باش بەت

MURPHY

2182يوللانما
15مەستانە

تۆت يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون 910 مىڭ نامرات ئاھالە ئازايتىلىپ، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخش

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-30 21:59 1 ئىنكاس چۈشتى

تۆت يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون 910 مىڭ نامرات ئاھالە ئازايتىلىپ، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى


 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ 29- ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2013- يىلىدىن 2016 ـ يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە سانى 98 مىليون 990 مىڭدىن 43 مىليون 350 مىڭگە ئازايتىلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون 910 مىڭ ئادەم ئازايدى.

 گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ليۇ يۇڭفۇ 29-ئاۋغۇست 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىدا، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

 ليۇ يۇڭفۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: 2013-يىلىدىن 2016 ـ يىلىغىچە، يېزىلاردا نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %10.2تىن %4.5كە تۆۋەنلەپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1.4 تۆۋەنلىدى. ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق نامراتلارنى يۆلەش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نامراتلارنى ئازايتىش كۆلىمى زورايتىلىپ، ھەر يىلى ئازايتىلغان نامراتلار سانى 10 مىليوندىن يۇقىرى بولدى. تۆت يىلدىن بۇيان نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولدى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئۇدا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.7 ئەمەلىي ئاشتى.


 مەنبە: خەلق تورى

  http://uyghur.people.com.cn/155989/15679436.html



باش سۈرەت تاللاش x
  • يالقۇتاغ3 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇيەردىكى نامراتلارنى يۈلەشكە يول يۇلۇچى شوپۇرلار كىرەمدۇ قانداق بىزنى ھاۋالىلك باشقۇردىغان شىركەتلەر بىزنى باي بولغىلى قويماي ۋاتىدۇ ماشىنىنى ئىلم سىتم قىلساق باشقۇرۇش ھەقىنى ئۈستۈرۋاتىدۇ مۇشۇنداق قىلغىنى توغرىمۇ بىلدىغانلار بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار ھەر بىر ماشىنىنى بىرقىتىم ئۈتۈنىپ بەرسەك 100يۈەن باخا قۇشىۋاتىدۇ مۇشۇ توغرىمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号