باش بەت

AbdullahDev

52يوللانما
1مەستانە

سامسۇڭ Note 8 بازارغا كىرىشىگە بىر دانە سامسۇڭ S7 يانفونى پارتلاپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31 17:30 30 ئىنكاس چۈشتى

سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتى سىمسىز ئۈسكۈنە بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى كوھ دوڭجىن 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە سامسۇڭنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار مەھسۇلاتى Galaxy Note 8نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ يېڭى يانفوننى تونۇشتۇرۇۋاتقاندا مەزكۇر يانفوننىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ سامسۇڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى قايتا تىكلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. بىراق ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سامسۇڭ يەنە ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەلدى. كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەشھۇر «Galaxy Note 7نىڭ پارتلاش ۋەقەسى» تېخى تولۇق ئۇنتۇلمايلا يېقىندا يەنە كورېيەلىك بىر ئىستېمالچى سامسۇڭ Galaxy S7 يانفونىنىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكدىن شىكايەت قىلغان.

20170831170119327.jpg

بۇ كىشىنىڭ دېيىشىچە پارتلاش 8-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ يانفونى توك قاچىلاۋاتقان بولۇپ، يانفونى سەھەر سائەت ئۈچ ئەتراپىدا تۇيۇقسىز پارتلاپ كەتكەن ۋە ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ، شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن، پارتلاش كۈچى بەكلا زور بولغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ كىشى قاتتىق جىددىيلەشكەن، ئەينى ۋاقىتتا ئەھۋال تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئەگەر نەق مەيداندا ئادەم بولمىغان بولسا، ياكى ئۇ ۋاقتىدا ئويغانمىغان بولسا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

سامسۇڭ شىركىتى مەزكۇر يانفوننىڭ پارتلاش سەۋەبىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ۋەقەنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى «سىرتقى تەسىر تۈپەيلى باتارېيەگە كىرگەن توك بېسىمى يۇقىرى بولۇپ كەتكەن» دەپ بېكىتكەن. بىراق يانفون ئىگىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى سامسۇڭ مۇلازىمەت مەركىزىدىكى مەسئۇل تېخنىكنىڭ دېگەنلىرى بىلەن ئەكسىچە چىققان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇل تېخنىكنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، يانفون ئەسلى سىرتقى ئېلكتېر كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبلىك پارتلاپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن.


20170831170119452.jpg

يانفون ئىگىسى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كورېيە سودا-سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەتلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئىنىچكە ئانالىز قىلىپ تەكشۈرگەن نەتىجىسىنى ساقلايدىكەن. مەلۇم بولۇشچە، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشكە بىر ئايچە ۋاقىت سەرپ بولىدىكەن.

بىر ئېيتشىقا تىگىشلىك يېرى شۇكى، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، كورىيە پۇساندا ئولتۇرۇشلۇق بىر پۇقرانىڭ ئۆيىدىمۇ ئوخشاشلا توك قاچىلاش جەريانىدا سامسۇڭ Galaxy S7 تىپلىق يانفونى پارتلاپ كەتكەن بولۇپ، كۈچلۈك جامائەت پىكرىنى قوزغىغان. شۇ ۋاقىتتا سامسۇڭ ئېلېكترونى مەزكۇر يانفوننىڭ پارتىلاش سەۋەبى توك قاچىلاش ئېغىزىدىكى غەلىتە ماددا سەۋەبلىك ئىكەنلىكى، بىراق كونكىرېت ئەھۋالنى يەنىلا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • GILA1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن تىلفۇن ئىشلىتىپ پارتىلاپ كىتىپ باقمىدى

    ئەگەر پارتىلاپ كەتسىمۇ ھېچقىسى يوق باشقىنى ئالىمەن بەربىر ئوڭشۇلۇپ قالمايدۇ توغرىمۇ باللا

  • GILA1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن مۇشۇنداق غەلۋىسى تۇلا نەرسىلەرگە بەك ئامراق ھەم قىززىقىمە

  • كارۋان2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن دەيدىغان گەپنى تەمكىن دەۋاپتۇ

  • 152******702 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالمىنىڭ پارتىلىغىنىنىمۇ ناھايىت كۆپ ئاڭلاپ كەتتۇق شۇنداق چاغلاردائىنكاسچىلار يوقاپ كېتىدىكەن، سامسۇڭ پارتىلاپتۇ دېسە ئۇۋىلىرىدىن چىقىپ سايرىشىپلا كېتىدىكەن ، مانا مەن دەپلا يېغىر تاتلاۋاتمامدۇ، سامسۇڭ ئەڭ ئالدى ھازىر

  • ئەركىن2 ھەپتە ئىلگىرى

    سۈرخان يوقاپ كەتتا ،ھېلىقى شىياۋمىچى بالىمۇ يوق ،رېمونتىچى باركەن راس

  • tajdar2 ھەپتە ئىلگىرى

    قىسسا بولمايدۇ، ئالما يامان بولساڭ samsug not6 not5 not4يامان بولساڭ galaxye s8 نى پارتىلتىپ باقسۇن

  • بىلم ئىشقىدا2 ھەپتە ئىلگىرى

    نادان ھە ممە ئادەم ئۆزىنىڭ تاللغىنى ھەمدە ئۆزىگە يارغىنى داڭلايدۇ شۇڭىلاشقا تالاشماڭلا

  • ئسىل09032 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر تىلىفۇن پارتلاپ كەتكەنگە نىم بۇپتۇ ئالمىمۇ سامسوڭمۇ ئوخشاش قۇ

  • ئومەر2 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇر مال ئېشقۇ بۇ
    بۇدېگەن سامسىۇڭ نېڭ ئالا ھېدېلېكې ئەڭ چوڭ ئېختېدادارېې

  • مېھمان2 ھەپتە ئىلگىرى

    ماۋۇ يەردىكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدا با باساسى 7500 ئەتراپىدا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号