باش بەت

MURPHY

2266يوللانما
24مەستانە

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شىركەت قانۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-30 23:07 0 ئىنكاس چۈشتى

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 28- ئاۋغۇست ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (4) نى ئېلان قىلىپ، پايچىكلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتتى.

 مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتى قارارىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى پايچىكلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، پايدا تەقسىملەش ھوقۇقى، ئالدىن سېتىۋېلىش ھوقۇقى ۋە پايچىكلار ۋەكىللىرىنىڭ دەۋا قىلىشى قاتارلىق بەش جەھەتتىكى ماجىرا دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتى پايچىكلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، پايچىكلارنىڭ شىركەت قانۇنىنىڭ 33-ماددىسى، 97-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەمدە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەسلىي پايچىكلىرى بەھرىمەن بولىدىغان چەكلىك دەۋا قىلىش ھوقۇقىنى بېكىتتى؛ پايچىكلارنىڭ شىركەتنىڭ مالىيە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى كۆرۈشىدىكى مۇمكىن بولغان ناتوغرا مەقسەتلەر توغرىسىدا مىسال كۆرسىتىپ، شىركەتلەرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىدىكى چېگرانى ئايدىڭلاشتۇردى؛ شىركەتلەرنىڭ شىركەت نىزامنامىسى، پايچىكلار ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پايچىكلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن بىلىش ھوقۇقىدىن ماھىيەتلىك مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىدى.


 مەنبە: خەلق تورى

  http://uyghur.people.com.cn/155989/15679290.html


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号