باش بەت

Jupiter

262يوللانما
26مەستانە

سونىي يېڭى مەھسۇلات چىقىرىپ ئالمىنىڭ AirPods تىڭشىغۇچىسىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-29 18:28 6 ئىنكاس چۈشتى

TechWeb تورى 29-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ئەگەر «2016-يىلىدىكى ئەڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك رەقەملىك ئۈسكۈنە قايسى؟» دەپ سورالسا بۇنىڭ جاۋابى شۈبھىسىزكى «ئالما شىركىتىنىڭ AirPods سىمسىز تىڭشىغۇچىسى»دىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان بۇ مەھسۇلات ھازىرغا قەدەر ئىزچىل مال كەمچىل ھالەتتىن قۇتۇلالمىدى. ئورگان تورىدىن بۇ تىڭشىغۇچنى سېتىۋالماقچى بولغانلار تۆت ھەپتە ئەتراپىدا ساقلاشقا مەجبۇر، بۇنىڭدىن AirPodsنىڭ قانچىلىك بازار تېپىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئالما CEOسى تىم كۇك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىدە: «AirPodsقا بولغان ئېھتىياج بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىزدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى، بىز بۇ مەھسۇلاتىمىزنىڭ بۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرىشىشىنى ئويلاپ باقمىغان» دېدى.

AirPodsنىڭ دائىم مال قىس ھالدا تۇرۇشى باشقا شىركەتلەرنىڭ ئىچىگە ئوت سېلىۋەتتى. 25 يىللىق تىڭشىغۇچ ياساش تەجرىبىسىگە ئىگە سونىي شىركىتى بۇ يىل 9-ئايدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا باشلىنىدىغان 2017-يىللىق IFA ئىستېمال ئېلېكتىرونى كۆرگەزمىسىدە ئۆزىنىڭ سىمسىز تىڭشىغۇچىسى WF-1000Xنى ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە بۇ تىڭشىغۇچ ھەققىدە بۇ بىر قانچە سۈرەتتىن باشقا ئانچە كۆپ ئۇچۇرلار يوق، ھازىرچە ئاشكارىلانغىنى شۇكى، بۇ تىڭشىغۇچنىڭ ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى AirPodsقا جەڭ ئېلان قىلالايدۇ، يەنە كېلىپ سونىي تىڭشىغۇچلىرى ئەزەلدىنلا ئاۋاز سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن مەشھۇر. كېلەر ئايدىكى IFA كۆرگەزمىسىدە سونىي بۇ تىڭشىغۇچنى راستتىنلا ئېلان قىلىپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇ ھازىرغا قەدەر ئالمىنىڭ AirPods تىڭشىغۇچىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم رىقابەتچىسى بولۇپ قالىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • جەسۇر3 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر بىرىدىن قىلىشمايدىغان رەقىبلە

  • ئەنقەر3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەگەر راس شۇنداق بولسا ئالما سونىيغا رىقابەتچى بولالمايدۇ

  • مېھمان3 ھەپتە ئىلگىرى

    ھە شۇ مىخانىكقا ئەزەلدىن قوشنىسىنىڭ قوش كۈرنىدۇ

  • ئۈمۈت3 ھەپتە ئىلگىرى

    سونىي نىڭ تىڭشىغۇچىلىرى ھەقىقەتەن سۈپەتلىك.بولۇپمۇ ئاۋاز ئۈنۈمى بەك ياخشى.

  • رىقابەت3 ھەپتە ئىلگىرى

    قولايلىق ياسلىنىپتۇ كوك چىش سېستىملىق تىڭشغۇچ،باھاسى قانچىلىكتۇ

  • مېخانىك3 ھەپتە ئىلگىرى

    سونىينىڭ بەك سۇپەتلىك ياسىلىپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号