باش بەت

AbdullahDev

78يوللانما
4مەستانە

سامسۇڭ خىزمەتچىلىرىنى تىرىشىپ ئىشلەپ كىرىزىستىن بىرلىكتە ئۆتۈشكە چاقىردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-30 11:07 3 ئىنكاس چۈشتى

TechWeb خەۋەر تورىنىڭ 29-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ ئېلېكترون گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى لى جائېيوڭ بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، سامسۇڭ بىرلەشمە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خىزمەتچىلەرنىڭ قايتىدىن دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئەسلىگە كېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

20170829182317326.jpg

سامسۇڭ ئېلېكترون گۇرۇھىنىڭ بىرلەشمە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كۋون ئوخىيۇن بىر باياناتىدا خىزمەتچىلەرنى دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق تىرىشپ ئىشلەشكە ئۈندىگەن. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن كورېيە سوتى سامسۇڭنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى لى جائېيوڭنى سوتقا تارتىپ، كورىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاك گۆنھيېگە پارا بېرىش جىنايىتى بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

بىراق، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن لى جائېيوڭنىڭ ئادۋوكاتى بۇرۇنقىدەكلا سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايتا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارار چىقىرىش جەريانىدا ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشىدە خاتالىق بارلىقىنى ئېيتقان. شۇ سەۋەبتىن 2-قېتىملىق ئوچۇق سوت تەخمىنەن 9-ئايدا كورېيە پايتەختى سېئولدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىدە يەنە بىر قېتىم ئېچىلىدىكەن.

كۋون ئوخىيۇننىڭ يۇقىردىكى سۆزى لى جائېيوڭغا جازا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن شىركەت ئىچىدە تارقاتقان تۇنجى خىزمەتچىلەرنى ئ‍ىلھاملاندۇرۇش ئۇچۇرى بولۇپ، ناۋادا نارازىلىق ئەرزى سونۇلغاندىن كېيىن سوتنىڭ ھۆكۈمى يەنە بۇرۇنقىدەك بولۇپ ئۆزگەرمىسە، ئۇنداقتا مەزكۇر شىركەتتىكى لى جائېيوڭنىڭ رەھبەرلىك ئورنى يەنە ئۇزۇن مۇددەتكىچە بوش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇ پارچە ئۇچۇر مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىچكى تورىدا ئېلان قىلىنغان، ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ مەزكۇر ئۇچۇردىن خەۋەردار بولغان، كۋون ئوخىيۇن مەزكۇر ئۇچۇرىدا لى جائېيوڭغا جازا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە كەلگۈسىدە شىركەتنىڭ مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىزمەتچىلەرنى ھەقىقي ئەھۋالنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى كۈتۈش بىلەن بىرگە داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان.

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلار سامسۇڭغا نىسبەتەن مۇقىملىق ۋە ئىزچىللىقنى تەكىتلەش سىگنالى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېخنىكا شىركىتىنىڭ بىرى بولغان سامسۇڭنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالى ناھايىتى تۇراقسىز.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، لى جائېيوڭ بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، كۋون ئوخىيۇن سامسۇڭ ئېلېكترون گۇرۇھىنىڭ ئۈچ چوڭ بىرلەشمە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل ھالدا ئارقا سەپتە تۇرۇپ شىركەت مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلگەن.

سامسۇڭ ئېلېكترون گۇرۇھى يەنە كەلگۈسىدە يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ چىقىرىپ جۇڭگو شىئەن ئۆزەك زاۋۇتىىنىڭ NAND ئۆزىكى ياساشنى كېڭەيتىدىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ بىر پارچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان ھۆججىتىدە، پىلاندىكى يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنىڭ ئىككى مىليارد 300 مىڭى تەستىقلىنىپ چىقىم قىلىنىپ بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاق كۆڭۈل 女人1 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ سورخان نېمىشقا كورىيەگە بېرىپ سامسۇڭ شىركىتىدە ئىشلىمەيدىغاندۇ ؟ سامسۇڭنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغۇ سامسۇڭنىڭ دەردىدە ساراڭ بولاي دەپ قالدى. ئېلىشىپ قېلىش دەرىجىسى 90%.

  • ئىسىمسىز4 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخان دەرھال ئاۋاز قوشۇڭلار مانىڭغا

  • سۈرخان4 ئاي ئىلگىرى

    كۈرەمىز ئالمىنى سامسوڭ بەك ياخشى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号