باش بەت

ئادىلجان

6830يوللانما
70مەستانە

ئۇچقۇچىلار نېمە ئۈچۈن ماشىنا ھەيدىسە بولمايدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-02 11:35 37 ئىنكاس چۈشتى


بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 2-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تورلاردا ھەربىي قىسىمدىكى ئۇچقۇچىلار ماشىنا ھەيدىسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە تارقىلىپ يۈرگەن سۆزلەر بار، ئۇچقۇچىلار نېمىشقا ماشىنا ھەيدىسە بولمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىنكاسى تېز، تېخنىكىسى ياخشى تۇرسا، ماشىنا ھەيدىسە پىشقان شوپۇرلاردەك ھەيدىيەلىشى مۇمكىنغۇ؟ 

ھەربىي قىسىمدا دەرۋەقە مۇشۇنداق بىر بەلگىلىمە بار، چۈنكى ئۇچقۇچى بەكلا ئەتىۋارلىق، مىسال كەلتۈرسەك، ئەگەر ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىسا ئايروپىلاننى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ ئۇچقۇچىنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بىر ئۇچقۇچىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش بەكلا قىيىن. ئۇچقۇچىنىڭ جىسمانىي ساپاسىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلۇپلا قالماي، يەنە پىسخىك ساپاسىمۇ ياخشى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئۇچقۇچىنى تەربىيەلەش تەننەرخىمۇ خېلىلا يۇقىرى. 

ئىگىلىنىشچە، بىر جەڭ دىجورنىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئۇچقۇچىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تەخمىنەن ئۈچ مىليون يۈەن پۇل كېتىدىكەن، بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بەش مىليون يۈەن كېتىدىكەن، دېمەك ئۇچقۇچىنىڭ قىممىتىنى ئېغىرلىقىغا باراۋەر كېلىدىغان ئالتۇن بىلەن تەڭ دېيىشكە بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچقۇچىنىڭ يەر يۈزىدىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، زۆرۈر بولمىغان زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش ئۈچۈن ھاۋا ئارمىيە قىسمى مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇچقۇچىلارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى چەكلىگەن. 

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بار، ئۇچقۇچىلارنىڭ نەچچە يىل مەشىق قىلىپ توپلىغىنىنىڭ ھەممىسى ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلار، قىسىمدىن چېكىنگەن نۇرغۇن ئۇچقۇچىلار ماشىنىنى ئىختىيارسىز ھالدا ئايروپىلان دەپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ھەيدىگەندە بىر قىسىم «كەسپىي كېسەللەر» كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئۇچقۇچىلار ماشىنا ھەيدىسە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 

ئەمەلىيەتتە ئەگەر ئۇچقۇچىلار ماشىنا ھەيدىسە ئىنتايىن يۇمۇرلۇق بىر كۆرۈنۈش بارلىققا كېلىدۇ، قېنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: ئۇچقۇچىلار داۋانغا چىققان ۋاقىتتا رولنى كۈچەپ تارتىپ سالىدۇ؛ ھەمىشە سۈرئەت ئاستىدەك ھېس قىلىدۇ؛ ھەمىشە ماي كىلاپانى ئوڭ تەرەپتە دەپ قالىدۇ؛ سۈرئەت ئاستىلاتقان ۋاقىتتا ھەمىشە سۈرئەت ئاستىلىتىش تاختىسى ئېسىگە كېلىدۇ؛ قىزىل چىراغقا دۇچ كەلسە چىراغ يېنىپ بولغۇچە بىردەم ئايلىنىپ تۇرۇشنى ئويلايدۇ؛ ئوڭ تەرەپتىكى ئورۇندا ئادەم بولمىسا غەلىتىلىك ھېس قىلىدۇ؛ ماشىنىدىن چۈشكەندە سومكىسىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ؛ ماشىنا ھەيدىگەندە سېرىق سىزىقنى بېسىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ھەر قېتىم ماي قاچىلىغاندا پۇل بەرگۈسى كەلمەيدۇ، چۈنكى ئايروپىلاندا ئىمزا قويۇپلا كېتىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؛ بۇرۇلغان ۋاقىتتا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇشنى ياقتۇرمايدۇ، يەنە تېخى ئازراق يانتۇ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بىخەتەرلىك تاسمىسىدىن بىرى كەمدەك ھېس قىلىدۇ؛ داۋاندىن چۈشكەندە رولنى ئالدىغا ئىتتىرىدۇ؛ ماشىنىنى توختىتىپ ئوتىنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، قول تورمۇزنى تارتىپ بولۇپ ئايلاندۇرۇپ باققۇسى كېلىدۇ؛ ھەمىشە ماشىنىدىكى كۇنۇپكىلار ئايروپىلانىدىكىدەك جىق ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ؛ مۇساپە كۆرسىتىش سائىتىنى ھەمىشە ئېگىزلىك كۆرسىتىش سائىتى دەپ قالىدۇ؛ ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇشقا كۆنەلمەيدۇ؛ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ماشىنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ تەكشۈرۈپ باقىدۇ؛ ماتورنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالغاندا قاتناش ساقچىسىغا مەلۇم قىلىدۇ؛ ماتور ئوت ئالمىسا باشقىلاردىن ياردەم سورايدۇ؛ دائىم كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئېكرانىغا قارىۋالىدۇ ۋە بۇلارغا بەكلا ئىشىنىدۇ، ئەتراپىغا بەكرەك دىققەت قىلمايدۇ؛ دائىم باشقىلارنىڭ قەھۋە ئەكىلىپ بېرىشىنى ئويلايدۇ؛ ماشىنا توختىماي قالغان ۋاقىتتا يېتەكلەش ماشىنىسىنى ئېسىگە ئالىدۇ؛ باشتىن ئاخىر سول قولىدا رولنى، ئوڭ قولىدا خوت ئالماشتۇرغۇچنى تۇتۇۋالىدۇ. تۇمانلىق ھاۋارايىدا رادار ئىزدەيدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئوت يۈرەك2 ئاي ئىلگىرى

    ماشىنا ئاستا ماڭسا ئىچى پۇشۇپ قالدىغان دۇ ،

  • 151******482 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭما بىر ئۇچقۇچى بولغۇم با بۇيىل 15كىردىم تۇلۇقسىزنى 3يىلىقىدا ئۇقۇيمەن ئەما كۈزۈم يىرىقنى كۈرەلمىيدۇ

  • 185******562 ئاي ئىلگىرى

    كەسپى ئادەت دەپ كەلسەك بوكىش شاھى ئەلى تايسېنلار كۆرگەنلا ئادەمگە سەكرەپ يۈرەپ مۇشلاپ يۈرىدىغان ئىشلارمۇ بامىدۇ،
    لىكىن مەن ئۇلار بىلەن بىرنەرسە دىيىشىپ قالغۇدەك بولسام ئۇلار ئادەتلىك سالام قىلىۋاتقاندا قائىدىنى بۇزۇپلا تىكىۋىتىمەن

  • 185******562 ئاي ئىلگىرى

    توختاش ئۈچۈن تولىمۇ يىراقتىن تەييارلىقنى باشلىۋىتىدىغان ئىشمۇ بادۇ بەلكىم

  • ئۇچقۇچى 72 ئاي ئىلگىرى

    بۇلارنىڭ ھەممىسى راس گەپ ،مەن ئەملىيەتتە ئۇچقۇچى .

  • بىلىمخۇر2 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا پۇل بەرمىسىمۇ تەربىيلەپ ئۇچقۇچى قىلىپ قويغان بولسا چىقىمنى تىجەپ قالاتتى

  • ئەپەندى2 ئاي ئىلگىرى

    گىنرال تورداشنىڭ گىپىنى قوللايمەن………………

  • قار لەيلىسى2 ئاي ئىلگىرى

    بەك كۇلۇپتىمەن رەھمەت ئۇچقۇچىنىڭ ماشىنا ھەديىگەندىكى يىزىلغاندەك قىياپەتنى كومىدىيەلىك فىلىم قىلسا كۇلۇپ تىلقىپ قالغۇدەكمەن

  • 181******242 ئاي ئىلگىرى

    شۇ يىتەرلىك ئۇچقۇچىغا نىم قىلدۇ يەردە ماشىنا ھەيدەپ بىر ئوبدان ئايروپىلەن تۇرسا ھەيدەيدىغان

  • مەبلەغ2 ئاي ئىلگىرى

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇشۇ ماشىنا ھەيدىگەن ئادەم موتو ھەيدىسە قەتىي بولمايدۇ دەيدۇ.نىمە ئۇچۇن دىگەندە،
    بۇنى مەن دېمىسەممۇ ئەقىللىق تورداشلار بولۇپ بولدىغۇ دەيمەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号