باش بەت

zefer

1217يوللانما
64مەستانە

تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ باھاسى كۆپ بولغاندا 5000 دوللار چۈشىدىكەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31 13:25 0 ئىنكاس چۈشتى

Mashable تورى 31-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالدىنقى ئايدا، تېسلا ئاخىرى بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى Model 3نى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى تاماملىدى. ئەرزان باھالىق توكلۇق ئاپتوموبىلنى زور كۈچتە ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېسلانىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك ئاپتوموبىلىنىڭ باھاسىمۇ تۆۋەنلىدى، باھا تۆۋەنلەش دائىرىسى 3000-5000 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 23-33 مىڭ يۈەنگىچە) بولىدىكەن.

تېسلا Model S بىلەن Model Xنىڭ قىسمەن تىپلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ چۈشىدىغانلىق خەۋىرىنى دەلىللىدى، تېسلا بىلدۈرۈپ: «100kWhلىق باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى %3 ئۆستۈرۈلدى» دېدى.

بۇ قېتىمقى باھا چۈشۈرۈشتە Model S بىلەن Model Xنىڭ 100D تىپىنىڭ باھاسى 3500 دوللار چۈشىدىكەن، P100D تىپىنىڭ باھاسى 5000 دوللار چۈشىدىكەن.

ياخشى يېرى، ئەگەر سىز تېسلانىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلىنى زاكاز قىلغان، ئەمما تېخى ئالمىغان بولسىڭىز، يېڭى ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايسىز.

سېتىلىش باھاسى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى ئاپتوموبىل تىپلىرىغا نىسبەتەن، 5000 ئامېرىكا دوللىرى بەك ئاز ھېسابلىنىدۇ. شۇنىسى قىزىقكى، بۇ يىل 4-ئايدا تېسلا بەزى توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ باھاسىنى ئەمدىلا ئۆستۈرگەن ئىدى، بۇ قېتىمقى باھانى چۈشۈرۈش پەقەت توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ باھاسىنى بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتۇردى خالاس. لېكىن، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە چوقۇم يەنە ئەرزانلاشتۇرۇش يولىدىكى قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号