باش بەت

zefer

628يوللانما
35مەستانە

ئىنسانلار سۈنئىي ئىدراكتىن 100 مىليون ھەسسە ئەقىللىق

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31 16:10 14 ئىنكاس چۈشتى

AlphaGo راستتىنلا ئىنسانلارنىڭ شاھمات ماھىرىنى مەغلۇپ قىلدىمۇ؟ ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنى تەقلىد قىلغىلى بولامدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ياشاش دائىرىسىنى قانداق كېڭەيتىش كېرەك؟

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، چوڭقۇر دېڭىز، قۇتۇپ رايونى، ئالەم بوشلۇقى، مېڭە ئىلىمى، سۈنئىي ئىدراك قاتارلىقلار ساھەلەردە ئىزدىنىۋاتقان ئەڭ نوپۇزلۇق بىر تۈركۈم ئالىملار، جامائەت پاراۋانلىقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇنبىرى موزى سالونى ۋە SELF مۇنبىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئىزدەنگۈچى. 2017 يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى»دا جەم بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: سۈنئىي ئىدراكنىڭ توك سەرپىياتى 10 مىڭ ھەسسە تۆۋەنلىتىلسە، ھېسابلاش ئۈنۈمى 10 مىڭ ھەسسە ئۆستۈرۈلسە، ئاندىن ئادەم مېڭىسىگە دەسلەپكى قەدەمدە يېقىنلىشىدۇ؛ كىۋانت دۇنياسىدىكى فىزىكا قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىدە، ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنى تەقلىد قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تىرىشچانلىقى ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئوبدان ياشاش مۇھىتى ئېچىپ، ئۆزىگە خاس تۆھپە قوشىدۇ.

سىز راستلا AlphaGo لى سېدولنى مەغلۇپ قىلدى دەپ قارامسىز؟ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھېسابلاش تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن يۇنجى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: پۈتۈن مۇسابىقە داۋامىدا، AlphaGo ماشىنا ئادىمى 1000 دانە مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ۋە ۋە 200 دانە گىرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتتى، ھەر مىنۇتلۇق توك پۇلى 300 دوللارغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ تور كۆلىمى ئاران شەخسلەر كومپيۇتېرىنىڭ مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، لى سېدولنىڭ توك سەرپىياتى پەقەت نەچچە ئون كىلوۋات، بىر چوغلانما لامپۇچكىغا باراۋەر، ئەگەر سۈنئىي ئىدراكنى ئادەم مېڭىسىنىڭ كۆلىمىگە يەتكۈزىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتا بىر كىچىك تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئارقىلىق بىر دانە كىچىك ماشىنىنى توك بىلەن تەمىنلىسەك بولىدۇ.

چېن يۇنجى ئىنىسى چېن تيەنشى بىلەن بىللە ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان نېرۋا تورى ئۆزىكىنى ياساپ چىقتى، ئۇلار كەلگۈسىدە يەنىمۇ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ،  پەقەت ھېسابلاش ئۈنۈمىنى 10 مىڭ ھەسسە ئۆستۈرۈپ، توك سەرپىياتىنى 10 مىڭ ھەسسە تۆۋەنلەتكەندىلا، ئاندىن AlphaGoنى بىر ئەقلىيفونغا قاچىلىغىلى بولىدۇ، شۇندىلا ئۇ خوجايىنى بىلەن بىللە ھەر ۋاقىت چوڭقۇر ئۆگىنىپ، سانلىق مەلۇمات يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئاخىرىدا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىشلارنى تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنەلەيدۇ. تۇنجى ماشىنىنىڭ ئۆگىنىشىگە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە كۈچ كەتسىمۇ،  بىراق ئۆگىنىۋالسىلا سانلىق مەلۇماتلارنى نۇرغۇن ماشىنىلارغا كۆپەيتىشكە بولىدۇ.

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چېن يۇنجىدىن مۇنۇلارنى سورىدى: «ماشىنا ئادەمنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى بىۋاسىتە ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىگە كىرگۈزگىلى بولامدۇ؟» چېن يۇنجى مۇنداق دېدى: «ئالىملارنىڭ ھازىر نېرۋا تورى ئۆزىكىدە كونترول قىلىۋاتقىنى ھەقىقىي نېۋرون ئەمەس، بەلكى مەۋھۇم نېۋرون بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىگە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. 

ئۇنداقتا چوڭ مېڭىنى تەقلىد قىلغىلى بولامدۇ؟ چېن يۇنجى مۇنداق دېدى: «ئەگەر چوڭ مېڭىنى رەقەملەشتۈرگىلى بولسا، كۆپەيتكىلى بولۇشى مۇمكىن، بىراق چوڭ مېڭىدىكى بەزى پائالىيەتلەر كىۋانتلىق خۇسۇسىيەتكىە ئىگە بولغاچقا، كىۋانت دۇنياسىدىكى فىزىكا قانۇنىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.» ئېلىمىز كىۋانت ئىلىمىنىڭ نوپۇزى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى پەن جيەنۋېي بۇ كىچىك تىڭشىغۇچىغا مۇنۇلارنى دېدى: «كىۋانت ئېنىقسىزلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، تەقلىد قىلغىلى بولمايدۇ. بىر ئاتوم ياكى مولېكۇلانى توغرا تەقلىد قىلغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسى مۇمكىن بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنىڭ مۇرەككەپ تۇرسا.»

تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، مېڭە پەنلىرى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى گو ئەيكې مېڭىنىڭ يېتىلىش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا، چوڭ مېڭىدىكى نېۋرون سىناپىسىنى قانداق تەڭشەيدىغانلىقىنى، «ئىشلىتىلگەنلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ، ئىشلىتىلمىگەنلىرىنىڭ چېكىنىدىغانلىقىنى» تونۇشتۇرغاندىن كىيىن، بىر ئاڭلىغۇچى كەلگۈسىدىكى سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئاپتوماتىك تەڭشەش ئىقتىدارى بار-يوقلىقىنى سورىدى، چېن يۇنجى مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ئانچە مۇمكىن ئەمەس، نېمىلا دېگەن بىلەن ماشىنا ئەمەسمۇ. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، گەرچە كومپيۇتېر نۇرغۇن ھېسابلاش خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلالىسىمۇ، لېكىن ئىجادىيەت قىسمى ھازىر يەنىلا ئىنسانلارغا مەنسۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇش ئاساسەن بىردەك بولغان نۇقتا شۇكى، كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى ئىلىم-پەن، سەنئەتكە ئوخشاش ئىجادىي خىزمەتلەرگە تېخىمۇ مەركەزلىشىپ، بىر قىسىم خوجىلىق ئىشلىرىنى ماشىنا ئادەمگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.»

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىغانلاردىن باشقا، مۇنبەرگە يەنە ھازىر ئېلىمىزنىڭ 10 مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر سۇ ئاستىنى تەكشۈرۈش كېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان، شاڭخەي دېڭىز-ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سۈي ۋېيچېڭ؛ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى پىنگۋىن گەندىسى، تىيۇلېن مويى ئارقىلىق ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە چۈشەنچە بەرگەن، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سۈن لىگۇاڭ، TeV ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى كۆرۈنمەس ماددىلارنى كۆزىتىش كۆزنىكى ئاچقان، كۆرۈنمەس ماددا زەررىچىلىرىنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئالىمى جيا چاڭجىن ۋە «ئەرش ئوردىسى 2» ناملىق ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى چېن دوڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاقىل 09981 ئاي ئىلگىرى

    ئاقماس پاراڭنى ئاز قىلىشە ، سۈنئى ئىدراكنى ياراتمىغۇدەك ھەرقايسىڭ نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇغان سۈنئى ئىدراك دىگەن ئۇقۇمنى قانچىلىك چۈشىنىسىلە?
    ئەڭ ئاددى بىر مىسال كەلتۈرەي:ھىندىستاننىڭ ھىلقى ماشىنا ئادەم چىقىدىغان كىنونى كۆرەڭلا !

  • 132******021 ئاي ئىلگىرى

    مەنچە بۇ ئەرزىمەس تەتقىقات ئەمما مۇشۇنداق بولسا غايەت زور سودا پۇسىتىنىڭ يارىتىلىشىدا گەپ يوق،ئۇنى-بۇنى قۇيۇپ يەر شارىنى ئېغىر بۇلغاۋاتقان كۆمۈر نىفىتنىڭ ئورنىغا پاكىز بولغان قۇياش ئىنىرگىيىسىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنسە بۇلىدۇ،

  • رىقابەتچى2 ئاي ئىلگىرى

    بۇدۇنيادا پەقەت ئىنسانلار ئەقىللىق،ئىنسانلار بولمىغان بولسا دۇنيا بۈگۈنكىدەك گۈزەل بولمايتتى، سۈنىي ئىدراك تېخنىكىسىمۇ يوق بولاتتى.

  • ھەقىقەت2 ئاي ئىلگىرى

    قايسى ئالىمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەن تۇ مىنە بۇ

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    بەزى مېڭىسىنى پاختەك چوقۇپ كەتكەن ئالىملار ئۆزىچە جۆيلۈپ قويىدىكەن. كومپىيۇتېر كەلگۈسىدە ئىنسانلاردىن ئېشىپ كېتىدۇ. سۈنئىي ئىدىراك ئىنسانلارنى باشقۇرىدۇ.
    ئىنسانلارنى ماشىنا ئادەملەر كونتىرول قىلىدۇ دەپ نەدىكى ئاقماس پاراڭنى قىلىپ. شۇ نەرسىلەرنى ياسىغان ئادەم ئىنسان تۇرسا، ئىنسان ياساپ تۇرۇپ ئۆزى ياسىغان ئۈسكۈنىلەرنى كونتىرول قىلالمامدا. خىيالىغا نىمە كەلسە شۇنى سۆزلەمدىكىن دەيمەن بەزى ئالىملارنى.

  • نىھال2 ئاي ئىلگىرى

    سۇنىئى ئىدىراكىنى ئىنسانىلار كەشىپ قىلغان تۇغىرا ئىنسانىلار ئەققىلىق

  • سەرسان2 ئاي ئىلگىرى

    سۇنئىي ئىدراك ئادەمدىن غالىپ كەلسە تەبئىي قانۇنيەت قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالمامدو

  • رىقابەت2 ئاي ئىلگىرى

    ناھايىتى ئۇرۇنلۇق يىزلىپتۇ بۇ مەزمۇن گەپ كەتمىكدەك

  • ئادىلجان2 ئاي ئىلگىرى

    شۇنىمۇ دىيىش كىتەمدۇ ،ئەلۋەتتە ئاشۇ سۈنئىي ئىدراك دىگەن نەرسىنىمۇ ئىنسانلار پەيدا قىلغان تۇرسا .

  • بەخىتىم2 ئاي ئىلگىرى

    ئەلۋەتتەدە،سۇنېئى ھەمرائنسانلارنى ئەمەس،ئنسانلارسۇنئى ھەمرانى ياسغاندە!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号