باش بەت

نۇسرەتگۈل

7790يوللانما
112مەستانە

تايلاندلىق 7 قىز-يىگىت «ئالۋاستى ئۆيى»گە كىرگەندىن كېيىن بەشەيلەن ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-02 11:42 15 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدىكى «ئالۋاستى ئۆيى»دە يۈز بەرگەن ئىش تايلاند تورىدا كەڭ تارقالدى. ئىگىلىنىشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى 7 قىز-يىگىت بۇ «ئالۋاستى ئۆيى»نى ئېكىسپېدىتسىيە قىلغاندىن كېيىن 5ى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئىككىسى ھايات قالغان.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھايات قالغانلاردىن بىرى بولغان نەنزىنون (مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانۇن كەسپىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى): «ئىككى يىل ئىلگىرىكى مەلۇم بىر كۈنى كەچ سائەت 11لەر ئەتراپىدا 6 يىگىت، بىر قىز بىرلىكتە ھاراق ئىچكىلى باردۇق. ئازراق مەست بولغاندىن كېيىن موتسىكلىت بىلەن باڭكوكتىكى تاۋىۋاتانا يولىغا جايلاشقان مەلۇم بىر تاشلاندۇق قورودىكى <ئالۋاستى ئۆيى>نى ئېكىسپېدىتسىيە قىلغىلى كىردۇق. ئەينى ۋاقىتتا بىز يىراقتىن بۇ ئۆينىڭ چىرىغىنىڭ يورۇق ئىكەنلىكىنى كۆرگەنىدۇق. بىراق، ئۆيگە يېقىنلىشىشىمىز بىلەن چىراغ تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالدى. بىز بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ موتسىكلىت بىلەن نەق مەيداندىن ئايرىلدۇق. قورونىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە قوللىرىمىزنى جۈپلەپ <ئالۋاستى ئۆيى>گە قاراپ تىلەك تىلىدۇق. ئارىدىن تەخمىنەن 3 ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن ئارىمىزدىكى بىر يىگىت بىلەن بىر قىز موتسىكلىتلىق كېتىۋاتقاندا ماشىنىغا سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كەتتى؛ يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن يەنە بىر دوستىمىز موتسىكلىتىنى ماشىنىدىن قاچۇرىمەن دەپ دەرەخكە سوقۇلۇپ كېتىپ بوينى ئۈزۈلۈپ كەتتى. بۇ ئىككى ۋەقە ئوخشاش بىر ئورۇندا يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىر ئاق كۆينەك كىيىۋالغان ئايالنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى.

ئۇ يەنە: «بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىككى دوستىمىز ئوت ئاپىتىدە قازا قىلدى. قوشنىلىرى ئەينى ۋاقىتتا بىر ئاق كۆينەك كىيىۋالغان ئايالنىڭ ئۇلارنى ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپتۇ. ھازىر ھايات قالغان ئىككىمىز بەكلا قورقۇۋاتىمىز. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئېھىتمال ئىككى يىل ئىلگىرى <ئالۋاستى ئۆيى>دىكى ئەرۋاھلارنى چۆچۈتۈپ قويغانلىقىمىز بولۇشى مۇمكىن. ھازىر بىز ماشىنا كۆتۈرەگە ئېلىپ 9 بۇتخانىغا بېرىپ ئاشۇ ئەرۋاھلار بىلەن 5 دوستىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ سەدىقە بېرىۋاتىمىز» دېدى. 

سۈرەتتە، تايلاندتىكى داڭلىق پالچى ئەرۋاھ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

ئۇ: «بۇ جايدا ھەقىقەتەن ئەرۋاھلار بار. بىراق، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئەرۋاھلارنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسى <ئۇلار ئۆزلىرى تېرىغان بالا>» دېدى.

بۇ قورونىڭ 64 ياشلىق باشقۇرغۇچىسى: «بۇ قورو بەك چوڭ، كۆلىمى 320 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بىراق، بۇ قورودا پەقەت ئىككى كورپۇسلا ئۆي بار، باشقا يەرلىرىنىڭ ھەممىسى تاشلاندۇق يەر. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئۆي، يەنى <ئالۋاستى ئۆيى>نىڭ ئىگىسى ۋاپات بولغىنىغا خېلى يىللار بولدى، ھازىر ھېچكىم تۇرمايدۇ. يەنە بىر ئۆيدە مەن تۇرىمەن. مېنىڭ بۇ جايدا تۇرۇۋاتقىنىمغا 14 يىل بولدى. ئەزەلدىن ئالۋاستى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئىلگىرى بىر ئەر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇشۇ جايغا تاشلىۋېتىلىپتىكەن. كېيىن بۇ يەرگە سۇغا چۆمۈلگىلى كەلگەن 5 بالا تۇنجۇقۇپ قالدى. بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تاسادىپىيلىق» دېدى. 

1-سېنتەبىردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، باڭكوك يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى «ئالۋاستى ئۆيى»نىڭ ئىشىكىنى تاختاي بىلەن مىخلىۋەتكەن ھەمدە ياشلارنى بۇ يەرگە كېلىپ ئوينىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەن كىم2 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدى بۇيەر خەلىقئارالاشقان ساياھەت ئۇرنى بۇلمىغىننى بىر كۇرەي ئىلاننىڭ ئۇزىغۇ بۇ

  • نىگار2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئىشىنىمەن ، دىمىسىمۇ بەزىلەرنىڭ بىشىغا كىلىپ باقمىغانكىن ئىشەنمەيدۇ، كائىناتنىڭ سىرلىرى ھەقىقەتەن بەك جىق

  • ئەفسۇس2 ئاي ئىلگىرى

    بەلكىم راستۇ ......................

  • 132******552 ئاي ئىلگىرى

    فانتازىيە بىللە بېرىپ كىلەمدۇق يا

  • غىرىپ ئۇيغۇر قىزى2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي جىڭ ساراڭمۇ نىمە بۇلار ئەرۋاھ بىلەن پاراڭلىشىپتىمىش ئۇنداق ئىشبۇلسا نىمىشقا باشتا ئاشۇ خۇتۇننى چاقىرتىپ كىردىغانلىقىنى ئۇلتۇرمەسلىكىنى دەپ قۇيمايدۇ دۇتلەر ئۇدۇل كەپ قالغاندۇ ئەجىلى

  • 152******762 ئاي ئىلگىرى

    ھەي بىچارىلە بارمىسىا نىم بۇلادى

  • فانتازىيە2 ئاي ئىلگىرى

    باردىغانلا بامۇ ھەي ،،،،،،،،،،،،،،،

  • ئەنجان2 ئاي ئىلگىرى

    ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھى ئارام تاپمايدۇ ،ئۇلار ئاشۇنداق ئادەم بارمايدىغان تاشلاندۇق يەردە تۇرىدۇ ،ئەرۋاھ راستلا بار

  • مەڭگۈ ۋاز كەچمەيمەن2 ئاي ئىلگىرى

    كەچ سائەت 11ئالتە قىز بىر ئوغۇل ھاراق ئچپ لاغايلاپ يۈگەندىكىن بەلكى بولۇشقا تىگشلك ئش بولغاندۇ،لىكىن مەن ئشەندىم

  • 135******632 ئاي ئىلگىرى

    خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىگىنى قانداق تەڭشەيدىغاندۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号