باش بەت

گۈلنىسا

140يوللانما
7مەستانە

تازىلىق ئىشچىسى قىزىنىڭ گىمناستىكا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەتتە يىلدا ئىككى توننا ئۈگرە يېدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31 21:55 8 ئىنكاس چۈشتى

 49 ياشلىق خوۋ يەنۋېي تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ، پۇل يىغىپ قىزىنىڭ گىمناستىكا مەشىق قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كۈندىلىك كەچلىك تامىقىغا قۇرۇق سۇغا ئۈگرە سېلىپ ئىچسە، ناشتىلىقىغا موما يەيتتى، كۈندىلىك خىراجىتى 10 يۈەندىن ئاشمايتتى. يەتتە يىلدىن بۇيان ئۇ تەخمىنەن يەتتە توننا ئۈگرە يېدى. خوۋ يەنۋېي مۇشۇنداق قىيىن تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، لېكىن قىزىغا كەلگەندە ھەرگىز چىڭلىق قىلمايتتى. 

 ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5تە كىشىلەر ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغاندا ئۇ ئىشقا چىقاتتى.

 خوۋ يەنۋېي كەمسۆز، ھەقىقىي ھەرىكىتى بىلەن گەپ قىلىدىغانلاردىن بولۇپ، خىزمەتتە ئەستايىدىل ئىدى، ئۇ ۋۇخەن تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئەتراپىدىكى يوللارغا مەسئۇل بولۇپ، بۇ يەردە ئادەم كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا پاكىز، رەتلىك تۇراتتى.

 ئىش ئورنىدىكىلەر ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنى تەنتەربىيە ئىنستىتۇتى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان، چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خوۋ يەنۋېينىڭ قىزى شىڭشىڭ ئۈچۈن ۋۇخەنگە كەلگەنلىكى، قىزىنىڭ تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىدا گىمناستىكا مەشىق قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

 خوۋ يەنۋېي پۇل تېجەش ئۈچۈن تۇرۇبا سۈيى ئىچىپ، قەھرىتان سوغۇقتىمۇ سوغۇق سۇدا يۇيۇناتتى. 49 ياشقا كىرگەن خوۋ يەنۋېينىڭ چېچىغا ئاق چۈشۈپ، بەللىرى مۈكچەيگەن بولسىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: سالامەتلىكىم ياخشى، ئېغىر كېسەل بولۇپ باقمىدىم. قىزىمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشسىلا ھەممىسى ئەرزىيدۇ!

 خوۋ يەنۋېينىڭ قىزى بۇ يىل 11 ياشقا كىرگەن بولۇپ، گىمناستىكا مەشىق قىلىشتا نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. بۇنى يەتتە يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇ چاغدا بىر ئائىلە كىشىلىرى جېڭجۇدا تۇراتتى، خوۋ يەنۋېي ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتتا يۈك توشۇپ جان باقاتتى. قىزى يول مېڭىشنى ئۆگەندىن كېيىن خوۋ يەنۋېي يۈك توشۇغۇچە دائىم قىزىنى ئېلىۋالىدىغان بولدى. بىر قېتىم ئاتا-بالا ئىككىيلەن جېڭجۇ شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مەكتىپى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغاندا، بىر توپ قىزلارنىڭ مەيداندا گىمناستىكا مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قىزىنىڭ ئايرىلغۇسى كەلمىدى. قىزىنىڭ گىمناستىكىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىپ، خوۋ يەنۋېي كۆڭلىدە قەتئىي نىيەتكە كەلدى. قىزى تۆت ياشقا كىرگەندە ئارزۇسى بويىچە گىمناستىكا يولىغا قەدەم قويدى. خوۋ يەنۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يولنى مېڭىش تەس، ماڭغانىكەن چوقۇم ئاخىرىغىچە چىداش كېرەك، كەلگۈسىدە قىزىمنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ، مەندىنمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ۋۇخەن تەنتەربىيە ئىنستىتۇتى ئۆسمۈرلەر گىمناستىكا ئەترىتى 2012-يىلى 10-ئايدا جېڭجۇغا بېرىپ يېڭى بالىلارنى تاللىدى، تىرېنېر بىر قاراپلا شىڭشىڭنى تاللىدى. لېكىن يىلدا 17 مىڭ يۈەنلىك ئوقۇش-تۇرمۇش پۇلى خوۋ يەنۋېينىڭ بېشىنى قاتتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تىرېنېر قىزىمنىڭ ياخشى نوتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈەن تەنتەربىيە مەكتىپىدىكى بىر گىمناستىكا تىرېنېرىغا تونۇشتۇردى. ئۇ يەردە ئايلىق تۇرمۇش پۇلىغا پەقەت 210 يۈەنلا تاپشۇرىدىكەن. 

 ئەپسۇسلىنارلىقى دۇڭگۇەندە يەتتە ئايدىن ئارتۇق تۇرغاندىن كېيىن، شىڭشىڭنى تاللىغان تىرېنېرنىڭ كېتىشىگە ئەگىشىپ، خوۋ يەنۋېي بىلەن شىڭشىڭنىڭ دۇڭگۈەن سەپىرىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتى. قىزىنىڭ گىمناستىكا يولىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، خوۋ يەنۋېي قىزىنى ئېلىپ ۋۇخەنگە كېلىپ، شىڭشىڭنى ۋۇخەن تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىغا داۋاملىق مەشىق قىلىشقا ئەۋەتتى.

 ئۆزى خۇڭشەن رايونلۇق شەھەر تازىلاش 1-ئەترىتىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى بولدى، ئۇ ھەر كۈنى 11 سائەت ئىشلەيتتى، 2000 يۈەن مائاش ئالاتتى. ئۇ ھېسابلاپ مۇنداق دېدى: قىزىمنىڭ يىللىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇلىغا 17 مىڭ يۈەن كېتىدۇ، ئۆي ئىجارىسى، سۇ، توكقا بىر يىلدا تەخمىنەن 3600 يۈەن كېتىدۇ، كۈندىلىك تاماققا 10 يۈەنمۇ ئاشمايدۇ.

 قىزى تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىرگەندىن باشلاپ، خوۋ يەنۋېي ئۈگرە يېيىشنى باشلىدى. ئۇ ھەر كۈنى بىر كورا قۇرۇق سۇغا بىر بولاق(900 گىرام) ئۈگرە سېلىپ يېدى، يەتتە يىلدىن بۇيان تەخمىنەن ئىككى توننا ئۈگرە يەپ بولدى. ۋۇخەندە بىر بولاق ئۈگرە بەش يۈەن بولۇپ، بىر قېتىمدا 15 بولاق ئالسا بەش يۈەن ئەرزان ئالغىلى بولاتتى، شۇڭا خىزمەتداشلىرى دائىم ئۇنىڭ بىر قۇچاق ئۈگرىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتقانلىقىنى كۆرەتتى.

خوۋ يەنۋېي ئۈگرە سالماقتا

خوۋ يەنۋېي چۆپنى جياڭيۇ بىلەن ئاچچىقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ يېمەكتە

خوۋ يەنۋېي قىزى شىڭشىڭنىڭ بۇلتۇر خۇبېي ئۆلكىلىك تەنھەرىكەت يىغىنى گىمناستىكا كوللېكتىپ تۈرىدە ئالغان ئالتۇن مېدالىنى كۆرسەتتى.

خوۋ يەنۋېينىڭ قىزىنىڭ گىمناستىكا يولى تېخى ئۇزۇن

باش سۈرەت تاللاش x
  • خولوپ ئاش2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي جاپاكەش دادا قىزىنىڭ ئالغىنى ئاقئالتۇن مىدالمۇ نىمە

  • نۇرداش2 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ كىشى ھەقىقەتەن قىزى ئۈچۈن قاتتىق ئىرادىگە كەپتۇ،قىزى تىخى كىچىك ئىكەن،قىزچاق دادىسى تۆلىگەن بەدەلنى يىرىم يولدا تاشلاپ قويۇپ دادىسىنى نا ئۈمىد قالدۇرمىغىيدى،بۇ قىزنىڭ دادىسىدىن بەك تەسىرلەندىم،كۈندە ئۈچ ۋاخ كەسمە چۆپ يىيىش،نىمە دىگەن ئازاپلىق؟ ئاتىلىق مەسئۇلىيەت دىگەن شۇ دە،بۇ كىشىنىڭ مۈشكۈلى ئاسان بولغاي

  • مۈلجەرتاغ ئۇغلى ،2 ھەپتە ئىلگىرى

    بالسنڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ترشۋاتقان بارلق ئاتىلار ياشسۇن

  • 8092 ھەپتە ئىلگىرى

    بالسىنى سىتىپ پۇل تىپىۋاتقانلارمۇ بار، بالىسى ئۇچۇن جىنىدىن كىچىۋاتقانلار مۇ با، مۇشۇنداق جاپاكەش مىھىرىبان ئاتىلار ياشىسۇن

  • سەلكىن2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي دۇنيا قىسمەتلىرىڭدىن ئايلىناي ، ھەي جاپاكەش.....

  • بەخىت2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاتا ئانا پەرزەنت ئۈچۈن ھەممىنى قىلدۇ ھەر قانداق جاپا مۇشەققەتكە چىدايدۇ

  • ئىسكەندەر2 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك تەسىرلىككەن، خوۋيەنۋېيدەك مېھرىبان ئاتىلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت تۇرمۇشىنىڭ خۇشال خۇرام ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.

  • سەھرا2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي دادا ھەي جاپاكەش دادا بىزنىڭ قەلبىمىزدە پەقەت ئانىنىڭ مۇھەببىتى قالىدۇ دادىلار ئۈنسىز بەدەل تۆلىگۈچىلەردۇر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号