باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8771يوللانما
423مەستانە

تۈجۈپىلەپ تەييارلانغان ناشتىلىققا داخىل بولۇش كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-29 19:17 0 ئىنكاس چۈشتى

تۇرسۇن كېرەم

ناشتىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەم كۈندە ناشتا قىلىش رېتىملىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە كىشىنىڭ ئۆزىگە، شۇ كۈنلۈك خىزمىتىگە، پىلان–پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىنىڭ، ساغلام روھىي ھالەت، نورمال كەيپىياتنىڭ ھەرىكەتتىكى ئىپادىسىدىن ئىبارەت. ئوخشاشلا ناشتىسىز يۈرۈشنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى، تۈرلۈك كېسەل ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن تېببىي ساۋاتلاردىن خەۋەردارمىز. دېمەك سەھەر تۇرۇپ تۈجۈپىلەپ تەييارلانغان ناشتىلىققا داخىل بولۇش، خۇشال–خۇرام ھالدا ئوپچە غىزالىنىش، قىزغىن كەيپىيات، جۇشقۇن روھىي ھالەت شۇ كۈنلۈك ئۆگىنىش، خىزمەت، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئۈچۈن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇتۇق قازىنىش يولىنى راۋان قىلىدىغان، ئائىلە مېھرىنى ھېس قىلدۇرۇپ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈرىدىغان كۆڭۈللۈك جەريان.

پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەتىگەندىكى روھىي ھالىتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، كەيپىياتىنىڭ ئاكتىپ، ئىجابىي، تۇراقلىق، ساغلام بولۇشى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىش، ئوقۇش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. «ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن» دەپ ئۆزىمىز سەھەر تۇرۇپ، ناشتا ۋاقتىنى كەڭتاشا، ئازادىرەك قىلىپ پىلانلاپ، پەرزەنتلىرىمىزگە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى، ئاتا–ئانا مېھرىنى، بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز، ئۇلارنى خۇشال، كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات ھالىتىدە مەكتەپكە يولغا سېلىشىمىز كېرەك. شۇ خىل تۇيغۇدا، شۇنداق شارائىتتا چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارنىڭ كۆڭلى توق، روھىي ھالىتى جۇشقۇن، زېھنى ئوچۇق، دادىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان پىسخىكىسى قويۇق، تىرىشىپ ئۆگىنىپ نەتىجە قازىنىش ئىستىكى كۈچلۈك بولىدۇ ھەم ئۆگىنىش ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاش ئائىلە سۈپىتى، ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ نامايەندىسى. ئۇ بىز ئاتا–ئانا بولغۇچىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈش، ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىش جەريانىمىزدۇر.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى 

http://uy.ts.cn/life/content/2017-08/29/content_616887.htm?lang=uy


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号