باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2694يوللانما
19مەستانە

سامسۇڭ شىركىتى Note 8 يانفونىدىن 11 مىليون دانە سېتىشنى نىشانلىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-30 17:54 11 ئىنكاس چۈشتى

TechWeb تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ شىركىتى يېقىندا پۈتۈنلەي يېڭى تىپتىكى تولۇق ۋە ئەگمە ئېكرانلىق بايراقدار يانفونى Galaxy Note 8نى ئېلان قىلغان، بۇ يانفوننىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تاشقى كۆرۈنۈشى بولغاندىن باشقا، سامسۇڭنىڭ قوش كامېرا سەپلەنگەن تۇنجى يانفونى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يانفوننىڭ چوڭ ئېكرانى ۋە S Pen قەلىمى يانفوننى iPad ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئارتۇقچىلىققا ئىگە قىلغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، Galaxy Note 8 كۆپ قىسىم ئادەمنىڭ خىزمەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىدىن چىقالايدۇ. سامسۇڭ شىركىتى بۇ يېڭى نۇسخىدىكى بايراقدار يانفونغا زور ئۈمىد باغلىغان بولۇپ، ئۇلار يېقىندا Galaxy Note 8نىڭ سېتىش نىشانىنى ئاشكارىلىغان.

 

بۈگۈن، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ كەسىپ دىرېكتورى كوھ دوڭجىننىڭ دېيىشىچە، Galaxy Note 8نىڭ سېتىلىش مىقدارى Galaxy Note 5تىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئۇ يەنە بۇ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «Galaxy Note 5نىڭ سېتىلىش مىقدارى 11 مىليون دانىغا يەتكەنىدى، Galaxy Note 8نىڭ سېتىلىش مىقدارى تەبىئىيلا بۇ ساندىن ئېشىپ كېتىدۇ».

بۇلتۇر Note 7نىڭ باتارېيەسىدىن چاتاق چىقىپ، سامسۇڭنىڭ ئىناۋىتىنى تەسىرگە ئۇچراپلا قالماي، بەلكى يەنە شىركەتنىڭ كەسىپ نەتىجىسىگىمۇ زور دەرىجىدە چۈشۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭغا قارىغاندا، سامسۇڭنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى نۇسخىدىكى Galaxy Note 8 يانفونىغا تايىنىپ بۇرۇنقى بازىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشى تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالغان، شۇڭا بۇ قېتىم Galaxy Note 8نىڭ باتارېيەسىنى لايىھەلەشكىمۇ خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان.

نۆۋەتتە، Galaxy Note 8پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا زاكاز قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر يانفون 9-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي بازارغا چىقىدۇ. باھاسى 930 دوللار (تەخمىنەن 6133 يۈەن)، ياۋروپادا 1000 ياۋرودىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ يانفون بازادىكى ئەڭ قىممەت يانفونلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالىدۇ. بىراق Galaxy Note 8 رىقابەتكە تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەك، چۈنكى كېلەر ئايدا ئالما شىركىتىمۇ يېڭى يانفونى iPhone 8نى ئېلان قىلىدۇ. شۇڭا Galaxy Note 8نىڭ بېسىمىمۇ خېلى چوڭ. تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە سامسۇڭ Galaxy Note 8نىڭ سېتىش نىشانى 11 مىليون دانىدىن ئاشىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 181******021 ھەپتە ئىلگىرى

    يەنىلا دۆلىتىمىز نىڭ ياخشى ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى باھا سىمۇ مۇۋاپىق

  • تەنھائەلىي2 ھەپتە ئىلگىرى

    باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ يۇقۇرى دەپقويغاندۇ ھەقاچان

  • Noble2 ھەپتە ئىلگىرى

    سۈرخان نىڭ ئىنكاسىغا بىر كۈن كۈلۈپتىمەن

  • Galaxy S62 ھەپتە ئىلگىرى

    سېرىق رەڭلىك نۇسخىسىدىن بىرنى ئالغۇم كەلدى بۇنىمى ئالارمەن

  • سۈرخان2 ھەپتە ئىلگىرى

    پۇلۇم بولغان بولسا ھەممىنى مەنلا سىتىۋالاتتىم…،ھىييييييييي جىنىم سامسۇڭ

  • سامسۇڭچى2 ھەپتە ئىلگىرى

    گەپ يوق سىتىۋىتىمىز 11 مىلىيوننى

  • ساراڭ2 ھەپتە ئىلگىرى

    11مىليۇننى بىر ئايدا ساتىدۇ !

  • لنكولىن2 ھەپتە ئىلگىرى

    سازغۇ !

  • يولۇچى2 ھەپتە ئىلگىرى

    930 دوللاردىن 11 مىليون دانە ساتسا، 10 مىليارد 230 مىليون دوللار دېگەن گەپ

  • ئالما2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاتە پونى سېسىق سامسا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号