باش بەت

MURPHY

2182يوللانما
15مەستانە

مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغارلار ۋە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى تيەنجىندە ئېچىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-29 21:16 1 ئىنكاس چۈشتى

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 28- كۈنى، تەقدىرلەنگەن تەنتەربىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەكىلى ۋە تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى يىغىن نەق مەيدانىدا. مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھارپىسىدا، 28- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تيەنجىندە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغارلار ۋە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى چىڭياڭ رايونى، دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە شەخسلەر تەقدىرلەندى.

 مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن، ئىلغار شەخس، مەملىكەتلىك تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم تەقدىرلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى تەقدىرلەش يىغىنىدا 3259 ئورۇنغا «2013- 2016- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغارلار ئورۇن» دېگەن نام ۋە 2465 نەپەر يولداشقا «2013- 2016- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار شەخس» دېگەن نام بېرىلدى؛ 70 ئورۇنغا «مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار» دېگەن شەرەپلىك نام ۋە 44 نەپەر يولداشقا «مەملىكەت بويىچەتەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

 مەنبە: خەلق تورى

  http://uyghur.people.com.cn/165019/15679253.html

باش سۈرەت تاللاش x
  • ؟؟؟3 ھەپتە ئىلگىرى

    ياۋ مىڭنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان ئادەم نېمىش قىلغاندۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号