باش بەت

ئادىلجان

6811يوللانما
70مەستانە

ئامېرىكىلىقلار ئاز ئۇخلاپ تۇرۇپمۇ يەنە نېمىشقا زېھنىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31 21:40 23 ئىنكاس چۈشتى

مەن ئۇزۇندىن بۇيان بىر مەسىلىنى چۈشىنەلمەي، كەلدىم نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار بەكلا ئاز ئۇخلايدۇ؟

بۇ مەسىلىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىپ يەتكەن ۋاقتىم تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن ۋاقتىم، ئامېرىكىدا ئوقۇپ باققانلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ بەكلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئەتىگەن سائەت 8دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ دەرسكە چىقاتتىم، كەچتە سائەت 1گىچە كۇتۇپخانىدا تۇراتتىم، ھەپتە ئاخىرىمۇ بوش ۋاقتىم يوق ئىدى. مەن تىرىشچان ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ ئىدى، ھەتتا ئازراق ئارام ئالغۇدەكمۇ ۋاقىت چىقمايتتى. 

بىزنىڭ بىر ئاساسلىق دەرسىمىزنى ئېلىپ ئېيتسام، بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم دەرس بار، ھەر قېتىمدا ئۈچ سائەت دەرس ئوقۇيتتۇق، ھەر قېتىم دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن پىروفېسسور مەكتەپ ئىچى تورىدا شۇ كۈنىدىكى ئوقۇش ماتېرىيالىنى يوللايتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن چۈشۈرگەن ئىلمىي ماقالىلەر ۋە كۇتۇپخانىدىن سىكاننىرلىۋالغان كىتابلار ئىدى، ئادەتتە ھەممىسى PDF شەكلىدە بولۇپ، چۈشۈرۈۋالغاندىن كېيىن كۇتۇبپخانىدا ھەقسىز بېسىپ چىقىرىۋالاتتۇق. ھەر قېتىم نەچچە يۈز دانە A4 قەغەزنى سەرپ قىلاتتۇق (ئالدى-كەينى بېسىپ چىقىراتتۇق)، بەزىدە بېسىپ چىقىرىپ قارىساق 60-70 ۋاراق ئەتراپىدا چىقسا، بۈگۈنكى ماتېرىيال ئازكەن دەپ يېنىكلەپ قالاتتۇق. بۇلارنى بىكار ئولتۇرۇپ ژۇرنال ئوقۇغاندەك ئىش دەپ قالماڭ، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى چۈشىنىش قىيىن بولغان ئىلمىي ماقالىلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە ناھايىتى ئاز رەسىم قىستۇرۇلىدۇ. 

مۇشۇلارنى كۆرسىلا بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن؟ ئۇنداق ئەمەس. ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن پىروفېسسور ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئېلخەت يوللاپ، پۈتكۈل ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوقۇيدىغان كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ بېرىدۇ، جەمئىي 30 نەچچە پارچە كىتاب، ھەممىسى ئىلمىي ئوقۇشلۇق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىن كىتابخانىغا بېرىپ سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەر ھەپتىدىكى دەرستە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر-ئىككى پارچە كىتاب تەھلىل قىلىنىدۇ. ئەمما بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك يوق. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر ھەپتىدە ئىككى پارچە ماقالە يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنە تېخى ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن بۇرۇن تاپشۇرىدىغان ماقالىلەرنى تەييارلاش كېرەك. 

بۇ تېخى دەرسلىكنىڭ ئىچىدىكى بىر پەن. باشقا ھەر بىر پەننىڭ پىروفېسسورى ئادەمنى خۇددىي پومىشچىكتەك قىينايدۇ. بىر يىللىق ماگىستېرلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ھەر بىر ئادەم ھايات-ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەندەك، ئوقۇش پۈتكۈزگەندە قايتىدىن يارالغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئوقۇغۇچى ئىنىستىتۇت ئىچىدىكى خاتىرە بۇيۇم دۇكىنىغا بېرىپ ئۈستىگە «I survived J School» دېگەن خەت بېسىلغان  (J School مەن ئوقۇغان ئىنىستىتۇتنىڭ نامى) مايكا سېتىۋېلىپ خاتىرە قىلىپ ساقلايدۇ، بۇ سۆز «مەن J Schoolنى پۈتكۈزۈپمۇ ھايات قالدىم» دېگەن مەنىدە. 

بۇنداق زور مىقداردىكى خىزمەتنى نورمال خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىدا تاماملاپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا مەن ھەركۈنى باش چۆكۈرۈپ مەكتەپ ۋە تۇرالغۇم ئارىسىدا ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يۈرەتتىم. بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلغان باشقا فاكۇلتېتلارنىڭ قىزىقارلىق دەرسلىرىنى كۆپرەك ئاڭلاش، باشقىلار بىلەن كۆپرەك تونۇشۇش، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش قاتارلىق گۈزەل تەسەۋۋۇرلار رەھىمسىز رېئاللىق تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغانىدى. گەرچە ھازىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنى ئەسكە ئالسام ھازىرمۇ يۈرىكىم جىغىلدايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مەن تۇرغان جايدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ 300 مېتىم ماڭسام مەن ئىزچىل ئىنتىلىپ كەلگەن مەركىزىي باغچىغا يېتىپ باراتتىم، ئەمما توپتوغرا ئۈچ ئاي بېرىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغانىدىم. 

ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ سىنىپتا جەمئىي توققۇز ئوقۇغۇچى بار ئىدى، بۇلارنىڭ مەن ۋە يەنە بىر ئاۋستىرالىيەلىكتىن باشقىلىرى ئامېرىكىلىق ئىدى. باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئالدىراشچىلىق ئىچىدىلا يۈرەتتى، ھەتتا كۆزلىرى قىزىرىپ كېتەتتى. ئەمما تولۇق كۇرسنى خارۋاردتا ئوقۇغان بىر ئامېرىكىلىق ساۋاقدىشىمنىڭ چىرايىدىن ھەر كۈنى نۇر يېغىپ تۇراتتى، زېھنىي قۇۋۋىتىمۇ جايىدا ئىدى. مەن بۇرۇن ئۇنى ماتېرىيال ئوقۇمايدىغان ھورۇن بولسا شۇڭا ۋاقتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايتتىم. ئەمما كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بايقىدىم، ئۇ كۆپ قىسىم ئۆگىنىشىنى تاماملاپ بولۇپ، يەنە لېكسىيە ئاڭلاش، كېچىلىكلەرگە قاتنىشىشقا ۋاقىت چىقىرالايدىكەن.

ئۇنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھەر كۈنى سەھەر سائەت ئۈچ يېرىمدا ئۇخلايدىكەن، ئەتىگىنى سائەت يەتتە يېرىمدا تۇرىدىكەن. مەن بەكلا ھەيران قالدىم. ئۇنىدىن بۇنچە كەچ ئۇخلاپمۇ نېمە ئۈچۈن زېھنىنىڭ بۇنچە ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقىنى سورىدىم، مەن تېخى ھەر كۈنى ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلاپ، ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ جىسمىمنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىگىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم دەپ قارىغانىدىم.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇرۇندىن مۇشۇنداق ئىكەن، ھەر كۈنى تۆت سائەت ئۇخلىسىلا بولىدىكەن، ئامېرىكىدا خىزمەت، ئىجتىمائىي ئالاقە، ئۇيقۇدىن ھەر بىر ئادەم پەقەت ئىككىسىگىلا كاپالەتلىك قىلالايدىكەن، ئەمما ئۇ ئۆگىنىشمۇ ھەم ئىجتىمائىي ئالاقىنىمۇ قولدىن بېرىشنى خالىمىغاچقا، ئۇيقۇسىنى قۇربان قىلىدىكەن. 

كېيىن مەن ئالىي دەرىجىلىك مەكتەپلەردىلا ئەمەس، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئاشۇ كىشىلەرمۇ ئاساسەن مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇلار ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە شۇنداقلا كۆڭۈل ئېچىشنى تەڭ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كېلىشىۋالغاندەكلا ئۆزىنىڭ ئۇيقۇسىنى قۇربان قىلىدىكەن، ئامېرىكىدا ھەر كۈنى 4-5 سائەتلا ئۇخلايدىغانلار ساناقسىز.

مەسىلەن: بىزنىڭ پىروفېسسورمۇ شۇنىڭ بىرى. ئۇ دەرس ئۆتكەندىن باشقا، بىرقانچە تاراتقۇنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى، ھەر ھەپتىسى نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازىدۇ؛ يەنە تېخى تۈرلۈك مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە تەتقىقات پىلانلىرىغا قاتنىشىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ يەنە كىتاب يازىدىغان ۋاقتىمۇ بار. ئوقۇغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ ئالدىراش. مەن ئۇنىڭ كۈندە قانچە سائەت ئۇخلايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، مەن پەقەت بىزنىڭ ئېلخەت ساندۇقىمىزغا ئاخىرقى قېتىم كېلىدىغان ئېلخەتنىڭ ئۇنىڭدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ھەر كۈنى سەھەردە تاپشۇرۇۋالىدىغان تۇنجى ئېلخەتمۇ ئۇنىڭدىن كېلىدۇ. بەزى ۋاقىتتا مەن كەچتە سائەت 1دە ئۇنىڭغا تاپشۇرۇقنى ئەۋەتسەم، ئەتىسى سەھەردە ئۇ ئەۋەتكەن تۈزىتىش پىكرىنى تاپشۇرۇۋالىمەن، ئۇنى ئۈستىگە ئۇنىڭ تۈزىتىش پىكرى سەھەر سائەت 3-4لەردە كېلىدۇ. ئەمما ھەر كۈنى سەھەردە سائەت 9دا دەرس باشلانغان ۋاقىتتا ئۇ بىرەر قېتىممۇ كېچىكىپ باقمىغان. 

تاراتقۇلارمۇ دائىم ئۇيقۇ ۋاقتى ھەققىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ ھەر كۈنى پەقەت 3-4 سائەت ئۇخلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، مەسىلەن: ئوباما ھەر كۈنى پەقەت ئالتە سائەت ئۇخلايدۇ، ياخونىڭ CEOسى مارىسسا مايېر ھەر كۈنى پەقەت تۆت سائەت ئۇخلايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يىل زۇڭتۇڭ سايلىمىنى لەرزىگە سالغان يەر-مۈلۈك ماگناتى تىرامپمۇ ئاران تۆت سائەت ئۇخلايدىكەن...

شىمالىي ئامېرىكىدىكى بىر جۇڭگولۇقلار مۇنبىرىدە مۇنداق بىر مەسىلە مۇھاكىمە قىلىندى:

ھەتتا Quoraدەك بۇنداق چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بەزىلەر مۇنداق سوئاللارنى قويدى: نېمە ئۈچۈن دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ CEOلىرى ھەر كۈنى پەقەت 4-5 سائەتلا ئۇخلاپمۇ يەنە نەچچە مىلياردلىق شىركەتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرالايدۇ؟

ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنىڭ ئېنىق جاۋابى يوق. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەزىلەر ھەر كۈنى پەقەت 4-5 سائەت ئۇخلىسىمۇ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ تېنىدە بىر خىل ئادەتتىن تاشقىرى گېن بولىدىكەن. ئۇلار بۇ خىل گېننى «ساچىر گېنى» دەپ ئاتىدى، چۈنكى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ساچىر خانىم دەل داڭلىق «ئاز ئۇخلىغۇچىلار»نىڭ تىپىكى ۋەكىلى ئىكەن. 

شۇڭا بىردىنبىر جاۋاب بۇ تۇغما قابىلىيەت. 

بىزگە ئوخشاش ئاز ئۇخلاش گېنى يوق، باشلىنىش نۇقتىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويىدىغانلارغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بەلكىم بىرىنچى، ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلىش، ئىككىنچىدىن ئۇيقۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش زۆرۈر بولسا كېرەك، بەزى ئىشلارنى ئۇخلاش ۋاقتىدا بېجىرگىلى بولسا بېجىرىۋېتىش كېرەك.

ئەگەر سىز ئەتىگىنى تۇرالمايدىغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى مەكتەپلەرگە بېرىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا تۆۋەندىكىسى ئامېرىكدىكى ئۇيقۇ ئەڭ كەمچىل 25 مەكتەپ ئىكەن.


1. كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.68 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 1:26am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:49am

2. Notre Dame ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.69 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 1:09am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:28am

3. كاسې ۋېستېرن ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.71 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:41am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:03am

4. پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.72 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 1:22am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:43am

5. كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىرۋىن تارماق مەكتىپى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.73 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:42am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:08am

6. كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى داۋىس تارماق مەكتىپى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.75 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:42am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:08am

7. Lehigh ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.75 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:47am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:15am

8. پۇردۇ ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.76 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:52am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:19am

9. نيۇيورك ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى باففالو تارماق مەكتىپى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.76 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:54am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:22am

10. كارنىج ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.78 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 1:13am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:36am

11. Brigham Young ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.79 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:21am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 7:42am

12. كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلېي تارماق مەكتىپى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.8 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 1:01am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:24am

13. خيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.81 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:45am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:17am

14. چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.81 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:52am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:14am

15. Northwestern ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.81 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 1:03am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:27am

16. كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.81 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 1:12am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:38am

17. گېئورگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.82 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 1:02am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:32am

18. رېنسېلېر تېخنىك ئىنىستىتۇتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.82 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 1:14am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:45am

19. دىرېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.83 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:45am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:16am

20. ۋېرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.83 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:47am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:18am

21. كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانجىلىس تارماق مەكتىپى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.84 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:48am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:15am

22. ماسساچۇسېتس تېخنىك ئىنىستىتۇتى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.84 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 1:08am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:37am

23. كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتىياگو تارماق مەكتىپى

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.85 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:48am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:16am

24. ۋىرگىنىيە فېدراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.85 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:55am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:26am

25. نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى 

ئوتتۇرىچە ئۇيقۇ ۋاقتى: 6.85 سائەت

ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى: 12:53am

ئوتتۇرىچە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى: 8:25am

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۆزھال2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بەك ئۇخلايمەن ،قانداق قىسسا مۇشۇنداق ئۇيقۇسى ئاز بولا

  • ئىمكان2 ئاي ئىلگىرى

    دۇنياغاداڭلىق گېتلىرىمۇ، كېچىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى، دۆلەت ئىشلىرنى بىر تەرەپ قىلىش، پىكىر يۇرگۇزۇش بىلەن ئۆتكۇزىدىكەنتۇق … داڭلىق رازۋېتچىك ھولمىسىمۇ، كېچىسى ئۇخلىماي، دېلو تەھلىل قىلىدىكەنتۇق …

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    بۇلار قەھۋەنى بەك كۆپ ئىچىدۇ. قەھۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىىنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى. بەلكىم مۇشۇنىڭمۇ تەسىرى بولىشى مۇمكىن.

  • 133******982 ئاي ئىلگىرى

    قانچە كۆپ ئۇخلىغانچە ئادەم شۇنچە خامۇشلىشىپ كىتىدۇ

  • رىئو2 ئاي ئىلگىرى

    شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئوتتۇرچە ئۇخلاش ۋاقتى 14 سائەت

  • يالغۇزۇم2 ئاي ئىلگىرى

    ئۆتكەن قېتىم كۆپ ئۇخلىسا باي بولغىلى بۇلىدىغانلىقىنى دىگەنتىڭلارغۇ مەن زادىلا چۈشىنەلمىدىم قانداق ئىش بوپ كەتتى بۇ ئەمدى

  • سىتۋ جوبىس2 ئاي ئىلگىرى

    تەھرىر ئادىلجان سز خارۋارتا ئوقۇغانمۇ ؟

  • jenny2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ماقالە ،مەن بەك ياقتۇردۇم ،مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يىزىپ تۇرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن

  • سىتۋ جوبىس2 ئاي ئىلگىرى

    رىقابەت تورداش سزنڭىچە نۇرغۇن ئۇتۇق قازانغانلار ئاسان قىرىپ ياشلا ئۆلۇپ كىتپتىكەندە

  • ئىسمىمنى نىم قويسام بولا2 ئاي ئىلگىرى

    توردىكى بەزى ماتىرىياللاردا قېنىپ ياخشى ئۇخلاش كېرەك كىچىدە تۈنىگەندە چوڭ مىڭىنىڭ قېرىشى تىز بولىدۇ ئۇيقۇ يىتەرلىك بوممىسا دىۋەڭلىك ئۇچى بۇچى كىسەللىك بولىدۇ يەنە بىر مۇنچە گەپلەر بار شۇنداق دەپ كۆرگەنتىم ئەجىبا بۇ يازما زىت بوپ قالىدىمۇ قانداق لىكىنغۇ بالدۇراق يېتىپ سەھەر تۇرسا بەك ياخشى سالدمەتلىككە پايدىلىق چوڭ دادام چوڭ ئاپاملا بەك سەھەر تۇرىدۇ سالامەتلىكى ھەر ھالدا خېلى ياخشى لىكىبن مەن زادىلا سەھەر تۇرامايمەن سەھەر تۇرۇپ قالسام چۈشتىن كىيىن قاتتىق ئۇيقام كېلىپ ھېچ ئىش خوشياقمايدۇ قارغاندا بەكلا ھورۇنكەنمە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号