باش بەت

durdana

1071يوللانما
58مەستانە

ئۆزبېكىستان ناخشىچىسى لالە توي قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-29 23:40 1 ئىنكاس چۈشتى

لالەنىڭ ئىنىستاگرامدىكى ئەگەشكۈچىلىرى بىر مىلىيونغا يەتتى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ناخشىچى مەستانىلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ شەخسىي ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مەلۇم قىلدى.

«بىر مىلىيون. قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىڭلارغا رەھمەت، دوستلار! ھەر دائىم يېنىمدا بولغان، ماڭا ئىشىنىدىغان ۋە مېنى كۈتىدىغان بارلىق مەستانىلەرگە رەھمەت! مەن بۇنى تولىمۇ قەدىرلەيمەن! سىلەر ناخشا كېچىلىكىمنىڭ بولۇش- بولماسلىقى، يېڭى ناخشىلىرىمنىڭ ۋە فىلىملىرىمنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك سورايسىلەر....

ھازىر ھاياتىمدا شۇنداق بىر ۋاقت باشلاندى، ھەممىسىگە ئۈلگۈرۈپ بولۇشنى ئارزۇ قىلمايمەن، مەن ھەممىنى قىلالايدىغان كۈچلۈك بولۇشۇمنىمۇ ئۆزۈمدىن تەلەپ قىلمايمەن، ھازىر مەن ئاددىيلا ياشاشنى خالايمەن ھەمدە شۇنداق قىلالايمەن دەپ ئويلايمەن. مەن يامغۇردىن كېيىن سەيلە قىلىش، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا قۇلاق تۇتۇش، پەرزەنتلىرىم بىلەن چۈش ۋاقتىغىچە بىللە يېتىش ۋە ھېچنېمىگە ئالدىرماسلىق، يېقىنلىرىمنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن سائەتلەپ ئاشخانىدا مەشغۇل بولۇش، ئاندىن ئائىلەم بىلەن كەچلىك تاماقتىن كېيىن ۋىنو ئىچىش ۋە كىتابنى مۇھاكىمە قىلىش..

كېچىلىرى كۈچلۈك مۈرىگە باش قويۇپ ئۇخلاپ، ئۆزۈمنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىش... بۇ دەقىقىلەر بىباھادۇر. ھايات دېگەن مانا شۇ! شۇنداقلا ئاجايىپ!» دەپ يازدى لالە.

لالە ھازىر يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن موسكىۋادا ياشىماقتا.

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • نېگارە2 ئاي ئىلگىرى

    لالە توي قىلىپتۇ دە،بەخت تىلەيمەن مەڭگۈ مۇشۇنداق بەختلىك بولۇڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号