئەمەلىيەتتە، يېقىندا كېيىنكى ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى iPhoneنى سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈلگەن ئۇچۇرلار بار. يانفونىنى يېڭى iPhoneغا يېڭىلىغۇسى بارلارنى تەكشۈرگەن دوكلاتتا %40 كىشى يۇقىرى سەپلىمىك iPhone 8نى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان، ئەمما iPhone 7 ۋە iPhone 7 Plus سېتىۋالغۇسى بارلار %19 بولۇپ، %17 كىشىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىدىكى iPhone 7sنى سېتىۋالغۇسى بار ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • GILA1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر ئېغىز گەپ ئالمىدا ھېچ قانداق يىڭىلىق يوق ھەم قاممىدى بولسىمۇ بىزنىڭ بۇيەردە ئىشلىتىشكە تېخى ماس ئەمەس

    ئەقلى ئىقدىدارلىق تىلفۇن لارنىڭ ئىقتىدارلىرى ئاساسى جەھەتتىن يۇقۇرى پەللىگە چىقىپ بولدى
    ھازى بەش يۈز سومغا تىلفۇن ئالسىڭىز سامسۇڭ ئالمىلاردا بار ئىقتىدارنىڭ 99.9پىرسەنت ئىقتىدارنىڭ ھەممىسى بار مەسىلە پەقەت ۋە پەقەت ھەشەمەتلىك جەھەتتە


    مەنچە قۇلىڭىزدىكى تىلفۇننى 2يىلدىن كىيىن ئالماشتۇرسىڭىز زىيان تاتمايسىز چۈنكى ئىككى ئۈچ يىل غىچە چۇقۇم چوڭ كۈلەملىك تېخنىكا ئۈزگۈرشى مۇمكىن

  • ۋولقان2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئات بىلەن ئىشەكنىڭ پەرقى با ئالما دىگەن ئالمائۇ ؛s6گە سېلىشتۇرۇپ كەتكىننى ،5sكىمۇ يەتمەيدۇ ئۇ s6

  • Galaxy S62 ھەپتە ئىلگىرى

    نوتى سەككىز بەك ھەشەمەتلىك چىقىپتۇ يېڭىلىق يارىتىش سامسۇڭدا ھەرخىل يانفۇنلىرى بار ئىھتىياجدىن چىقىدۇ

  • ئۇچقۇر3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما8 3يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان سامسۇڭs6چىلىك چىقسا مەيلىتىغۇ

  • تەمكىن3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنچە ئالدى 1 جى رەسىمدىكىدەك ، نىپىزلىكى 3 جى رەسىمدىكىدەك چىقسا ئاندىن سىتىۋىلىشنى ئويلىشىمەن ئالمىنى

  • تەكلىماكان3 ھەپتە ئىلگىرى

    پۇچۇق ئالمىنى قانداقلا ئىشلىتىدۇ ئىقتىدار جەھەتتىمۇ سامسۇڭغا ھەرگىز يىتەلمەيدۇ

  • بۈگۈن3 ھەپتە ئىلگىرى

    مېنىڭچە ھەرئىككىلىسى ناھايىتى ياخشى سېتىلىشى مۇمكىن.

  • ئالماس3 ھەپتە ئىلگىرى

    نوت8 نى ئىشلەتكەن ئادەم ئالما سەككىزگە قاراپمۇ قويماس

  • 3 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەممىدىن ئىكرانى بەك ئىشەنچىلىك ھە ئالمىچىلا سامسۇڭ ئاكسى ياسىدى ئەمەسمۇ 5 ئەزاسىنىڭ ھەممىسى سامسۇڭنىڭ يەنە ئالما نوچىمىش

  • مېسسى3 ھەپتە ئىلگىرى

    تەخەرنىڭ دېگىنى توغرا سامسا ئوتقا يېقىن ئالما ئىشەنچىلىك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号