باش بەت

ئادىلجان

6872يوللانما
70مەستانە

IT ساھەسىدىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئاسان يولدىن چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31 18:00 13 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ۋېيفېڭ تورىنىڭ مۇخبىرى «سوتچىنىڭ ئىشلىرى» ناملىق ئۈندىدار سالونىدىن بىر يېڭى نەرسىنى بايقاپ قاتتىق ھەيران قالدى. 

خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئورگان تورىدىكى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت دائىرىسىدە يېڭىدىن 5 مىليون 580 مىڭ جۈپ ئەر-ئايال توي قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1 مىليون 850 مىڭ جۈپ ئەر-ئايال ئاجراشقان! ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان شەھەرلەر ئايرىم-ئايرىم بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن، گۇاڭجۇ ئىكەن. شىنجاڭدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى %30.39 ئىكەن.

2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى مەملىكەت مىقياسىدا يېڭىدىن توي قىلغانلارنىڭ نوپۇس سانلىق مەلۇماتى


بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، چوڭ شەھەر ئەمەسمۇ! تۇرمۇش رېتىمى تېز، ھېسىياتتىمۇ ئاسان چاتاق چىقىدۇ!

ئەمما ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئاجرىشىشتىكى ئالتە چوڭ سەۋەب:

6. ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجى (مۇھەببەت قىممەتلىك، ئەمما ئۆي باھاسى تېخىمۇ قىممەت، ئاجرىشىپ ئۆي سېتىۋالغاندا نۇرغۇن پۇلنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ!)

5. ناچار ئادەت (خوتۇنى ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمىسا، ئەرلىرى خېنىم مىجەز بولسا ئاجراشماي قانداق قىلىدۇ؟)

4. قېينئانا-كېلىن ئەپ ئۆتمەسلىك («ئاپىڭىز بىلەن مەن سۇغا چۈشۈپ كەتسەم ئاۋۋال قايسىمىزنى قۇتقۇزىسىز؟» بۇنداق سوئاللارغا يولۇقسىڭىز جاۋاب بېرىپ ئولتۇرمايلا ئاجرىشىپ كېتىڭ بولدى!)

3. مىجەزى كېلىشمەسلىك («مەن كىتاب كۆرىمەن»، «مەن كاراOK ئېيتىمەن»، ئىككى ئادەمنىڭ مىجەزى مۇشۇنداق بولسا ئەلۋەتتە ئاجرىشىدۇ شۇ!)

2. ئائىلە زوراۋانلىقى (بۇنى چۈشەندۈرۈش كەتمەيدۇ، چوقۇم ئاجرىشىش كېرەك)

1. بىر تەرەپ يولدىن چىقىش («قايسى بۇزۇق ئېرىم (ئايالىم)نى ئازدۇرۇپ كەتتى؟ بولدى ياشىمايمەن!» بۇنىڭدىمۇ چوقۇم ئاجرىشىدىغان گەپ)

شۇڭا تۈرلۈك غەلىتە ئاجرىشىش سەۋەبلىرى ئىچىدە يولدىن چىقىش 1-ئورۇنغا تىزىلغان.


تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو %50.16 ئاجراشقۇچى ئەر-ئايال ئۈچىنچى شەخس سەۋەبلىك ئاجرىشىپ كېتىدىكەن، قارشى تەرەپنىڭ يولدىن چىقىشى ئاجرىشىپ كېتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەن.  

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا يولدىن چىققان ئاياللارنىڭ %18.6تى خىزمەت قىلمايدىغان ئانىلار، %13.8تى ئوقۇتقۇچىلار، %8.6تى دوختۇرلار، %7.2تى كاتىپلار، %6.1تى لايىھەلىگۈچىلەر ئىكەن. 

يولدىن چىققان ئەرلەر ئىچىدە نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى IT كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەرلەر بولۇپ، %10.6نى، پۇل-مۇئامىلە كەسپىدىكى %8.2نى، مائارىپ كەسپىدىكىلەر %6.5نى، دوختۇرلار %4.6نى، ئادۋۇكاتلار %3.8نى ئىگىلىگەن. 

ئەزەلدىن يۇۋاش-يۇمشاق دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن IT ئەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاسان يولدىن چىقىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولغىيتىڭىز!

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    قەيسەر بۇرادەر ئىسلە ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا خۇتەنگە چۇشۇپ ئۇستا بىرە تىپىقا دەپ لۇبۇبى كەبىر . مەجۇنى مۇبايى مۇمسىك . قۇشقاچ پەينىكى دەمدۇ جەينىكى دەمدۇ شۇنداق بىر نىمىلەر بۇلۇدىغان ياسىتىپ يەپ بىقىڭ . ئۇمۇ بۇلمىسا بۇغدا دۇختۇرخانسى ياكى تۇڭرېىن بۇلسىمۇ بۇلدۇ .. كۇتۇنۇپ بىقىڭلا بۇلمىسا چىرىقىڭلا ئۇچۇپ نام نىشانسىز يۇقاپ كەتمەڭلا يەنە جاھانغا يۇق ياشاۋەرمەي ئەۋلاد قالدۇرۇپ قۇيۇڭلا دەيمە . 2 بالام بار ھېيييي بالا بار ئۇيدىگەن باشقىچە . ئىسلە مەندىن 6 ياش چوڭكەنسىلە بۇلمىسا قېرى يىگىت

  • پىنھان2 ئاي ئىلگىرى

    يولدىن چىققان ئاياللارنىڭ 13 پىرسەنتى ئۇقۇتقۇچىلار دەپ مىنى سەل قورقىتۋاتىدىيا

  • ئ‍ۇ2 ئاي ئىلگىرى

    سەنئەت ساھەسىدىكىلەر يوقمۇ؟ شۇلارنىڭ ئ‍ىچىدە جىقراقمىكىن دەيمەن

  • ئالو2 ئاي ئىلگىرى

    قەيسەر ئۇنداقتا سىزدە ناشايان ئىشلار بار ئوخشايدۇ خوتۇن ئالمىساممۇ مەيلى دىگىنىڭىزگە قارىغاندا

  • مەن شۇ2 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەنمەن كەسپىم شۇ بولسمۇ

  • رىقابەت2 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا كۇنىلار دەيدۇ ئەمەسمۇ بىلىمدەك گۇزەل يار يوق ،دەپ ئادەم ئەسلىدە ئەقىلنى ھىسياتنىڭ كەينىگە ئوتكۇزۇپ قۇيسا بولمايدەكەن ،ئەقىل بىلەن ئىدراك تىپىلغان مۇجىزلەربىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن روناق تاپىدىكەن،ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرگەنكىنلا ئادەم نۇرغۇن ئىشلاردا ئەقىلدىمۇ نۇرغۇن مۇشەقەتلەرنى كۇرۇپ ئۇزىنى دۇنيادىن زارلىندىغان پاسسىق كەيپىيات شەكىلىنىپ قالدىكەن ،ئەمىلىيەتتە كوزىمىزنى يوغان ئىچىپ ئەقىل بىلەن قارساق نورغۇن مۇجىزلەر بىزنى كۇتۇپ تۇردىكەن،نۇرغۇن ئىشلارنى كۇڭۇلكۇدەك ۋايىغا يەتكۇزۇپ قىلالايدىكەنمىز

  • ئىرپان2 ئاي ئىلگىرى

    ئاجراشسا تۇل ئولتوردىغان گەپ شۇ قىزباللا ئەڭ ياخشىسى ئاجراشماڭلا ماقما

  • بىزلەركىم2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇۋال بولدى ھەي ……………………………………

  • قەيسەر2 ئاي ئىلگىرى

    ھازىر مۇشۇ توي قىلىش دىگەن چوڭ بىلگىدەك ئىش ئەمەس دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆزەمچە ، كۆرىۋاتىمىزغۇ بۈگۈن توي قىلىپ ئەتىسى ئاجىرشىۋاتقانلارنى، مەنمۇ بۇ يىل 32 گە كىردىم قىز دوستۇممۇ يوق ، ئەمما لىكىن ئاجايىپ سۆيىدىغان كەسپىم بار ، ماڭا مۇشۇ بولسىلا بولدى ، بىر ئۆمۈر خۇتۇن ئالمىساممۇ ھېچقىسى يوق

  • قەدىر ئەھۋال2 ئاي ئىلگىرى

    بۇلاق تورداش،ئىنچىكە تېخنىكا يەنى تىلفون،كومپىيۇتېر يۇمشاق دىتال ئېچىش ،كەشىپ قىلىش ،ئۇچۇرلىشىش قاتارلىقلاردا پۇل تاپىدىغان كەسىپنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن :ئالما شىركىتىدىكى ئىنجىنىرلار .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号