باش بەت

ئادىلجان

5972يوللانما
34مەستانە

تىرامپ قارا بوران ئاپەت رايونىغا بىر مىليون دوللار ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-01 16:07 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاقساراي باياناتچىسى ساندرىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ قارا بوران «خارۋېي»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تېكساس ئىشتاتى ۋە لۇئىسىئانا ئىشتاتىغا بىر مىليون دوللار ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. تىرامپ شەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 2-كۈنى) ئاپەت رايونىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدىكەن. 

ساندىرس شۇ كۈنى ئاقسارايدا ئېچىلغان دائىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا پۈتۈن ئامېرىكا خەلقى ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىشكە ئاتلانغانلىقىنى، زۇڭتۇڭ تىرامپمۇ بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاپەت رايونىغا بىر مىليون دوللار ئىئانە قىلىشنى پىلانلىغان. ساندىرسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىئانە پۇل زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ شەخسىي بايلىقىدىن چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ قايسى تەشكىلات ياكى يول ئارقىلىق ئىئانە قىلىشنى تېخى قارار قىلمىغان. 

ساندىرس شۇ كۈنى يەنە زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرىنچى خانىم مېلانيا شەنبە كۈنى تېكساس ئىشتاتى ۋە لۇئىسىئانا ئىشتاتىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ قېتىملىق كۆزدىن كەچۈرىدىغان جاي تېكساس ئىشتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرى ۋە لۇئىسىئانا ئىشتاتىنىڭ چارلېس كۆلى شەھىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدىكەن. 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ زېمىن بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئىشلار ياردەمچىسى توماس بوساتنىڭ شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا تەخمىنەن 100 مىڭ ئائىلە قارا بوران «خارۋېي»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە قسىمەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كەلكۈن سۇغۇرتىسى ئېلىنمىغان بولۇپ، مال-مۈلۈك زىيىنى تېخىچە ھېسابلىنىۋېتىپتۇ. بوساتنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتىكى قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تېخىمۇ كەلكۈنگە قاپسىلىپ قالغان ئاھالىلەرنى ئىزدەش بىلەن بىرگە قۇتقۇزۇپ چىقىلغان ئاھائىلەرگە تاماق-ياتاق، داۋالاش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئىكەن. 

بوساتنىڭ ئېيتىشىچە، فېدراتسىيە جىددىي تەدبىر مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش فوندى 3.6 مىلايرد دوللار ئاجرىتىپ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىشلىتىشنى پىلانلىغان. بۇ فوند نۆۋەتتە تويۇنغان ھالەتتە بولۇپ، نورمال قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قامدىيالايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاقساراي يېقىندا پارلامېنتقا تولۇقلاش خاراكتېرلىك مەبلەغ ئاجرىتىشنى ئىلتىماس قىلىدىكەن. 

ئاپەت رايونىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە بوساتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئۆزىنىڭ سالاھىيەت مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدىكەن، قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەت ماددىي ئەشيالىرىنى  تارقىتىشتا بۇ ئىش ئۆلچەم قىلىنمايدىكەن؛ ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئامېرىكا پۇقرالىرى بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمەت ياردىمىدىن بەھرىمان بولالمايدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号