باش بەت

نۇسرەتگۈل

7704يوللانما
110مەستانە

ھىندىستانلىق ئەر ئانىسىدىن پۇل ئالالماي ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى يەۋەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-01 12:00 76 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 1-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ماخاراشترا ئىشتاتى كولخاپۇر شەھىرىدە تۇرىدىغان 35 ياشلىق ئەر سۇنىل كۇچاكۇرنى (Sunil Kuchakurni) ئۆز ئۆيىدە 65 ياشلىق ئانىسىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن يۈرىكىنى ئويۇپ ئېلىپ قارىمۇچ تالقىنى ۋە مۇچ قىيامىغا مىلەپ يەۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، سۇنىل ھاراقكەش بولۇپ، بۇ قېتىمقى رەزىل قىلمىشنىمۇ ئانىسىدىن پۇل ئالالمىغانلىقى سەۋەبلىك سادىر قىلغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، سۇنىل ئۇزۇن مۇددەت ئىش تاپالمىغانلىقتىن ھاراق ئىچىدىغان يامان ئادەت يېتىلدۈرۈۋالغان بولۇپ، ئايالى بىلەن ئۈچ بالىسىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن بومبايغا كۆچۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئانىسىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ساقچىلار: «سۇنىل دائىم ئانىسىنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىغان. بىراق، بۇ قېتىم ئانىسى پۇلى بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئاچچىقىغا پايلىماي ئۇنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۈچەي ۋە يۈرىكىنى كېسىپ ئاپتۇ. يەنە تېخى يۈرىكىنى مۇچ قىيامىغا مىلەپ يەپتۇ» دېگەن.

سۇنىل ئاخىرىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • گېنىرال1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۆلۈم جازاسى بىرىلسە بەك ئاسان بوپ قالغان بولىدۇ،ئۆلۈپ قالماي ئازاپ تارتىشى كىرەك

  • مارۋىل1 ئاي ئىلگىرى

    بۇلارنى ھايۋان دەي دىسەم ھايۋانلارغا ئۇۋال قىلغان بولغىدەكمەن ،بولدىلا بۇ ئۆلگۈرلەر نېمە قىلسا قىلمامدۇ ،

  • سەردار2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ھىندىستاندا ساقچى بۇلسامكەن دەپ ئۇيلايمەن چۇنكى ئۇيەردە سەبى قىزلا ر تلا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىكەن ساقچى سەردار

  • سەردار2 ئاي ئىلگىرى

    ئەر كىشى دىگەن پۇلنى ئۇزى تاپسا بۇلمامدۇ مەن ئۇزۇم پۇل تاپىمەن ھەم بەگدەكلا ىەجلەيمەن

  • ئەسلىمە2 ئاي ئىلگىرى

    مىھمان توغرا دەيسىز مەنمۇ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن ھەي ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى يىيىشكە قانداقمۇ كۆڭلى ئۇنغاندۇ ھەتۆۋۋە ……

  • 。。。勇士2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ، مۇشۇ ھىندىستاندا ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىدىكەن.

  • تەكلى ماكان2 ئاي ئىلگىرى

    لىكىن پۇتۈن يىندىستان خەلقىگە بۇ ساراڭ ۋەكىلىك قىلالمايدىغو دەيمەن

  • تەكلى ماكان2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي شۇنداق قىلىش ما ساراڭنىڭ ئەقلىگە قانداق كەلگەندۈ توۋا ئاڭلىمىغان مۇشۇ خەۋەر قالغان ئەمدى

  • شاھزادە2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ھىندىلارنى نىم دىگۈلۈك چوڭلارنىڭ بەزى ئادەملەرنى ھىندىلا بىرنىمىكەنسەنغۇ دىگىنى مۇشۇ بولسا كىرەك

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    ياشىسۇن گۈزەل دۆلىتىمىز! دۆلىتىمىزدە قانۇن توغرا ھەم كۈچلۈك بولغاچقا ،ئانىلار ئەتىۋا بالىلار بەخىتلىك .....ئانىلارنى ھۆرمەتلەيلى. جۇڭگولۇق بولغانلقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن ،ياشىسۇن جۇڭگو،ياشنىسۇن ھەر مىللەت خەلقى .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号