باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10324يوللانما
780مەستانە

ھىندىستانلىق «پىر كالان»غا 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-30 19:09 4 ئىنكاس چۈشتى

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ھىندىستان، روتەك، 29-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر سوت مەھكىمىسى 28-ئاۋغۇست تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان مەنىۋىي داھىي 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن. ئۇ ئىككى نەپەر مۇخلىسىغا باسقۇنچىلىق قىلغان، دەپ ئەيىبلەنگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ مەنىۋىي داھىينىڭ قوللىغۇچىلىرى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، 38 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن سىنگىھنىڭ ئىككى ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىق جىنايىتى 25-ئاۋغۇست بېكىتىلگەندىن كېيىنلا قالايمىقانچىلىق باشلانغان. سىنگىھ بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن خارىئانا ئىشتاتىدا باسقۇنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان.

بۇ دېلوغا خارىئانا ئىشتاتىدىكى روتەك شەھىرىگە جايلاشقان ۋاقىتلىق سوت مەھكىمىسىدە ھۆكۈم چىقىرىلغان. زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئادۋوكاتى بېئىنس دەسلەپتە سىنگىھقا 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان، بىراق ھىندىستان مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھۆكۈمگە ئېنىقلىما بېرىپ، ئۇنىڭغا 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

بېئىنس يەنە جازانى تېخىمۇ ئېغىرلىتىشنى ھەمدە ھىندىستان قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇ مەزھەپ بىلەن چېتىشلىقى بولغان، جىنسىي پاراكەندچىلىككە ياتىدىغان نەچچە ئون دېلونى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

بېئىنس مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە زىيانغا ئۇچرىغۇچىدىن يەنە ئاز دېگەندىمۇ 48ى بار. ئۇلار بەلكىم قەستكە ئۇچرىغان بولۇشى ۋە ياكى سىنگىھنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن».

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 25-ئاۋغۇستتىكىگە ئوخشاش زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، سىنگىھ قامالغان روتەك شەھىرىنىڭ ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن. ساقچى دائىرىلىرى ئالاقە تورىنى ئۈزگەن ھەمدە ئاساسلىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا زور تۈركۈمدىكى ساقچى ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە يوللارغا تۆمۈر سىم تارتىلغان توساقلارنى قويغان.

25- ئاۋغۇست سان-ساناقسىز قوللىغۇچى ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈرۈپ، خەۋپسىزلىك قىسىمى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بۇ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە ـــ ھىندىستان خەلق پارتىيەسى زوراۋانلىق ھەرىكىتىدىن ئالدىنئالا مۇداپىئە كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچرىغان.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، يېڭى دېھلى، 29- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ خارىئانا ئىشتاتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار رام نېۋاس مۇنداق دېگەن: «ھىندىستاندىكى ئۆزىنى ‹پىر كالان› دەۋالغان سىنگىھ 2002-يىلى ئىككى ئايال مۇخلىسىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى».

خارىئانا ئىشتاتىدىكى بۇ ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ 20 يىل ئىككى قېتىملىق باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىغا ئايرىم-ئايرىم بېرىلگەن 10 يىللىق قاماق جازاسىنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا سىنگىھ يەنە 3 مىليون رۇپىيە (تەخمىنەن 47 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە تۆلەيدۇ»

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاپلېسىن رەڭ2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداق پىركالان دەيدىغان باسقۇنچىلارنى ئۆلتۈرۋىتىش كىرەك ھەتتتا ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىللىرنىمۇ ئۆلتۈرۋىتىش بولمىسا ئادەم يوق سايدا بىر ئۆمۈر ئىشقا سىلىش ،يەنە شۇنداق باسقۇنچىلىق دىلوسى يۈز بەرسە باسقۇنچىلىق قىلغان ئەرلەرنى ئاختا قېلىۋېتىش ،يەنى كارغا كەلمەس قىلىپ قويۇش كىرەك

  • جەسسۇر 09972 ئاي ئىلگىرى

    ھېندىستان زۇڭتڭى نىمىشقا ئاخپارات ۋاستىلىرىدا تىلغا ئېلىنمايدۇ ، نىمىشقا زۇڭلى مودىنىلا تۇنۇشتۇرىدىغاندۇ ، مۇشىنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم ، مۇشۇ توغۇرلۇق خەۋەر يېزىش ئېھتىياجى تۇغۇلدىمۇ قانداق؟

  • ناملىق2 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ قوللىغۇچىللىرى دىگەن دەلتىلەرنىمۇ تۇتۇپ مۇشۇ پىر كالانى بىلەن سولاپ قويسا بولىدۇ گەلدەڭ ھىندىلار

  • ياسىنجان2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق سىياسەت ئەمىللەشسە زوراۋانلىق باسقۇنچىلىق يۇقايدۇ بۇ ھىندىستاندا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号