باش بەت

ئىدىقۇت887

6840يوللانما
11مەستانە

ھىندىستانلىق ئايال 7 ياشلىق قىزىنى 4-قەۋەتتىن تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31 09:53 10 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى ئۇنۋېرسال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندىكى 7 ياشلىق بىر قىزنى روھىي كېسەل ئاپىسى 4-قەۋەتتىكى ئۆينىڭ بالكونىدىن ئىككى قېتىم پەسكە تاشلاپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار ئىپادە بىلدۈرۈپ ئايشىكا ساركار (Aishika Sarkar) ئىسىملىك قىز ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئاپىسى سىۋاسى ساركار (Swathi Sarkar) تەرىپىدىن 4-قەۋەتتىكى بالكوندىن پەسكە تاشلىۋېتىلگەنىكەن. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى قاتتىق غەزەپلەنگەن كىشىلەر سىۋاسى ساركارنى ئېلىكتىر سىتولبىسىغا باغلاپ قويغان، كەينىدىن ساقچىلار بۇ ئايالنى قىزىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئايشىكا ساركار ئىسىملىك بۇ قىز تىل توسالغۇسى سەۋەبلىك ياخشى گەپ قىلالمايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ساركارنىڭ دادىسى ساركار ئائىلىسىگە ئايدا بىر قېتىم بېقىش خىراجىتى ئاپىرىپ بېرىپ تۇرغان. ساقچى تەرەپ سىۋاسى ساركارنىڭ روھىي كېسىلى بارلىقىدىن گۇمانلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ سابىق يولدىشىمۇ سىۋاسى ساركارنىڭ ئىلگىرى ناھايىتى ئاسانلا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىگىلىنىشىچە، ئەمدىلا 7 ياشقا كىرگەن بۇ قىز 2-قېتىم بالكوندىن پەسكە تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، سىۋاسى ساركار قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، لېكىن ئەتراپتا ئولىشىپ تۇرغان قولۇم-قوشنىلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ئېلىكتىر سىتولبىسىغا باغلاپ ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شەھلا1 ئاي ئىلگىرى

    بەك ئچىم ئاغرىدى ئۇ بىچارە قىزغا

  • 176******212 ئاي ئىلگىرى

    ئەجەپ ئىچىم ئاغرىدى بىچارە قىزغا

  • سۈيگۈم ئۈچۈن2 ئاي ئىلگىرى

    روھىي كىسەل بولغاندىكىن دۇختۇرخانىدىن چىقارماي داۋالىسا بولمامدۇ ،ئىسسسست بىچارە قىزچاق ،ئەجەپ ئىچىم ئاغىردى،بۇ ئايال كىسەل بولغاندىكىن ئۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئۇنداق ھىسيات يوقتە ،ھىندىستان دىگەننىڭ شۇ كىنولىرىنى كۈرسە بولىدىكە ،باشقا ھىچ بىر پاھ دىگۈدەك ئىشى يوقكە بۇلانىڭ

  • ئابدۇللا2 ئاي ئىلگىرى

    بىرسى خۇتۇن باللىرنىڭ يۇزىگە كىسىلتا چاچسا بىرى قىزىنى ئۇلتۇسە بىرى ئانىسىنىڭ يۇرۇكىنى قارمۇچقا بۇلاپ يىسە ئۇز قىزىغا باسقۇنچۇلۇق قىلسا ھى نىم بۇپ كەتتى بۇ دۇنيا

  • ئايرۇس2 ئاي ئىلگىرى

    نىمەدىگەن رەھىمسىز ئايال بۇ بالىسىنى نىمىشقا تاشلىۋىتىدۇ ھەي

  • تاركان2 ئاي ئىلگىرى

    قىزىنى تاشلىۋەتكۈچە ئۆزىنى تاشلىسا بولمامدۇ

  • ئاتامان2 ئاي ئىلگىرى

    بىرى ئانىسىڭ يۈزىگە كىسلاتا چېچىپ ئەما قىپ قويسۇن ؟؟؟؟ يەنە بىرى ئۈزىنىڭ يۈرەك پارىسىنى بىنادىن ئىككى قىتىم تاشلاپ ئۆلتۈرسۇن ؟؟؟؟؟نىمە دىگەن رەھىمسىز دۇنيا بۇ؟؟؟؟

  • دېڭىز2 ئاي ئىلگىرى

    ئىستۇلبۇغا باغلاپ چالما كىسەك قىپلائۆلتۇرۋەتسىچۇ بۇ مەلئۇننى، ئادەم ئەمەس نىمىكەن بۇ

  • شەھلا5152 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي ئىسىت بىچارە قىز،،نىمە دىگۈلۈك بۇنىڭغا بەكلا ئچىندىم ،،ئاھۇ نارىسىدىنىڭ ئۈلۈمگە

  • يىگانە2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي روھى كېسەل ،،،،،ھەي روھى كېسەل،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号